خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان تور كونتروللۇقى ۋە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئەھۋالى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 8-9-ئاي مەزگىللىرىدە «ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلاپ ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

8-ئاي مەزگىلىدە خىتاي ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئاكتىپ ئۇچۇر يوللاپ كېلىۋاتقان تور بلوگ ساھىبلىرىنى قولغا ئېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. 2013-يىلى 9‏-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ئالىي سوت ۋە ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى مەۋجۇت ئالاقىدار قانۇنلارنى تەتبىقلاشنى كېڭەيتىپ، توردا ھاقارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە توردا تارقىتىلغان ئىغۋا 500 گە يەتسە شۇ كىشىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قارار ئېلان قىلىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 17-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭ جياۋەن ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى 16 ياشلىق ئۆسمۈر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياڭ خۇينى «توردا ئىغۋا تارقاتتى» دەپ قولغا ئېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 23-سېنتەبىر كۈنى ياڭخۇي گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خىتاي ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى چەكلىمە ۋە كونتروللۇقىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى،گەنسۇدا يۈز بەرگەن 16 ياشلىق ئۆسمۈرنى «توردا ئىغۋا تارقاتتى»دەپ قولغا ئېلىش ۋە قويۇۋېتىش ۋەقەسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى سېلىشتۇرۇپ،ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەزىز ئەپەندى يېقىنقى بىرقانچە ئايدا خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان«ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەنە بىر قېتىملىق باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىنتېرنېت، ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ ھەرقانداق ئۆلكىسىدىنمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 9-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئەدلىيە قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ قارارنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى سوفىيە رىچاردسون بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ يېڭى جازالاش تەدبىرى نامدا ‹يامان نىيەت ۋە پىتنە ئىغۋالارنى جازالاش› نى مەزمۇن قىلغان دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى پاش قىلغۇچىلارنى نىشان قىلغان.» دېگەن. سوفىيە خانىم يەنە بۇ قارارنىڭ دائىرىلەرنىڭ توردا ئۆزىنىڭ پىكىر ھوقۇقىنى قوللانغان كىشىلەرنى قاماققا ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، توردا ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش نىشانىغا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن، ئۇيغۇر بىز، دىيارىم، شەبنەم قاتارلىق 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بېكىتىنىڭ تاقىۋېتىلىپ، مۇخبىر غەيرەت نىياز قاتارلىق تور يازغۇچىلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋەقەسى، شۇنداقلا بۇ يىل 9-ئايدا يەكەن قاتارلىق جايلاردا ئىنتېرنېتتا چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى ۋە ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئائىت فىلىملارنى كۆرگىنى ئۈچۈنلا 9-يىلدىن 10-يىلغىچە بولغان ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ئېغىرلىشىپ، ئىنتېرنېت كونتروللۇقى تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان «توردا ئىغۋا تارقاتقانلارنى جازالاش» قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەر يولغا قويۇۋاتقان بۇ تەدبىرلەرنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت تەرەققىياتىغا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە 5-ئىيۇلدىن كېيىن قايتىدىن گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر دەۋرىگە كىرگەن بۈگۈنكى شارائىتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قانۇنلار ئارقىلىقلا، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ۋە ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر تارقىلىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭمۇ خەلقئارا تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ماسلىشىپ تېخىمۇ گۈللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.