2017-يىلىىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر: (12)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىن توشۇپ كېتىلگەن بايلىقلار ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان مۇھىت

2017-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى-ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ شىددەت بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە توشۇلۇپ كېتىلىشى شۇنداقلا رايوندىكى ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى بولدى. يۈرۈشلۈك پروگراممىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا 2017-يىلى ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ خىتايدىكى مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان شەھەرلەر تىزىملىكىگە كىرگەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقى، تەبىئىي كۆل ۋە دەريالارنىڭ قۇرۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، بوستانلىقلارنىڭ قۇملىشىشى، يەر ئاستى سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ، تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى قاتارلىقلار ھەققىدە رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلار دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

1. ئۇيغۇر دىيارىدىن توشۇپ كېتىلگەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى رادىئومىز ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي 2016-يىلىدا تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىۋېلىنغان 19 مىليارد 300 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گازنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كەتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىن تۇرۇبا ئارقىلىق توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي ئاھالىسىنىڭ يىللىق يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قامداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

شىنخۋا ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەردە خىتاينىڭ 2016-يىلىدا تارىم نېفىتلىكىدىن جەمئىي 23 مىليارد 562 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز قازغانلىقى، بۇنىڭ 19 مىليارد 300 مىليون كۈپ مېتىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى تارىم نېفىتلىكىدىن يېڭىدىن 52 نېفىت قۇدۇقىنى ئاچقان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 2017-يىلى 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىىنىشىچە، 2004-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىدا، 2017-يىلى كىرىشى بىلەن تارىم نېفىتلىكىگە يېقىن بولغان كۇچا ناھىيەسىكى كېشېن تەبىئىي گاز رايونىدىن قېزىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ كۈنلۈك مەھسۇلات مىقدارى 18 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلگەن. خەۋەردە بىر كۈنلۈك تەبىئىي گازنىڭ 20 مىليون ئائىلىنىڭ بىر كۈنلۈك گاز يېقىلغۇسىنى قامدايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

نېفىت قېزىش سەۋەبىدىن سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ ئاقسۇدىكى قۇدۇقلار، تۇرپان-توقسۇندىكى كارىزلار قۇرۇپ كەتتى

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇدىكى بىر كەنت كادىرى «ئىلگىرى بىرقانچە مېتىرلا كولىنىدىغان قۇدۇقلار ھازىر 90 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە چوڭقۇرلاشتى،»دېدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر نەپەر كەنت كادىرى ئۆز تەۋەسىدىكى سۇ مەسىلىسى بويىچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «يۇرتىمىزدا سۇ قىسلىقى مەسىلىسى ئېغىرلاشتى، ئىلگىرىكى يىللاردا 3 مېتىر قۇدۇق كولاپلا پاكىزە ئىچىملىك سۇغا ئېرىشەتتۇق. 2017-يىلىغا كەلگەندە باسماق قۇدۇقلار 30 نەچچە مېتىر كولىنىدىغان بولدى. دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان توكلۇق قۇدۇقلارنى 90 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە كولىغاندا، ئاندىن سۇ چىقىدۇ،» دەپ جاۋاب بەردى.

سۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇمۇل ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ كرىزىسى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى. بۇ يەردە چوڭراق دەريا-ئېقىنلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخ جەريانىدا كارىزدىن ئىبارەت بۇ يەر ئاستى سۇ يولى سىستېمىسىنى ئىجاد قىلىپ، سۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى، يېقىنقى يىللاردا تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە توك بىلەن سۇ تارتىدىغان قۇدۇقلارنىڭ زىيادە كۆپ قېزىلىشىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى تارىم نېفىتلىكىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى كۆپلەپ سەرپ قىلىشى سەۋەب بولغان.

يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 1950-يىللاردىن بۇيان قۇمۇل ۋە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلار تەدرىجىي قۇرۇپ، 2017-يىلغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا يەتكەن. تۇرپاندىكى كازرىزلارنىڭ 90 پىرسەنتكە يېقىن قىسمى قۇرۇپ كەتكەن.

2. خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان كۆمۈر، كۆمۈر گازى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى

خىتاي 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭىدىن ئېچىلىدىغان 6 مىليون توننىلىق كۆمۈر كانىنى تەستىقلىدى. 2017-يىلى خىتاينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆلكە-شەھەرلىرىدە مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن كۆمۈر كانلىرىنى تاقاش جىددىي ئىجرا بولۇۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى 2017-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا يىلىغا ئالتە مىليون توننا كۆمۈر قېزىش قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان.

رويتېرىز ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «گۇاڭخۇاي سانائەت مەبلىغى شىركىتى» نىڭ تارماق شىركىتى بولغان «شاڭخەي گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى» 2017-يىل 8-ئاي كىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن موڭغۇلىيە چېگراسىدىكى بەيشى كۆلى رايونىغا جايلاشقان ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىنى ئېچىش ھەققىدە دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان.

گوگۇلدىن ئىگىلىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىن قېزىۋاتقان كۆمۈر يىلىغا 800 مىليون توننىدىن بىر مىليارد توننىغا قەدەر بولۇپ، خىتاي خەۋەرلىرىدە 2020-يىلىغا بارغاندا ۋاقتى ئۆتكەن 800 مىليون توننىلىق كۆمۈر كانىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرى تەمىنلەشتە كۆرۈلگەن جىددىيلىك تۈپەيلىدىن بۇ چەكلىمىنى بوشاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غۇلجا ناھىيىسىدە قۇرۇلغان چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ كۆمۈر گاز زاۋۇتى يەرلىك ھاۋا كىلىماتىنى بۇلغىغان

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىدىكى پىلىچى كۆمۈر كېنى 2010-يىلى مەزكۇر شىركەتكە ھۆددىگە بېرىلگەن. چىڭخۇا شىركىتى قارمىقىدىكى كۆمۈر گاز زاۋۇتى 2013‏-يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان. غۇلجا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر گاز زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئالغان چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى 2016‏-يىلى ئۆكتەبىردە مەزكۇر كۆمۈر گاز زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ 2‏-باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.

مەزكۇر قۇرۇلۇش خەلقئارا تاراتقۇلاردا ھەر خىل تەنقىد ۋە ئەندىشىلەرنى قوزغىغان. 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىدە، غۇلجا ناھىيەسدىكى كۆمۈر گاز زاۋۇتى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلۇشلارنىڭ رايوننىڭ ھاۋا كىلىماتغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «غۇلجا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر گاز قۇرۇلۇشى ناھايىتى قىممەتكە توختايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى كۆپ سۇ تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۇ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئەڭ يامىنى ئۇ ھاۋاغا، كۆمۈر قالاشتەك ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كاربون دىئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ،» دېيىلگەن.

رادىئومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، كۆمۈر كېنى ۋە كۆمۈر گاز زاۋۇتى ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان كاربون چالا ئوكسىدى قاتارلىق ھاۋانى بۇلغايدىغان زەھەرلىك گازلار ۋە كۆمۈرنىڭ كۆپلەپ قېزىلىشى سەۋەبىدىن سۇ ۋە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلار غۇلجا ناھىيىسىدىكى ئالما، ئۆرۈك قاتارلىق مىۋىزارلىقلارنى ۋەيران قىلىپ، غۇلجا ناھىيىسىدە نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن.

ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرى دوكتورى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆمۈرنىڭ تەركىبىدىكى كرىمنېي ماددىسى جانلىقلارغا ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۇ ئىس-تۈتەككە ئارىلىشىپ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلسە، سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

ئېبنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە بىڭتۇەننىڭ سۇنى ئىگىلىۋېلىشى ۋە تۇز ئىشلەش زاۋۇتلىرى سەۋەب بولغان

«شىنجاڭ گېزىتى»2017-يىل 21-فېۋرالدىكى سانىدا 11-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سۇ قۇرۇلۇشى يىغىنىدا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئېبنۇر كۆلىگە قايتىدىن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىغا 360 مىليارد سوم مەبلەغ سېلىش، كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە بىر مىليارد 300 مىليون كۇپمېتىر سۇنى ئىقتىساد قىلىش ۋە ئىقتىساد قىلىنغان سۇنى رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش پىلانىنى ئېلان قىلىنغان. يىغىندا يەنە، ئەزەلدىن سۇ قىس بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردا دېھقانچىلىق ۋە سانائەتكە ھەددىدىن زىيادە سۇ ئىشلىتىلىش، ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى ۋە كۆللەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ۋېكىپىدىيادىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېبنۇر كۆلى 2009-يىلدىن باشلاپ قۇرۇپ كېتىش خەۋپىدە قالغان، 2015-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن. ھالبۇكى، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر، مەزكۇر كۆلنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە، كۆلنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى بولغان كۈيتۇن دەرياسىنىڭ 90 پىرسەنتتتىن ئارتۇق سۈيىنىڭ بىڭتۇەن دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىشى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە بىڭتۇەننىڭ سۇ ئىگىلىۋېلىشى ئۇيغۇر دىيارى ئېكېئولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى رەت قىلغان.

چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ قۇلۇستاي ئوتلىقىدىكى بارلىق قۇدۇقلار تاقاشقا بۇيرۇلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى2017-يىل 7-ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، چۆچەككە قاراشلىق چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ قازاقىستانغا چېگرىداش قۇلۇستاي ئوتلىقىدىكى نەچچە يۈزلىگەن قۇدۇقنى تاقىغان.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇنىڭ يەر ئۈستىدىكى سۇ ۋە ئوتلاقنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر يېقىندا مەزكۇر ئوتلاقتىكى 370 قۇدۇقنى تاقىغان، قالغان 1519 قۇدۇققا ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. قۇلۇستاي بۇرۇن سۇ ۋە ئوت-چۆپى مول، ياۋايى ھايۋانلار، كۆچمەن قۇشلارنىڭ كۆڭۈلدىكى ماكانى بولۇپ كەلگەن. بىراق، مەزكۇر ئوتلاق 1980‏-يىللاردىن باشلاپ كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى، قۇدۇق كولاپ يەر ئاستى سۇنى كۆپلەپ تارتىشى، نورمىدىن ئارتۇق مال-چارۋا بېقىشى نەتىجىسىدە يەر ئۈستى سۇ تارتىلىپ، ئوتلاقلار قۇرۇشقا، تۇپراق چۆللىشىشكە، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشكە باشلىغان.

باغراش كۆلى مۇھىتىنىڭ بۇلغانغانلىقى ئېتىراپ قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىدە باغراش كۆلىنىڭ مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ئېتىراپ قىلىنىشىچە، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان قۇرۇلغان زاۋۇت كارخانىلار ۋە تارقاتقان يۇندا ۋە ئەخلەتلەر، باغراش كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى 600 مىڭ مو قومۇشلۇقنىڭ 1/3 قىسمىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ۋە باغراش كۆلىنىڭ سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى، تۇزلىشىشى ۋە ئازىيىشىغا سەۋەب بولغان.

3. كان ئېچىش، كۆچمەنلەر ۋە ساياھەت سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى ۋەيران بولدى

«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر بېرىپ، ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قالايمىقان كان ئېچىش ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇلغىۋەتكەن. نەتىجىدە خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوننىڭ ئېكېئولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل تۇرىدىكى كانلاردىن 69 نى تاقىغان. بۇ تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايوندا كان ئېچىش پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنغان. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە تۇتىشىدىغان ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى چاقىلىق ناھىيىسىگە تەۋە بولۇپ، چىڭخەي ۋە تىبەت ئېگىزلىكى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ رايوندا ياۋا قوتاز، ياۋا ئېشەك، تىبەت بۆكىنى قاتارلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار، قوشلار بولۇپ 300 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋانلار ماكانلاشقان. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر رايوننى 1986-يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى» دەپ ئەنگە ئالغان. ھالبۇكى، بۇ رايوندىكى قالايمىقان كان ئېچىش رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان.

2017-يىلى كۈنەستىكى تەبىئىي ياۋا ئالمىلىق «خىتايدىن كەلگەن ھاشاراتلار» نىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2017-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئاقبۇلاق رايونىدىكى تارىخىي تەبىئىي ياۋا ئالمىزارلىق «خىتايدىن كەلگەن ھاشاراتلار» نىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، 80 پىرسەنت ياۋا ئالمازارلىق قۇرۇپ كەتكەن. كۈنەس ئاقبۇلاقتىكى ياۋا ئالمىلىقنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 30 مىڭ مو بولۇپ، بۇ ئاسىيادىكى كۆلىمى ئەڭ زور ياۋا ئالمىزارلىق ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۈنەس ناھىيىسى 1993‏-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىر خىل ئالما سورتىنى كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈشكە باشلىغان. نەتىجىدە، مەزكۇر ئالما سورتى ئۆزى بىلەن بىرگە بىر خىل كىچىك قوڭغۇز ھاشارىتىنى ئىلى رايونىغا ئېلىپ كىرگەن. مەزكۇر قوڭغۇز ھاشارىتى ئاستا-ئاستا تەڭرىتېغىنىڭ ئىچىدىكى ياۋا ئالمىلىقلارغا كېڭىيىپ، ئاقبۇلاقتىكى ياۋا ئالمىلىقنىڭ 80 پىرسەنتىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەڭرىتاغلىرىدىكى ياۋا ئالمىلىقلار سېنوزويىك دەۋرىدىن قالغان. سېنوزويىك دەۋرى بۇنىڭدىن 65 مىليون يىل بىلەن بىر مىليون 800 مىڭ يىل ئارىلىقىدىكى دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. تەڭرىتېغىدىكى ياۋا ئالمىلىقلار كۈنەس ۋە توققۇزتارا ناھىيەلىرىگە تارالغان.

4. 2017-يىلى ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەر خىتايدىكى مۇھىتى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەرگە ئايلاندى

2017-يىلى 3-ئايدا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇداپىئە مەركىزى خىتايدىكى 38 چوڭ شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىكى زەھەرلىك چاڭ-توزان مىقاارىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى ھاۋاسىنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك چاڭ-توزان مىقدارىنىڭ ئەڭ ئېغىرلىقىنى بايقىغان. مەزكۇر خەۋەر خوڭكوڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدا بېرىلدى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ 38 شەھەرنىڭ ھەر كۇپمېتىر ھاۋا تەركىبىدىكى MP10 چاڭ-توزانلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى 93 كە، نوقۇل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر كۇپمېتىر ھاۋاسىدىكى MP10 نىڭ مىقدارى 136 گە يېتىپ بارغانلىقى مەلۇم بولغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدە ھەر بىر شەھەرنىڭ ھاۋا تەركىبىدىكى MP10 نىڭ مىقدارى 20 بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بۇنىڭدىن ئاز كەم 7 ھەسسە ئارتىپ كەتكەن.

ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە قىش پەسلىدە مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى دائىرىلەرنى سىمۇنت زاۋۇتلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر قىلغان

دائىرىلەر قىش پەسلىدە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، 2017-يىل نويابىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلىرىدىكى سىمۇنت زاۋۇتلىرىنى تاقاشاقا مەجبۇر بولغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 16‏-نويابىردىكى خەۋەرىگە قارىغاندا، ئالاقىدار ئورگانلار قىش پەسلىدىكى ھاۋا بۇلغۇنىشنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن بۇ قارارنى چىقارغان.

5. ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇپراقنىڭ بۇلغۇنۇشى يېمەكلىك ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى

2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، يەرلىك تەمىنلىگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ مەسئۇل خادىمى خىمىيىلىك ئوغۇت سەۋەبىدىن بۇ يەردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ خىمىيىۋىلىنىشى كىشىلەردە ئاشلىق ۋە كۆكتاتلارغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يېقىنقى يىللاردا توقسۇن دېھقانلىرىنىڭ يەردىن نەپ ئالالمىغاچقا قوي-كالىلارنىڭ قىغلىرىدىن تەييارلانغان تەبىئىي ئوغۇتنى تۇرپانغا ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كۆكتاتچىلارغا ساتقانلىقىنى، ئۆزلىرى تېرىيدىغان يەرلىرىگە بولسا خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاشلىق زىرائەتلەرنىڭ بۇلغانغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىك ئەندىشىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە راك كېسەللىكى ھەققىدە ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان، ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دوختۇر ئەنىۋەر توختى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتايدا پايدا ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن ساختا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، ھەتتا سۈت پاراشوكلىرىغا زەھەرلىك ماددىلارنى قوشۇش، خىمىيىۋى ماددىلار ۋە زەھەرلىك دورىلار بىلەن ئۆستۈرگەن زىرائەتلەرنى ئۆزى يېمەي باشقىلارغا سېتىش قىلمىشلىرى يىلدىن-يىلغا ئېغىرلاشتى. خىتايدىكى خىمىيىۋى مەھسۇلاتلار ۋە زەھەر تەركىبى يۇقىرى بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرى كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ كىرىپ كەلدى،» دېدى.

دوختۇر ئەنىۋەر توختى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇپراق ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغىنىشىدىن باشقا، سۇ مەسىلىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى 10 يىل ئىچىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ چوڭ كرىزىسقا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا دۆلەتلەر ئارا سۇ مەنبەسىنى تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

6. 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى تېزلەشكەن

2017-يىلى خىتاي تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇز چوققىلارنى ئېرىپ يوقاپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قالغىنى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى NPR رادىئوسىنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭرىتاغ 1-مۇزلۇق چوققىدا تۇرۇپ ئىشلىگەن نەق مەيدان پروگراممىسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 مېتىردىن كۆپ نېپىزلەپ ماڭغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە جەمئىي 20 مىڭ مۇزلۇق چوققا بار بولۇپ، بۇلار خىتايدىكى مۇزلۇقلارنىڭ 50 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ چوققىلار 1950-يىلىدىن بۇيان 21 دىن27 پىرسەنتكىچە نېپىزلەپ كەتكەن.

ئىلى جوڭچىن يەنە 20 يىل ئىلگىرى تەڭرىتاغ بىرىنچى مۇزلۇقىنىڭ پۈتۈن بىر مۇزلۇق چوققا ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ چوققىنىڭ ئېرىپ ئىككىگە بولۇنۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇ مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىگە ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش 30 پىرسەنت تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى 70 پىرسەنت تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇزلۇقلار ئۈرۈمچىنىڭ يېرىمىنى ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، رايون ئېكېولوگىيەسىنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن. خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئەگەر يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىش ھادىسىسى ئىزچىل داۋام قىلىدىغان بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى، يەنى 11 مىڭى 50 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي ئېرىپ، يوقاپ كېتىدىكەن.

7. ئېكېئووگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلارنى ئەندىشىگە سالغان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ، ئېكېئولوگىيە ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى بەرپا قىلىش ھەققىدە 8 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئارقىدىنلا 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيت «ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ئاقسۇ بەرپا قىلايلى» سەرلەۋھىلىك نۇتۇق ئېلان قىلغان. ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ «ئاتۇش شەھىرىنىڭ يايلاق ئېكېئولوگىيىسىنى قوغداش ھەققىدە مۇكاپاتلىق سىياسەت ناھىيىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئاتۇش شەھىرىگە قاراشلىق تەبىئىي يايلاقلارنىڭ 95 پىرسەنتىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلار رايوندىكى ئېكېولوگىيىلىك مۇھىتتىن ئىبارەت بۇ «چەكلەنگەن تېما» دىن بۆسۈپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشقا كۆپ كېچىككەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.