2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (10)

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق دىنىي چەكلىمە سىياسەتلىرى

2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنىڭ يەنە بىرى رايوندا دىنىي-ئېتىقادقا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن ھەسسىلەپ كۈچەيتىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەسچىتلەرنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئورنىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، ئىسلامىي ئىسىملارنىڭ چەكلىنىشى، «قۇرئان كەرىم»، جايناماز ۋە باشقا دىنىي بۇيۇملارنىڭ يىغىۋېلىنىشى شۇنداقلا «ھالال» دېگەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بەلگىلىرىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى قاتارلىقلار خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلەش ۋە ئۆزگەرتىش قىلمىشى

2017-يىلى كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رايونلۇق دائىرىلەر يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا بىر قىسىم ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا «مۇجاھىت، جىھاد، ئابدۇپەتتار، ئەبۇلغازى، ئەزھەر، ئەسەدۇللا، ئەمىرۇللا، ئەمىرىدىن، ئەھرۇللا، ئەكبەر، غازات، تۈركىناز، تۈركىزاد، ئەبۇبەكرى، مۇسلىمە، مۇخلىسە، ئەراپات، ھاجى، غوجا، خۇدابەردى، تۈركئاي، مۇجاھىدۇللا» قاتارلىق 29 خىل ئىسىمنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قويۇلۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان بەلگىلىمىدە، ئەگەر يۇقىرىدىكى تىزىملىكتە ئورۇن ئالغان چەكلەنگەن ئىسىملار قويۇلغان بالىلار بولسا، بۇ بالىلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىنمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپ-سەھىيە رەسمىيەتلىرىنىڭ بېجىرىلمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىجرا قىلىنىشى ئەھۋالى توغرۇلۇق يەرلىكتىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئىگىلىدى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىشلەۋاتقان ئىدارىدە 2017-يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرى خىزمەتچىلەرگە مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 2017-يىللىق 4425-نومۇرلۇق ھۆججىتى» نامىدىكى ئۇقتۇرۇش ئوقۇپ بېرىلگەن. ئىدارە باشلىقى سۆزىدە ئىلگىرى بالىلىرىغا دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملارنى قويغۇچىلارنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ نوپۇس بۆلۈملىرىگە بېرىپ، بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىنى ئۇقتۇرغان.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى خوتەن ساقچىلىرى يەنە ئىلگىرى ئاللىقاچان قويۇلۇپ بولۇنغان ئىسلامىي ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش بۇيرۇقى بارلىقىنى ۋە خوتەندە چەكلەنگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش ئوبيېكتىنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەنلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر ساقچى يەنە خوتەندە ئۇلارغا تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا كىملىك بېجىرىش يېشىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ، يەنى 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ساقچى يەنە بۇ يىل خوتەن يېزىلىرىدىكى كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتى نامىدا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ساقچىخانىلارغا ھەمكارلىشىپ، يېزىلاردىكى چەكلەنگەن دىنىي ئىسىملارنى تىزىملاش ۋە ئاتا-ئانىلىرى ياقا يۇرتلارغا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلىش ياكى «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيەسى سەۋەبلىك يىغىۋېلىنىپ 2 ئايلىق ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئۆيىدە قالغان بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملاش خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئۇنىڭدىن يەنە ئىسىم ئۆزگەرتىشكە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋاب بېرىپ، ھازىرچە مەزكۇر يېزا تەۋەسىدە ئىسىم ئۆزگەرتىشكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنىڭ تېخى يوقلۇقىنى، ئەمما 7-ئايغا قەدەر بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلىپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلەش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم 4-ئانىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا ئىسىم قويۇشنىڭ ھەربىر ئاتا-ئانىنى ھاياجانغا سالىدىغان، خۇسۇسىي بىر ئىشلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش دېگەن نامدا دىنى ئەركىنلىك ھوقۇقىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر مىسالى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق بولغان بىر ئىشنىمۇ كونترول قىلىش ۋە چەكلەش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىراق بۇ مەنچە ئىنتايىن ئەخمىقانە ۋە قارشىلىق پەيدا قىلىدىغان بىر ھەرىكەت. بۇ مەيلى خىتاي قانۇنلىرىدا بولسۇن مەيلى خەلقئارا قانۇنلاردا بولسۇن ھېچقانداق بىر ئاساسقا ئىگە ئەمەس. بۇ تەدبىر ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق قىلىش ئەمەس ئەكسىچە، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ياتلىشىشىنى، ئۇ جەمئىيەتنى ئىنكار قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، خالاس».

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرىقوللىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىسىملارنىمۇ چەكلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

2017-يىلى ياز پەسلىدە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىسلامىي ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر-خەۋەرلەر كۆپەيدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىدا 6 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدە ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئېلانلار بېرىلدى.

2017-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى رادىيومىز قاراقاشنىڭ توخۇلا كەنتىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن خوتەندە دائىرىلەرنىڭ بالىلارغا دىنىي پۇرىقى كۈچلۈك بەزى ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەمدە بەلگىلىمىلەرنىڭ جاي-جايلاردا قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

مەسچىتلەردىكى «كومپارتىيەنى سۆيۈش» تەشۋىقاتى

رادىيومىز 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بۇ خىلدىكى «كومپارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەرگە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېسىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك خەلق بۇ ھەقتە ھېچقانداق پىكىر قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن «كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاسى ياخشى» دېيىشكە مەجبۇر قىلىنغان.

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەردە «پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» مەزمۇنىدىكى لوزۇنكىلارنىڭ ئېسىلىشى، بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان بۇ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا نىزاملارغا ياكى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنى «پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي تاللىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، » دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ مەسىلە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەسچىتلەرگە «كومپارتىيەنى سۆيۈش» دېگەن لوزۇنكىنى ئېسىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى «ئاللانى سۆيۈش» چۈشەنچىسىگە قىلىنغان خىرىس، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر زور ھاقارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە دىنىي زاتلارنى ئېتىقادچى ئاممىنى «مۆتىدىل يول» دا تۇتۇپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «8-نۆۋەتلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ۋە خۇلاسە يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ7-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىندا دىننى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق كونا چاقىرىقلىرى تەكرارلانغاندىن باشقا يەنە ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» ئېتىقادچى ئاممىنى «مۆتىدىل يول» دا تۇتۇپ تۇرۇشقا چاقىرىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى شوئارنى كۆپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، «مۆتىدىل يول» تېرمىنىنى بەك كۆپ قوللانمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئىلگىرىكى بايانلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىنلا مۆتىدىل يولدا ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلامدىكى مۆتىدىل يولدىنمۇ ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، شۇڭا ئاشكارا ھالدا دىننى خىتايلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى «مۆتىدىل يول» چاقىرىقى، مىڭلىغان دىنىي زاتلار «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋېلىنغان، قاراقاش پۇرچاقچىدىكى قۇربان باراتقا ئوخشاش ئىلگىرى مۇكاپاتلانغان ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نىڭمۇ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

«قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى

2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي كىتاب، دىنىي بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئالدى بىلەن خوتەندە باشلىنىپ، ئارقىدىنلا پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېڭەيدى.

رادىيومىز 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن كورلا يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنى ئوز رايونى تەۋەسىدە تەلتۆكۈس دېگۈدەك يىغىپ بولغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىيومىز مۇخبىرى كورلا شەھىرىگە تەۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغىنىدا، يەرلىك دائىرىلەر ئۆز تەۋەلىكلىرىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازنى يىغىشنىڭ 4-5 ئايدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنىڭ تەلتۆكۈس دېگۈدەك يىغىلىپ بولغانلىقى، بۇنىڭ 4-5 ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاش يىغىنلىرىدا پەقەت ئاز بىر قىسىم قالدۇق ماتېرىياللارنى يىغىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كورلا قارا يۇلغۇندىكى ئىككى كەنت سېكرېتارى ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يالغۇز «قۇرئان كەرىم» لا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا قانۇنلۇق-قانۇنسىز بېسىلغان بارلىق بارلىق دىنىي ماتېرىياللار يىغىلغان؛ بۇ ماتېرىياللار ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىنىپ، بىر قاتار ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ماتېرىياللارنىڭ توغرا-خاتاسى ئايرىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىتى يوق دەپ قارالغانلىرى تارقىتىلىدۇ. كەنت سېكرېتارلىرىدىن بىرى ئۆز كەنتىدىن 4-5 مىڭ دانە دىنىي كىتاب، ژۇرنال ۋە قوللانمىنىڭ ھەمدە 500 دىن ئارتۇق جاينامازنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى پاش قىلدى. قارا يۇلغۇن كەنت سېكرېتارى يەنە ئۆز كەنتىدىكى مەسچىت ئىمامىنىڭ ئۆيىدىنلا 12 يەشىك كىتاب يىغىۋېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 11-ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدە كەڭ-كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 10 كۈن ئىچىدە 30 مىڭ يەرلىك مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان. چەتئەلدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئاختۇرۇش ھەرىكىتى 25‏-ئۆكتەبىر باشلانغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار، ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە ساقچىلار ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئۆيىدىكى «قۇرئان-كەرىم»، «ھەدىس»، جايناماز، تەسبىھ قاتارلىق بۇيۇملارنى، ھەزرىتى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى يېزىلغان، «قۇرئان» دىن ئايەتلەر چۈشۈرۈلگەن ياكى نەقىشلەنگەن كۆرۈنۈش ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بىردەك يىغىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى رادىيومىز ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە ساقچىلار تېكەستە دىنىي كىتاب ۋە بۇيۇملارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

ساقچى بايانىدا، «قۇرئان» كىتاب، مەسچىتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەر، «قۇرئان» ئايىتى يېزىلغان نەرسىلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشخانا تاختىلىرىدىكى «مۇسۇلمانچە» بەلگىلىرى چەكلەندى

رادىيومىز 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگىلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پايدىسىز» دەپ ئېلىپ تاشلىنىپ، خىتايچە ۋە مۇسۇلمانچە ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەكتەپ ئاشخانىلىرىغا، ھەتتا «مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىشنىمۇ، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە سەۋەب بولىدۇ» دەپ چەكلىگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەكتەپلەردە ئىجرا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنى بىرلەشتۈرۈشتەك مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ياشاش ھوقۇقىغىمۇ مۇخالىپ دەپ قارالغان بۇ تەدبىرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتە ئۆز ئارا پەرقنى ئازايتىپ، مىللەتلەر ئارا سىڭىشىشنى كۈچەيتىش تەلىپىگە بىنائەن يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» سىياسەتلىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن.

2017-يىلى يىل ئاخىرى 11-12-ئاي مەزگىلىدە يەنە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا رېستورانلارنىڭ «مۇسۇلمانچە» بەلگىسى ئېسىشنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى.

2017-يىلى 12-دېكابىر رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 11-دېكابىر كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدىكى رېستورانلارنىڭ رۇخسەتسىز ئېسىلغان بارلىق «مۇسۇلمانچە» بەلگىلىرىنى ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرۇغان.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشى «دىنىي بەلگىلەرنى ئىشلىتىشنى قائىدىلەشتۈرۈپ، ساختا ھالال يېمەكلىكلەرنى توسۇش، ھەقىقىي ھالال يېمەكلىكلەرنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان » ئىكەن. بىراق «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتى 12-دېكابىر كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ئۇقتۇرۇش كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى دىنىي سىمۋوللارنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر بەلگىلىمە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي كىتاب، سىمۋوللارنى چەكلەپ، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە باشقا دىنى پائالىيەتلەرگە قاتتىق چەكلىمە قويغان، خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاپ، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋالغان بىر مەزگىلدە چىقىرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زۆرۈر تەدبىرلەر، دەپ تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.