سىچۈەننىڭ يىبىڭ تۈرمىسىدىمۇ يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى دەلىللەندى
2019.02.14
«زىمىستان» تورىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىن كۆپ ساندا مەھبۇسلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى ۋە ئۇ يەردە غەيرىي ئىنسانىي تەدبىرلەر بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىڭ تۈرمىسىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى دەلىللەندى. يىبىڭ شەھەرلىك تۈرمە خادىمى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە چېتىشلىق ئالاھىدە مەھبۇسلار» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن كۆپ ساندىكى مەھبۇسلار خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە تارقىتىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر مەھبۇسلار يۆتكىلىشتىن ئاۋۋال ئالاقىدار تۈرمىلەردىكى مەۋجۇت مەھبۇسلار باشقا ئورۇنلارغا يۆتكەلگەن. تۈرمىنىڭ دېرىزە ۋە ئىشىكلىرى يېڭىلىنىپ ۋە قاتمۇ-قات پاياتلىنىپ، تۈرمە ئىچىنىڭ مەخپىيەتلىكى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتىلگەن. ئالدىنقى ھەپتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىڭ تۈرمىسىدىمۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سىچۈەن ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى سىچۈەندىكى تۈرمىلەردە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى رەت قىلمىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتى ۋە مەسئۇلىيىتى بولغان مەخسۇس بىر بۆلۈمنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز بۇ بۆلۈمگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئالاقىدار خادىم ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.
«زىمىستان» تورىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار قامالغان تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بۇ تۈرمىلەرگە ئىسياندىن مۇداپىئەلىنىدىغان پولات ئەينەكلىك دېرىزە ۋە ئېلېكترونلۇق تۆمۈر ئىشىك قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بېكىتىلگەن. مەھبۇسلار كامېر ئىچىدىمۇ كويزا-كىشەنلەر بىلەن كۈن بويى ھەرىكەتسىز ھالەتتە تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. بىز قولىمىزدىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن سىچۈەننىڭ يىبىڭ تۈرمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردىكى نۆۋەتچى خادىممۇ ئۇيغۇر رايونىدىن ئەكېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا تېلېفونىمىزنىڭ نومۇرى ئۆزلىرىگە كۆرۈنمىگەنلىكى ئۈچۈن جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خادىممۇ بۇ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ سانى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بۇ ھەقتە يۇقىرىدىن تەستىق كەلگەندىن كېيىنلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«زىمىستان» تورىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يوشۇرۇن ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى بىر تۈركۈم گۇندىپايلار، ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردىكى تۈرمە ۋە لاگېرلار كۆرسىتىلگەن. ئۇلارغا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قانداق باشقۇرۇش كېرەكلىكى ئۆگىتىلگەن. بىز يىبىڭ تۈرمىسىدىكى يەنە بىر خادىمدىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ قانداق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى سورىدۇق. بۇ خادىممۇ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن قورقۇۋاتقانلىقى ياكى مەلۇماتى يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ جاۋاب بېرىشتىن قورقمايدىغانلىقىنى، ئەمما، «ئۇلار تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە چېتىشلىق ئالاھىدە مەھبۇسلار» بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئانا يۇرتىدىن مىڭلارچە كىلومېتىر ئۇزاقلاشتۇرۇش، تۈرمىلەردە ئۇلارغا قاتمۇ-قات چەكلىمىلەرنى قويۇش ئارقىلىق تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەرقانداق بىر ئىش كەلسە ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ خەۋەر تاپالماسلىقىدەك ئېھتىماللىقلار ئەسكەرتىلگەن. بىز يىبىڭ تۈرمىسىنىڭ سىياسىي-قانۇن بۆلۈم خادىمىدىن تۈرمە خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئارىسىدا تىل توسالغۇسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقان ياكى كۆرۈلمەيۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم «شىنجاڭدىن مەھبۇس يۆتكەش بىزنىڭ مەخپىي خىزمىتىمىز» دەپ ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.