قىرغىزىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتى مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى
2013.10.31
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەخمىنەن 60 مىڭغا يېقىن دەپ سانىلىۋاتقان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ياشلار يۇقىرى ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشمەكتە. ئۇلارنىڭ بىرى تېخى يېقىندا مايورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان غەيرەت راخمانوفتۇر.
غەيرەت راخمانوفنىڭ ئاكىسى شۆھرەت راخمانوف ئىلگىرى قىرغىزىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بىخەتەرلىك ۋە ساقچى ئورگانلىرىدا بىر قانچە ئون ئۇيغۇر يۇقىرىسى پولكوۋنىكتىن تۆۋىنى كاپىتانغىچە بولغان ھەربىي ئۇنۋانلار بىلەن خىزمەت قىلماقتا.
پەرەزلەردىن قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ جۈملىدىن ۋە كېيىنكى رۇسىيە، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ئارمىيىلىرىنىڭ تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق گېنېرال، پولكوۋنىك، پودپولكوۋنىك ۋە مايورلۇق ئۇنۋانىدىكى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرمۇ ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك سەپلىرىدە خىزمەت قىلماقتا. مايور غەيرەت راخمانوف ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.