گېرمانىيەدە تۈرك تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

23-يانۋار ميۇنخېن شەھىرىدە «ميۇنخېن تۈرك ئۈلكىچىلەر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەردى» ناملىق يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە دوكلات بېرىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەردى» ناملىق بۇ يىغىنغا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن ۋە ئاۋگۇسبۇرگ شەھەرلىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن توپلانغان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى قاتناشتى. بەش سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ يىغىندا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركچە دوكلات بەردى.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەردى» ناملىق بۇ يىغىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئىككى چوڭ شەھەردىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىدى. يىغىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلدى. بىرىنچى باسقۇچتا، قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستىلا قىلىنىش تارىخى ھەققىدە دوكلات بېرىش، ئىككىنچى باسقۇچتا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش، ئۈچىنچى باسقۇچتا، سوئال ‏-جاۋاب ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت بولدى.

«ميۇنخېن تۈرك ئۈلكىچىلەر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى فەرۇخ ئەپەندى يىغىن مۇقەددىمىسىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ «بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈرك جامائىتىنى ئەمەس، بەلكى ميۇنخېن ۋە ئاۋگۇسبۇرگ شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم ‹ئۈلكۈ ئوچاقلىرى› تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىشتىكى سەۋەب، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلىتىپ، بۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ تۈرك خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، بۇلار قايتقاندىن كېيىن ئۆز رايونلىرىدىكى تۈركلەرگە دوكلات تەقدىم قىلىدۇ» دەپ ئىزاھلىدى.

ئۇ سۆزىدە شۇلارنى تىلغا ئالدى:«شەرقىي تۈركىستان بولسا يۈرىكىمىزدىكى قاناۋاتقان بىر جاراھەتتۇر. بۇ جاراھەتنى داۋالىماي تۇرۇپ تۈرك دۇنياسى ئارام تاپالمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇرتى، بىزنىڭ ئاتا ۋەتىنىمىز. تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق بۈيۈك بىر ئەجدادنىڭ ۋارىسلىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش يولىدا چامىمىز يەتكەن دائىرىدە خىزمەت قىلىش بولسا بىزنىڭ بۇرچىمىز. بىز ئۇزۇن يىللار تۈركلۈك ئالىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئىزگۈ بىر تەربىيە ئاستىدا يېتىلگەن ئىنسانلارمىز. شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ياردىمىمىزنى يەتكۈزەلىسەك، بۇرچىمىزنى ئادا قىلغانلىقنىڭ ئىپتىخارىغا ئېرىشەلەيمىز. بۈگۈنكى بۇ يىغىننى شۇڭا خاس شەرقىي تۈركىستانغا ئاتاپ تەشكىللىدۇق. ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمدەرت بولۇش بىزگە شەرەپ ئاتا قىلىدۇ.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى لېكسىيىسى ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتە قۇرغان «ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى»، «قاراخانىيلار دۆلىتى» ۋە «كەڭسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى» دىن باشلىنىپ، زۇ زۇڭتاڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىستىلا قىلىپ، ئۇنىڭغا «شىنجاڭ» دېگەن نامنى بەرگۈچە بولغان تارىختىن تاكى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ھەمدە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» گە قەدەر ئۇلاشتى. ئاندىن ئۇ، 1949-يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن قارشىلىق ۋەقەلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. «بارىن ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئالدى-كەينىدىكى زور ۋەقەلەر ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىلەر بەردى.

دوكلاتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بولۇپ، بۇ قىسىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بولدى. بۇنىڭدا، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، كۆچمەن يۆتكەش، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە تۇتۇپ كېتىش، دىنىي ساھەدىكى بېسىم، مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلار سۆز تېمىسى بولدى. بۇ تېما يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە چەككەن ۋە ئۇلارنى بەكرەك ھاياجانلاندۇرغان ئىدى.

تۈرك زىيالىيسى ئابدۇقادىر ئەپەندى بۇ توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستاننى يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزگە سالغىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ رەھمىتىمىز بار. مەن ئۇيغۇرلارنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەقىقىي تونۇشقا باشلىدىم، دېسەم توغرا بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھازىر تۈرك مىللىيەتچىلەر تەشكىلاتلىرىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى. مەن بۈگۈنكى بۇ دوكلاتنى ئاڭلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇ قەدەر ئېغىر خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ھۆرلۈكى يولىدا كۈرەش قىلىش جاسارىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندىم ۋە كۆپ ئىلھام ئالدىم» دېدى.

ئۆزلۈكىدىن گېرمان ھەم تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈرك زىيالىيسى تۇنجى خانىممۇ يىغىن مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، بۈگۈنكى بۇ دوكلاتتىن كۆپ تەسىرلەنگەنلىكىنى، كۆپ بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىنى، بۇ يەردە ئاڭلىغانلىرىنى ئۆز ئەتراپىدىكى تۈرك ۋە گېرمان خەلقىگە ئاڭلىتىدىغانلىقىنى، ياۋروپا تۇپراقلىرىدىمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىگە چىقىدىغان زور بىر قوشۇننىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈرك زىيالىيسى سەيمەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بولسا «مەن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ جاسارەتلەندىم. سىلەرنىڭ شۇ قەدەر كۆپ توسالغۇ ئالدىدا، ئاز ۋە ئاجىز شارائىت ئاستىدا تۇرۇپمۇ مەسىلەڭلەرنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە، ياۋروپا پارلامېنتىغا، ب د ت ھەمدە ئامېرىكا كونگىرىسىگە قەدەر يەتكۈزەلىگەنلىكىڭلارنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ قەيسەركەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكتىن ئىبارەت مۇقەددەس غايە يولىدا بەدەل تۆلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەركىمنى تەسىرلەندۈرىدۇ» دېدى.

يىغىننىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى، سوئال-جاۋاب ۋە مۇھاكىمە بىلەن تېخىمۇ قىزىدى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر سوئاللار سورالدى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ھەققىدە مۇھاكىمە، بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. كەچ سائەت يەتتە بىلەن باشلانغان بۇ يىغىن يېرىم كېچە سائەت 12:30غا قەدەر داۋاملاشتى.