2017-يىلى ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر: (13)

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە خىتايدىن كەلگەن تەھدىتلەر

1. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيەدە تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى

2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە سالغان پاراكەندىچىلىكلىرى ئىچىدە خەلقئارا تاراتقۇلاردا جىددىي دىققەت قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى، ئەينى چاغدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىتالىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىدۇر.

دولقۇن ئەيسا 2017-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىتالىيە پايتەختى رىمغا كېلىپ، ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغىنىدا، پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئىتالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن پارلامېنت بىناسىغا كىرگۈزۈلمەي، ئېلىپ كېتىلىپ 3 يېرىم سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇ ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتاينىڭ ئىتالىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

دولقۇن ئەيسا تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىتالىيەدىكى رادىكاللار پارتىيەسى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىپخانى بولغان يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لۇئىگى كومپاگنا ئەپەندىلەر ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىقلار بىلدۈرگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى(ئۇنپو) نىڭ نارازىلىق باياناتىدا، ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ 26-ئىيۇل ئۇنپو مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسانى 3 يېرىم سائەت تۇتۇپ تۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىتالىيەنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ ئىتالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۈچ يېرىم سائەتلىك سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق توختالغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭمۇ 28-ئىيۇل كۈنى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «دولقۇن ئەيسا خەلقئارا ساقچى ۋە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى »دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق، بېيجىڭدىكى غەربلىك دىپلوماتلارنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئارىلاپ-ئارىلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن دولقۇن ئەيسانى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ھېچقاچان ئۇنىڭ سادىر قىلغان «جىنايىتى» گە دائىر ھېچقانداق دەلىل بىلەن تەمىنلەپ باقمىغان. 8-ئاۋغۇست ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى يۇقىرى پالاتا ئەزالىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىتالىيە پارلامېنتىغا، شۇنىڭدەك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىنىستىرلار كېڭىشى قاتارلىقلارغا ئۆز سوئاللىرىنى ئەۋەتىپ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل 4-ئايدىمۇ نيۇيوركتىكى ب د ت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىدا ب د ت ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن يىغىندىن چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

2. رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ 2017-يىلى 9-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە قېپقالغان پەرزەنتلىرىنىڭ يېقىندا قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ ئارىسىدا نەۋرىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى ۋە «يېپىق تەربىيە» ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇنىڭ بەزى قېرىنداشلىرى ۋە بىر قىسىم نەۋرە تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. 2017-يىلى خىتايدا ئېچىلغان 19‏-قۇرۇلتايدىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە قېپقالغان پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىدىن 11 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى رابىيە خانىمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى تەۋە بولغان ساقچىخانىلاردىن بىرى نەنگۈئەن ساقچىخانىسى ۋە مىدوڭ رايونىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىدىكى ساقچى خادىملىرىدىن رابىيە خانىم ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ مىدوڭ رايونلۇق «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار رابىيە قادىر خانىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

رابىيە خانىمنىڭ رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى ئۇنىڭ خوتەن، ئاقسۇ ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 30 نەچچە كىشى قاماق ۋە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

3. خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك پاكىستاندا 3 نەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى تۇتقۇن قىلىنغان

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى18-ئۆكتەبىر ئېچىلغان خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپە» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئۇيغۇر، ئابدۇقېيۇم شەمشىددىن، ئابدۇغېنى قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى پاكىستان مۇشتەررەك ئىسخىتبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 26‏-ئۆكتەبىر كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە پاكىستان ساقچىلىرى بۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى پاكىستاندا خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

ئەينى چاغدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستان دائىرىلىرىنى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

4. 2017-يىلى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر تېمىسىغا ئايلاندى

كانادانىڭ «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ناتان ۋەندېركلىپپى تەرىپىدىن 30-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق نىشانغا ئېلىۋاتىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۆزىگە قارشى پائالىيەتچىلەرنى نىشان قىلغان تەھدىتلىرى بايان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە خىتايدىكى ئورگان سودىسى تېمىسىدىكى دوكلاتلىرى بىلەن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىغان، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ 2017-يىلى كۈزنىڭ باشلىرى ئۇچرىغان تەھدىت تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 9-ئاي مەزگىلىدە بىر ناتونۇش كىشى تەرىپىدىن لوندوندىكى كافېخانىغا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئەنۋەر توختىغا، باشتا بىر دوستىنىڭ تونۇشى دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغان بۇ كىشى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا بولىدىغانلىقى، ئەمما قىزىل سىزىقتىن چىقىپ كەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى» نى ئېيتقان، ئەنۋەر توختى مۇخبىرغا ھەتتا، ئۇ كىشىنىڭ «قىزىل سىزىقتىن چىقىپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغاندا سېنىڭ بۇ دۆلەتتىكى بىخەتەرلىكىڭگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز» دەپ ئاشكارا تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتقان. ماقالىدە ئەسكەرتىلگىنىگە قارىغاندا ئەنۋەر توختىنىڭ پەرىزىچە، بۇ تەھدىتنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بار ئىكەن. ئاپتور ماقالىسىدە يەنە كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەردىن ئۆزى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بايانلىرىدىن نەقىل ئالغان. ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش، جاسۇسلارنى ئىشلىتىش، خەت ۋە ئۇچۇر قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا قارىتا تەھدىت سېلىش ۋە پاراكەندە قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

«خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق نىشانغا ئېلىۋاتىدۇ؟» تېمىلىق بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى كانادالىق مۇخبىر ناتان ۋاندەركلىپ، يەكەندە 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى ھەققىدە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ يىل 23-ئاۋغۇست يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىغا بارغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېلىشقۇ ساقچىخانىسىدا ئۈچ سائەتتەك تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى كېيىن ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇتۇپ قالغان ۋەقە ئاخباراتلاردا نۇرغۇن ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.