2017-يىلى ئۇيغۇرلار قازانغان نەتىجىلەر

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.01.02
shohret-mutellip.jpg ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف.
Social Media

2017-يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىم ۋە تەقىبلىرى كۈچەيگەن كۈلپەتلىك بىر يىل بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە سەنئەتكارلىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان بىر يىل بولدى.

1. 2017-يىلى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى د ن ئا تەتقىقاتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

2017-يىلى، چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى، ئەدىب-سەنئەتكارلىرى ئۆز دۆلەتلىرىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يىل بولدى.
2017-يىلى ئامېرىكا ئورىگىن شتاتىدىكى ساغلاملىق ۋە پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتىنىڭ يېڭى نەتىجىسى بارلىققا كەلدى. شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ گۇرۇپپىسى ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ د ن ئا (DNA)، يەنى گېنلىرىغا قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ نەتىجە قازاندى.

2017-يىلى مەزكۇر خەۋەر ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىدىكى زور ۋەقە دەپ تەرىپلىنىپ، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ئۇچۇرغا ئايلاندى.«MIT Technology Review» ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىل 7-ئايدىكى مەلۇماتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئورىگىن شتاتىدىكى ساغلاملىق ۋە پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۆھرەت مۇتەللىپوف باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ CRISPR دەپ ئاتالغان يېڭى تەتقىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ د ن ئا (DNA)، يەنى گېنلىرىنى تۈزىتىپ چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە شۆھرەت مۇتەللىپوف ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، ، شۆھرەت مۇتەللىپوف باشچىلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ يېڭى تەجرىبە گېنېتىكىلىق (ئىرسىيەت خاراكتېرلىك) كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گېنلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزگەرتىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن.
شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىلىرى 2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 2007‏-يىلى ئۇ كلونلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق مايمۇن غول ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلغان.
2013-يىلى ئامېرىكا «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ 19‏‏-دېكابىر ئېلان قىلىنغان سانىدا شۆھرەت مۇتەللىپوف 2013‏-يىلى دۇنيادىكى زور ئىلىم-پەن يېڭىلىقى ياراتقان 10 چوڭ ئالىمنىڭ بىرى، دەپ باھالانغان ئىدى. شۇ يىلى ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلىمۇ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى «مېدىتسىنادىكى 2013‏-يىللىق 10 زور بۆسۈشنىڭ بىرى» دەپ ئېلان قىلغان.

2. 2017-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس كۆكرەك راكىنى داۋالاشتىكى يېڭى دورا-«Neratinib» تەتقىقاتىدا تۆھپە ياراتتى.


2017-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كۆكرەك راكىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى زور بولغان بىر يېڭى دورىنى رەسمىي تەستىقلىغان.

«Neratinib» (نېراتىنىب) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يېڭى دورا ئاياللاردىكى كۆكرەك راكىنى داۋالاشتا نىشانلىق ئىشلىتىلىدىغان دورا بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئەكس تەسىرىنىڭ يوقلۇقى شۇنداقلا تابلېتكا ھالىتىدە ياسالغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دورا تەتقىقاتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

بۇ دورىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقات جەريانى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناقتىن ئۆتۈشىدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباسنىڭ تۆھپىسى زور بولۇپ،
ئامېرىكا دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، «دوكتور رىشات ئابباسنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى يېقىندا FDA تەرىپىدىن تەستىقلانغان كۆكرەك راكىنى داۋالاشتىكى يېڭى دورا -‹نېراتىنىب› نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە تۆھپە قوشتى. بۇ دورا ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە يەنى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئاياللار كۆكرەك راكىنى نىشانلىق داۋالاشتا سىناقتىن ئۆتكەن تۇنجى دورا ھېسابلىنىدۇ. بۇ دورا يەنە دەسلەپكى نىشانلىق داۋالاشتىن كېيىن، كۆكرەك راكىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.» دېيىلگەن.

«نېراتىنىب» ناملىق بۇ يېڭى دورىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلىنىپ، دورا ئىشلەش زاۋۇتلىرىغا يوللىنىشى دۇنيا دورا تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆكرەك راكىنى داۋالاش بويىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئامېرىكا يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پەنلىرى دوكتورى رەيھانگۈل بەكتۇر، ئامېرىكا ساغلاملىق ۋە پەن ئۇنىۋېرسىتېتى يەنى م ت ئى نىڭ گېن تەتقىقاتچىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپوف، شۋېتسارىيە بەيسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پەنلىرى دوكتورى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭمۇ ئوخشىمىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى يېقىنقى يىللاردا خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۈرگەن ئىدى.

3. 2017-يىل چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرى خەلقئارادا تونۇلغان ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكە بىر يىل بولدى.


ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ تۈركىيەدە ئىشلىگەن تۇنجى كىنوسى «ئاق كىت» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ تۈركىيەدە ئىشلىگەن تۇنجى فىلىمى 2017-يىل«ئاق كىت» 24-مارتتىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇپ، كۆپلىگەن تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا ياخشى باھاغا ئېرىشتى.«تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر فىلىم بىر ئۇيغۇر رېژىسسور تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تۇنجى فىلىم بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ دىققەت قوزغىغان.مەزكۇر فىلىم يەنە تۈركىيەدىكى «بەياز پەردە» ناملىق كىنو ئوبزورچىلىقى تورىدا بالىلار دۇنياسىغا بېغىشلانغان ياخشى فىلىم دەپ باھالاندى.

گېرمانىيەدىكى رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ رەسىملىرى 2017-يىلىمۇ خەلقئارا كۆرگەزمىگە تاللاندى

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە تاللىنىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى. 2017-يىلى رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ رەسىمى 2017-يىلى 5-دېكابىر ميۇنخېندا ئېچىلغان گېرمانىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ باۋارىيە شتاتلىق «2017-يىللىق كۆرگەزمىسى»دە تاللانغان 206 پارچە ئەسەر ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.

مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىملىرى 2016-يىلىمۇ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بىر يېرىم ئاي داۋام قىلغان «ئۆزگىچە دۇنياغا ساياھەت» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىگە تاللانغان ئىدى.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «چاھارباغ» ناملىق دراما ئەسىرى تۈرك دۇنياسى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ۋە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن 2017-يىلى 19-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن، 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «قورقۇت ئاتا دراما يېزىش مۇسابىقىسى» دا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «چاھارباغ» ناملىق دراما ئەسىرى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

مەلۇم بولۇشىچە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە تونۇلغان يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى 2017-يىلى 79 ياشقا كىرىپ قالغانلىقىغا قارىماي ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ھازىرغىچە 8 دراما ئەسىرى ۋە بىر قىسىم تارىخى رومانلارنى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ ئەسىرى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە ئەخمەتجان ھاشىرىغا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن «تۆھپىكار ئەدەبىياتچى» مېدالى بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.