نيۇيورك شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان خەلقئارالىق يىغىندا يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىشقا ئاشقاندا ئوتتۇرىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
شۇ قاتاردا خىتاي ئىشغالىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەسىلىسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىر قىسمى مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئورنى قەيەردە بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشى ھەققىدىكى چۇقانلار 1989-يىلى بېيجىڭدىن باشلانغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى مەزگىلىدە ئاشكارا تەلەپ قىلىنغاندىن بۇيان، چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا بۇ خىل ئىستەكنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئىستەك ھەققىدە دەسلەپ بولۇپ تەپسىلىي قەلەم تەۋرەتكەن زىيالىيلارنىڭ بىرى خىتاي ئۆكتىچىسى ۋاڭ لىشيۇڭدۇر. ئۇ 2007-يىلى تەيۋەندە نەشر قىلدۇرغان «مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيەگە ئۆتۈشى ھەمدە شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قايسى شەكىلدە نامايان قىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە كەڭ-كۇشادە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىلىرى بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ ھال خىتاي زىيالىيلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ دېموكراتىيەگە ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ بىر مۇھىم تېما بولۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.
مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە ئاخىرلاشقان «خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە دېموكراتىيە ئۇپۇقى» خەلقئارالىق يىغىنىدا مانا مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا، خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ ھەقتە دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى، «تىبەت ئىشخانىسى» نىڭ مەسئۇلى كونگا تاشى يىغىندا ئالاھىدە قىلىپ تىبەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا «ئوتتۇرا يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئەڭ توغرا تاللاش دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتاي دېموكراتىيەگە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ مەزكۇر لايىھەدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يىغىن ئارىلىقىدا بىز ئۇنىڭدىن «ئوتتۇرا يول» ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغان ئوتتۇز-قىرىق يىلدىن بۇيانقى رېئاللىق بۇ لايىھەنىڭ ھېچقانچە روشەن بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتسىمۇ، نېمە ئۈچۈن دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لايىھەنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ يەردە بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ناھايىتى مۇھىم. ‹ئوتتۇرا يول لايىھەسى› نى ئەينى ۋاقىتتا دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ھازىر بۇ لايىھە پۈتكۈل تىبەت رايونىنىڭ ئورتاق سىياسىي مەۋقەسى سۈپىتىدە دۇنياغا مەلۇم. شۇڭا دالاي لاما ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەپلا ئۆزگەرتەلمەيدۇ. دەرۋەقە ئوتتۇرا يول لايىھىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر تۈپلۈك ئۆزگىرىشكە مەنسۇپ ھېچقانداق بىر ھادىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىدى. ئەمما ئۇنىڭدا كۆپلىگەن مەنپەئەتلىك نۇقتىلار بار. شۇڭا باياتىن مەن يىغىندا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، مەيلى خەلقئارادا بولسۇن، ياكى تىبەت رايونىنىڭ ئۆزىدە بولسۇن ۋە ياكى تىبەت خەلقىنىڭ ئۆزىدە بولسۇن بۇ لايىھە ئىزچىل قوللاشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا دۆلەت مەجلىسى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ھۆكۈمىتىمىز بۇنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭا دۆلەت مەجلىسىمىز تۈزۈپ چىققان بۇ سىياسەتنى بىر ئادەم خالىغانچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، تىبەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تارىختىكى ئەڭ مۈشكۈل بىر باسقۇچتا دېيىش مۇمكىن. مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا ‹ئوتتۇرا يول› ئىستراتېگىيىسىدىنمۇ ياخشىراق بىر يول مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى بىزگە ھازىر ئەڭ مۇھىمى تىبەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىرلىكنى يوقاتماسلىق ئەڭ مۇھىم. شۇڭا بىز بۇ لايىھىدە ئېغىشماستىن مېڭىۋاتىمىز. ناۋادا كەلگۈسىدە بىز بۇ ئۇسۇلنى كارغا كەلمىدى، دەپ قارىساق ئۇ چاغدا يېڭىدىن بىر لايىھەنى تۈزۈپ چىقالايمىز، دەپ ئويلايمەن.»
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر خىتاي ۋەكىل چېن پوكۇڭ ئۆزىنىڭ تىرەن ۋە سالماق سىياسىي ئانالىزلىرى، شۇنداقلا كۆپ قېتىملىق تېلېۋىزىيە سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە. ئۇ خىتايدىكى سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى مۇقەررەر بولسىمۇ، ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەممىلا مەسىلىنىڭ ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر باسقۇچلۇق خىزمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دەرۋەقە دېموكراتىيە كەلگۈسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئاساستا بىز ئىشلارنى ئۆز-ئارا كېڭىشىپ بىر ياقلىق قىلساق تامامەن بولىدۇ. بۇنىڭدا يالغۇز خىتايلار ئۆزلىرىلا ئەمەس، يەنە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار كېڭىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى، خىتايلار بىلەن تىبەتلەر دەرقەمدە ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنى مۇزاكىرىلەشسەك بولىدۇ. خۇددى شۇ شەكىلدە يەنە ئىچكىرىدىكى خىتايلار بىلەن خوڭكوڭدىكى خىتايلار مەسلىھەتلىشىپ خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلساق، دېمەك مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كېتىش مۇمكىن. دېمەك مۇشۇ ئاساستا مەسلىھەتلىشىش زورلۇق كۈچى ئارقىلىق، قان تۆكۈش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى تىنچ سۆھبەت ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ئەنە شۇنداق سۆھبەتكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن، ياكى خىتاي ۋەكىللىرى بولسۇن، ھەممەيلەن ئەقىل بىلەن، تىنچلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى، بۇ جەرياندا دېموكراتىيىنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، مەسىلىنى ب د ت نىڭ ئالاقىدار خىتابنامە ۋە شەرتنامىلىرىنىڭ روھى بويىچە ھەل قىلىشى لازىم. ئەنە شۇلاردا ئېنىق قىلىپ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنى مەيلى خىتاي بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر بولسۇن، ياكى تىبەت بولسۇن، ھەممىلا خەلق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەيدىغان بىر ماددا بار. ئەگەر بىز كەلگۈسىدە مۇشۇ پرىنسىپقا ئەمەل قىلالىساق، ئىشىنىمەنكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمىقى قىيىن ئەمەس.»
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن ئەنىۋەرجانمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان پىكىرلەر ماھىيەتتە تىبەتلەر يولغا قويۇۋاتقان «ئوتتۇرا يول» سىياسىتىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ بۇنىڭدىكى بەزى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئەنىۋەرجاننىڭ پىكرىچە، خىتايدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ئاخىرلىشىپ دېموكراتىيە ھەققىدە سۆز قىلىش مۇمكىن بولغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايسى يوسۇندا ھەل قىلىشنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارار قىلىشى ئەڭ ئاقىلانىلىك بولىدىكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئىلشات ھەسەن بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «كومپارتىيەنىڭ دىكتاتورىلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ «بۈيۈك جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى» نىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، يۈكسەك ئاپتونومىيەدىن بەھرىمەن بولۇپ ياشىغىنى ئەڭ ئەۋزەل تاللاش» دەيدىغان قارىشى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ خىتايدا دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشقان كەلگۈسىدە ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي بولمىغان مىللەتلەر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشتا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىكەن.