ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر
2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنىڭ بىرى - ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە چەكلىنىشى بولدى. بۇ ئەھۋال خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن بېسىلدى.
2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا 4000 دىن ئارتۇق «قوش تىللىق يەسلىسى» قۇرۇلغان
2017-يىلنىڭ بېشىدا خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا «قوش تىللىق يەسلى» لەرنى 90 پىرسەنت ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا 2010-يىلى باشلىغان «قوش تىللىق مائارىپ» نى تېزلەشتۈرۈش پىلانىدا 2016-يىلىغىچە قۇرۇلغان يەسلىلەرنى 5500 گە يەتكۈزگەن. 2017-يىلى بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە يېڭىدىن 4 مىڭ 387 «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي تىلىنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش «قوش تىللىق يەسلى» لەر سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«خەلق تورى» نىڭ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 2016-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا 4387 «يېزا قوش تىل يەسلىسى» نىڭ يېڭىدىن كېڭەيتىپ سېلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا «قوش تىللىق يەسلى مائارىپى» نى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتكۈل خىتاي بويىچە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە يەنە 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزىلاردا 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان يەسلىلەر سانىنىڭ 5500 گە يەتكۈزۈلگەنلىكى ۋە 2017-يىلى ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان «قوش تىللىق يەسلى» لەرنىڭ 4387 دىن ئاشۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغانلىرى 3287، كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغانلىرى 1100 بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ئۈچ يىل ئىچىدە ھەقسىز «قوش تىللىق يەسلى» مائارىپىدا تەربىيەلىنىدىغان يېزا بالىلىرىنىڭ سانىنى 560 مىڭغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى2017-يىلنىڭ بېشىدا «سېلىشقا تېگىشلىكىنى چوقۇم سېلىش»، «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكى چوقۇم يەسلىگە كىرىش» دەپ نام بېرىلگەن نىشان بويىچە2017-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىغىچە 4408 يېڭى «يېزا قوش تىل يەسلى» لىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ بولغان.
2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى چەكلەندى
2017-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرىدا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى چىقارغان يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھۆججىتى تارقالدى.
ئۇنىڭدا بۇ يىل 9-ئايدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەرنىڭ بىردەك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى ۋە قاراقاش ناھىيەلىرىنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلغىنىدا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار مەزكۇر ھۆججەتنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش قارارى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى.
بەزى يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى، بۇرۇنقى بارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى، مەكتىپىگە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2017-يىل 20-نويابىردىكى ئىنگلىزچە سانىدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2017-يىل دېكابىردىن باشلاپ دۆلەت تىلىدىكى(خىتاي تىلىدىكى) 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ يول قويۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردە بۇ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ 3 يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن، 9 يىلى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن، قالغان 3 يىلى يەسلى-بالىلار باغچىسى ئۈچۈن دېيىلگەن. مەزكۇر گېزىتىنىڭ «يىراق چېگرادىكى ھەقسىز مائارىپ» ماۋزۇلۇق بۇ خەۋىرىدە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رادىكال ئىدىيەگە بوشلۇق قالدۇرۇلماسلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
2017-يىلى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مۇنبەردىن ھەيدەلدى، ئورنىغا خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلار سەپلەندى
2017-يىلى «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» نامىدا زور تۈركۈمدە خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ تېزلىتىلگەن «قوش تىللىق مائارىپ» قۇرۇلۇشىدا 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تىلى ۋە «قوش تىللىق مائارىپ تەربىيەسى» ئالغان «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 2 مىليون 249 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن.
2017-يىل 22-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مائارىپ خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيە يىغىنى ئاچقان. شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى «يېزا-كەنت قوش تىل يەسلى» لىرىگە غايەت زور مەبلەغ سالىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 80 مىڭغا يېتىدىغانلىقى، «قوش تىللىق يەسلى» لەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى نىشان قىلىپ، 44 مىڭ 500 گە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 2017-يىلى 13-ئىيۇندىكى سانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق» ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگە پۈتۈن خىتاي بويىچە يېڭىدىن 22 مىڭ 900 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى 6065 يۈەن قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، قوبۇل قىلىش2017-يىلى 15-مايدىن 21-مايغىچە داۋام قىلغان. ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى سانى 22 مىڭ 972 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 9291 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى، 7705 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، 2186 تۇلۇقسىز ۋە 3790 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىسى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە بۇلارنىڭ 70 پىرسەنتكىچە قىسمىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە، «يېزىلاردا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى يېزىلاردىكى يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 60 مىڭ نەپەر «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» قوبۇل قىلغان.
2017-يىلى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا رادىيومىز ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پېنسىيىگە چىقىرىلىش ياكى كەسىپ ئالماشتۇرۇش نامىدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ مەكتەپلەردىن چىقىرىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي خىتاي ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىمۇ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى 9-ئايدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ يېڭىدىن بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىدىن خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ۋە خىتاي تىلىدا دەرس بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنى ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا تورىنىڭ 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق»، يەنى ئەمەلىيەتتىكى خىتاي تىللىق يەسلى مائارىپى ساھەسى ئۈچۈنلا 44 مىڭ 500 نەپەر ئوقۇتقۇچى تولۇقلانغان. 2017-يىلى بۇ ساھەدىكى ئوقۇتقۇچىلار 70 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن. يېزا «قوش تىللىق يەسلىلىرى» دە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى بىر مىليون 112مىڭدىن ئاشۇرۇلغان.
2017-يىلى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساسىي نىشان قىلىپ قوبۇل قىلىنغان ئاتالمىش «قوش تىللىق» خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم رايونلاردىكى تەقسىملىنىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
1-، ئاقتۇ ناھىيەلىك دائىرىلەر 5-ئاينىڭ 21-كۈنى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جياڭشى، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن 178 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاقتۇ ناھىيەسىگە قوبۇل قىلىنغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارغا 6800 يۈەندىن 7000 مىڭ يۈەنگىچە ئايلىق مائاش ۋە بىردەك ھەقسىز تۇرالغۇ تەمىنلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ 72 نەپىرى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 64 نەپىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 24 نەپىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 18 نەپىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
2-، 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خىتاي خەلق تورىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 2876 نەپەر«قوش تىل» يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىغان «قوش تىللىق» يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە2017-يىل 8-ئايدىن بۇرۇن يېڭىدىن سېلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانغان ۋە 668 «قوش تىل يەسلىسى» دە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
3-، 2017-يىلى 7-سېنتەبىردىكى «مەركىزىي شەھەر ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى «يېزا قوش تىل يەسلى» لىرىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2017-يىلى 5000 نەپەر كادىر ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ جەنۇبتىكى «يېزا قوش تىل يەسلى» لىرىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 1200 نەپەر، قىزىلسۇغا 400 نەپەر، قەشقەر ۋىلايىتىگە 2000 نەپەر، خوتەن ۋىلايىتىگە 1400 نەپەر ئوقۇتقۇچى-كادىر ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
4-، بۇ يىل 9-ئاي مەزگىلىدە رادىيومىز يەكەن ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن يەكەندە «قوش تىللىق» يەسلى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان 3000 نەپەر ئوقۇتقۇچى سانىنىڭ پۈتۈنلەي ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنغان خىتاي كاندىداتلار بىلەن تولدۇرۇلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى.
0:00 / 0:00