ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى ئارخىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى
2017-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى مەركەشلەشكەن ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بىلەن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىرى،ئۇيغۇر دىيارىدا 16 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى، ۋە 9 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلۇشى بولدى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان يۈرۈشلۈك پروگراممىلارنىڭ 9-قىسمىدا بولسۇن.
خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى 9-ئايدا باشلىغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى 2017-يىلى مەجبۇرىي تۈس ئالغان ھالدا داۋاملاشتى.
2017-يىل 1-يانۋار كۈنى «خەلق تورى» نىڭ بىر خەۋىرىدە 2016-يىل 9-ئايدىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە» 2016-يىل 27-دېكابىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەمئىي 16 مىليون 850 مىڭ ئاھالە سالامەتلىك تەكشۈرۈش پروگراممىسىغا قاتناشتۇرۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭ 2017-يىل ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى قوزغاپ، بىرىنچى قېتىمدا جەمئىي 17 مىليون 500 مىڭ ئاھالىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزغان. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىي بىر مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.
دائىرىلەر 2017-يىلى2-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا 2-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى باشلىدى
خىتاي خەۋەرلىرىدە 2017-يىلى رايوندىكى 18 مىليون خەلق ئۈستىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بۇلاردىن 9 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئارخىپلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدە 2017-يىلى 2-ئايدا باشلانغان 2-قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە 7-ئايغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا جەمئىي 21 مىليون كىشى قاتناشتۇرۇلۇپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگە قەدەر جەمئىي 4 مىليون 270 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۈستىدىن شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2-قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىي 1 مىليارد 780 مىليون مەبلەغ ئاجراتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.خەۋەردە يەنە بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئوبلاست، 3 ۋىلايەتتە 9 مىليون 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەكشۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈلۈش نىسبىتى 99 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 2017-يىلى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش پروگراممىسىنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى ۋە قاتناشتۇرۇلىدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 96 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.خەۋەردە دېيىلىشىچە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى» خوتەن ۋىلايىتىدە 100 پىرسەنت ئورۇنلانغانلىقى مەلۇم.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلى ئېلىپ بارغان 2-قېتىملىق 2017-يىللىق ئومۇمىي خەلق «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» 15-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان.
خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر 2-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» گە بىر مىليارد 585 مىليون يۈەن پۇل ئاجراتقان. خەۋەردە، 2-قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ،، دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي خەلق «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» دە 18مىليون 750 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىيدىكى بىر ئوبلاست، 3 ۋىلايەتتە 9 مىليون 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۈستىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلغانلىقى تەكشۈرۈلۈش نىسبىتىنىڭ 99 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
رادىئومىزنىڭ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال ئىلگىلىشىچە، «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» قۇرۇلۇشى مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا ھەر بىر شەخسنىڭ قان ئۆرنىكى، DNA ئۆرنىكى ۋە باشقا فىزىكىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئېلىپ قېلىنىپ، كومپيۇتېردا ئارخىپلاشتۇرۇلغان.
رادىئومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بۇيرۇق بىلەن مەجبۇرىي قان ئېلىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ پۇقرالارغا بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلگەن ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ۋە ئۇلار ئۈستىدىن تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئايرىم دوختۇرخانىلاردا مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،قەشقەردە يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ قەشقەردىكى «يۈەن دوڭ» كەسپىي چەكلىك شىركىتى دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر دوختۇرخانا بىر ۋېنجۇلۇق خىتاي سودىگەر تەرىپىدىن 2010-يىلىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئىكەن.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى مەزكۇر دوختۇرخانىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر ئۇيغۇر سېسترا تەربىيەلەۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىك ئومۇمىي ئەھۋالى مۇشۇ دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئارخىپلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قوغان يېزىسىدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بىز يەنە قەشقەر قوغان يېزىلىق ساقچى پونكىتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچىنىڭ جاۋابلىرىدىن، تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ھەممىلا يەردە بارلىقى، قوغاندىمۇ بارلىقى ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەم تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ھەر قانداق كىشى ئۈستىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى قايتا دەلىللەندى. ئەمما بۇ ساقچى باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ «قۇرۇلۇش» نىڭ نوقۇل ھالدا «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» لا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ۋەزىيىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تورلاشتۇرۇپ، رايوننى ئۇزاققىچە مۇقىم ئىدارە قىلىشتىكى بىر خىل ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇماننى تەخمىن قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي يوسۇندىكى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ھەر بىر شەخسنىڭ قان ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
مۇتەخەسسىسلەردىن ئەنگلىيەدىكى دوختۇر ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئەنۋەر توختى ئەپەندى، نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، جۈملىدىن بۇ رايوندىكى مەلۇم بىر مىللەتنى نۇقتا قىلىپ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» باھانىسىدە شەخسلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى توپلىشى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.(ئاۋاز)
ئۇلار بايانىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى مەجبۇرلارغان بۇ خىل مەجبۇرىي DNA توپلاش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنى ئاگاھلاندۇردى.
2. 2017-يىلى 10-ئايدا خىتاي تەسىس قىلغان جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى تارمىقىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تېز سۈرئەتتە يۆتكەيدىغان «يېشىل ھاۋا يولى» ئىكەنلىكىمۇ ئاشكارىلاندى.
جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ 2017-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلغان بىر تەشۋىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، «يېشىل ھاۋا يولى» 2016-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان 500 قېتىمدىن ئارتۇق ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئورگىنىنى يۆتكىگەن.
خەۋەرلەردە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭ ئىچكى ئەزانىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق ئەمىلى سان بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىكەن. ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتمان 2016-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدا ھەر يىلى60 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ تەشۋىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى 2016-يىلى 7 ئاي ئىچىدە «يېشىل ھاۋا يولى» ئارقىلىق7 قېتىم ئادەم ئىچكى ئەزاسى يۆتكەش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. بىراق جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ تەشۋىقات دوكلاتىدا بۇ ئىچكى ئەزالىرىغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈلمىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش تۈزۈمى 2013-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. «شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان 4 يىل ئىچىدە ئاران 23 ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلغان ئىكەن.
مەزكۇرخەۋەر، خەلقئارادىكى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر، خىتايدىكى ساقچى، ئەدلىيە ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ بەزى دوختۇرخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، فالۇنگوڭچىلار، ئۇيغۇرلار ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە تارقالدى.
3. ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» خەلقئارادا قاتتىق تەنقىد قىلىندى
خىتاينىڭ 2016-يىلى 9-ئايدا باشلاپ 2017-يىلى داۋاملاشتۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
بۇ تەنقىدلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي يوسۇندىكى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ھەر بىر شەخسنىڭ قان ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2017-يىل 12-دېكابىر «خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا مىليونلىغان كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا» ماۋزۇلۇق بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى.دوكلاتتا،خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئومۇميۈزلۈك ھالدا DNA ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، قان تىپى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قارىچۇقىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر دوكلاتتا بۇ ھەرىكەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.مەزكۇر دوكلات ۋاشىنگتون پوچتىسى، ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
خەۋەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفېي رېچاردسوننىڭ «پۈتۈن بىر خەلقنىڭ DNA قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرىي توپلاش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. ئەگەر ئۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈشى دېگەندەك ناملار بىلەن مەخپىي ئېلىپ بېرىلسا، تېخىمۇ خەتەرلىك،» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون سۆزىدە: «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ 14-دېكابىر رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى قاتارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ ئارخىپلاشتۇرۇشىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورملىرىغا ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىدى.
سوفېي رېچاردسون رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىتلەپ، «مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئىسمىنى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەمەس ئومۇمىي خەلقنىڭ خۇسۇسىيلىقىنى دەپسەندە قىلىش، دەپ ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقنى سەھىيە خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار. ئەمما ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە يىغىش، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ خەۋىرى بولماي تۇرۇپ يىغىش ۋە ساقلاش، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى بەرمەي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى يوق» دېدى.
ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىيلەرگە ئائىت بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى يىغىش ھەرىكىتىنى بىخەتەرلىك نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولغاندا DNA ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان ھەر بىر ئادەم گۇماندار ھېسابلىنامدۇ؟ مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ نازارەت سىستېمىسىنىڭ قولى يېتىپ بارغان يەنە بىر ساھە ھېسابلىنىدۇ. مەنچە، دۆلەت بۇ يەردە كونترول سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتىدۇ ۋە بۇ سىستېما خەلقئارا نورملارغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان بىر سىستېمىدۇر.» دېدى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەقسىز ئومۇمىي خەلق «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى يولغا قويۇشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرىنى توپلاپ، DNA ئامبىرى قۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2017-يىلى 13-دېكابىر د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «خىتايدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىدا دوكلات بەر بەردى.
مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا 2016-يىلى9-ئايدا باشلىنىپ، باشلىنىپ 2017-يىلى داۋاملاشقان ئاتالمىش ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈپ، DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ مەجبۇرىي توپلىنىشى، ئارخىپلاشتۇرۇلۇشى، 10-ئايدا ئاشكارىلانغان خىتاي جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە تەسىس قىلىنغان، ئۇيغۇر ئېلىدا ئادەم ئورگىنى يۆتكەيدىغان «يېشىل ھاۋا يولى» كارىدورى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردا بارغانچە كۆپەيگەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى يۆتكەش، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈپ، ئارخىپلاشتۇرۇش، 2009-يىلدىن بۇيان بارغانچە كۆپەيگەن غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز ئورگان تىجارىتى بىلەن مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
0:00 / 0:00