مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىش قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك مىللەت ئادەم ئىسىملىرىنىڭ خىتايچىسىنىڭ يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇزىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى بۇ يىل 23‏-ئىيۇن ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، يەرلىك مىللەت ئادەم ئىسىملىرىنىڭ يېزىشىلىدىكى چېچىلاڭغۇلۇقنى بۇ يىل ئاخىرىلىرىغا قەدەر تۈزىتىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىز مەزكۇر بەلگىلىمە ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ساقچى پونكىتلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. شىمالىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى، ئىسمىنى تۈزىتىدىغانلار ساقچى پونكىتىنىڭ نوپۇس خادىمىنى ئىزدىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ساقچى: 1 «بۇ ئىشنى ئەتە ۋاقتىڭىز چىقسا، كەنت ساقچىسىنى ئىزدەپ تەپسىلىي ئەھۋالنى شۇنىڭدىن ئۇقسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ نوپۇس ساقچىسىنى ئىزدىسىڭىز، ئۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئالدى بىلەن كەنت ساقچىسىنى ئىزدەڭ. سىز كەنت ساقچىسىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۇياكى تۈزەشنىڭ قايىل قىلارلىق بىر سەۋەبىنى كۆرسەتسىڭىز، ئۇ سىزگە خەت قىلىپ بېرىدۇ. خەتنى ئېلىپ بىزنىڭ نوپۇس ساقچىسىنى ئىزدەيسىز» دېدى.

لېكىن باشقا بىر ساقچى پونكىتىنىڭ ئايال خادىمى، ئۇنداق ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما ساقچى پونكىتى پەقەت نوپۇس بىلەن كىملىكتىكى ئىسىملارنىڭ يېزىلىشىنى تۈزىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋايتاڭ، ئۇنداق ئۇقتۇرۇشنى مەن ئاڭلىماپتىمەنغۇ! ئاشۇ كارت بېجىرگەندەك نوپۇس ۋە كىملىكتىكى ئىسىمنى يازغان بولسا توغرا بولىدۇ. چوقۇم شۇنداق يېزىلىشى كېرەك. ئەگەر كىملىكتىكى ئىسىمنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن ئوخشاش كەلمىسە، خاتا يېزىلىپ قالغان بولسا، ئۇنى بۇ يەردىن ئۆزگەرتىپ بېرەتتى. لېكىن بانكا كارتتىكى ئىسىم باشقا ياڭزا يېزىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا قانداق بۆلىدىكى ئەمدى. »

يەرلىك مىللەت ئادەم ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىشىنى كونكرېت قانداق قېلىپلاشتۇرىدۇ، بۇ ھازىرغا قەدەر تازا ئايدىڭ ئەمەس. يېڭى بەلگىلىمىدە نۇرغۇن ھالقىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلمىگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت گۇۋاھنامىسى ياكى پاسپورتىدىكى ئىسىم- فامىلىسى قانداق ئېلىنىدۇ؟

ھازىرقى ئىسىم بىلەن فامىلىنى ئالماشتۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋال ئۆزگەرتىلەمدۇ؟ پاسپورت ياكى ساياھەت گۇۋاھنامىلىرىدىكى ئىسىمنىڭ ئىنگلىزچە ترانسكىرىپىيەسى قايسى تەلەپپۇزنى ئاساس قىلىدۇ؟ ھازىرقىدەك داۋاملىق خىتايچىنى ئاساس قىلامدۇ ياكى بۇرۇنقىدەك ئۇيغۇرچىسى قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا، ئەينەن ئېلىنامدۇ؟

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ستاتىستىكا ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبېرى مۇتەخەسسىسى تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئادەم ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىش ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز ئۆزگەرتىلىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىپ قالمىغان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى تۇغدۇرغان.

تۇغلۇق ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: «(ئامېرىكىغا) كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى قالايمىقان. ئاۋۇ كۈنى بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئىسمى ئەنۋەر ئىكەن. ئاخىرى كېلىپ، بۇنىڭ فامىلىسى ئەن، ئىسمى ۋېئېر بولۇپ قاپتۇ. ئاشۇ ئىسىم بىلەن ئىچكىرىگە بارسا بۇنى خىتايلا دەيدۇ، ھەرگىز ئۇيغۇر دېمەيدۇ.

ئەگەر ئۆلچەملەشتۈرىۋەتسە، كومپيۇتېر بىرلا قاراپ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىۋالىدۇ. ئىچكىرىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر بار. ئەگەر ئۇلار ئىسمىنى شۇنداق ئۆزگەرتىۋالسا، ئۇلارنىڭ ئىسمىغا قاراپ ئۇيغۇرلۇقىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. دېمەك، ئىسمىغا قاراپ بۇلار خىتايلاشقان دەپ بەزى خىتايلار بەلكى خوش بولىدۇ. ئەمما ۋاقتى كەلگەندە سېنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىڭنى بىلىشكە توغرا كەلسە، بەلكى تەلەپ قىلىپ، ساڭا بۇرۇنقى ئىسمىڭلارنى ئىشلىتىڭلار دېيىشى مۇمكىن.»

تۇغلۇق ئابدۇرازاق يەنە، ئۆزلىرىنىڭ 1996‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ئامېرىكىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلە قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئاقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇغلۇق ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: «ئابلەت ئابدۇرېشىت بىر قېتىم ئامېرىكىغا كەلگەنتىغۇ، ھېلىقى ئەبەيدۇللا دېگەن تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۇنىڭ بىلەن بىرگە. ئۇ ئادەم رەھمەتلىك بولۇپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا بىز ئۈچەيلەن ۋاشىنگتونغا بېرىپ كۆرۈشكەندە، ئۇ چاغدا بىزنىڭ توسا دەيدىغان تەشكىلات بارىدى. شۇ تەشكىلاتنىڭ مەن رەئىسى ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا بىز مۇشۇ توغرىلىق رەسمىي بىر لايىھە سۇنغان. ئابلەتكام شۇ ۋاقىتتا قوشۇلغان بۇنىڭغا. قوشۇلۇپ، بۇ ناھايىتى ياخشى لايىھە بولۇپتۇ، مەن بۇنى يۇقىرىغا سۇنىمەن. بۇنچىلىك ئىشلار قولىمىزدىن كېلىدۇ دەپ، ۋەدە بېرىپ كەتكەنتى.»

خىتاي ئاخباراتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئادەم ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋەئۆلچەملەشتۈرۈش پىلانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش يىلى» پروگراممىسىدىكى 20 نەچچە خىل تەدبىرنىڭ بىرىكەن.
ئۇنىڭدا، ئۇيغۇر ئادەم ئىسىملىرىنىڭ خىتايدىكى يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇزىدىكى 6 خىل قالايمىقانچىلىقنى تۈزىتىش تەكىتلەنگەن.

ئامما،ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئادەم ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىشى بىر خىل بىھۆرمەتلىك ۋە زوراۋانلىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلاردىكى مەدەنىيەت كىملىك خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

قاھار بارات: «خىتايدا قانداقلا بولمىسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرپى بىلەن ئىپادىلەشكە ھېچقانداق قىيىنچىلىق يوق ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇپ، خىتايچە خەتنىڭ پىنيىن سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى پۈتۈنلەي چۈشەنگىلى بولمايدىغان قىلىپ بۇزۇۋەتتى. بۇزۇۋەتكەندە بۇ يەردە مۇنداق ئىككى ئىش بار. بىرى، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ۋە ئىسمىغا ھۆرمەتلىك قىلماسلىق. ئىككىنچىسى، چوڭ مىللەتچىلىك، شۇڭا سېنىڭ ئىسمىڭنى بىزنىڭ خىتايلارنىڭ خىتايچە ئاھاڭ سىستېمىسىغا كىرگۈزىمىز، دەپ، بىر خىل زوراۋانلىق قىلدى» دېدى.

قاھار بارات يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىشىدىكى مەقسىتى«ئۇيغۇر تاۋۇش سىستېمىلىرىنى بۇرمىلاش» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئادەم ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۇيغۇرلارغا قۇلايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە ئوڭۇشلۇق باشقۇرۇشنى نىشان قىلغان.

ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ چىڭ يېقىندا رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر «ئادەم ئىسىملىرىنىڭ قالايمىقان بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى تېپىپ بەرگەن» دېگەن.