غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە
2014.01.28

يېڭى يىل كىرە-كىرمەيلا ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان توقۇنۇش، ئۆلۈم ۋە تۇتقۇن قىلىش خەۋەرلىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى باھالاپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ چىڭىتىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېيىشمەكتە. تاشقى مەسىلىلەر ژۇرنىلى ۋە ئىقتىسادچى گېزىتى قاتارلىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خاتا سىياسىتىنى دەرھال تۈزىتىشى كېرەكلىكى، ئەگەر خاتالىقنى داۋام قىلغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ يوللۇق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر شۇنداقلا ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچلىق يولى بىلەن ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بىر ئاكادېمىكنىڭ قولغا ئېلىنىشى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىمۇ ئوخشاشلا ئەندىشىگە سالدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلگەن «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە «پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا ئائىت كېلىۋاتقان يېڭى خەۋەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش ياسىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما بۇ ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىقنى ۋە قارشىلىقلارنى ئاياغلاشتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ تۇرماقتا» دەپ بايان قىلغان.
ماقالىدە ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى تىلغا ئېلىنىپ، ئىلھام توختىنىڭ بىر ئاكادېمىك ئىكەنلىكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىبى ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىدىغان ئامېرىكا كالىفورنىيە پامونا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى درۇ گلەدنىينىڭ سۆزى نەقىل قىلىنغان. درۇ گلەدنېي سۆزىدە ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ياخشى سىگنال ئەمەس. چۈنكى، بىز بۇرۇن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولسىمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا گەپ قىلسا، ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدىكەن، دەپ ئۈمىدلەنگەن ئىدۇق. ئۇ ھېچقاچان مۇستەقىللىق ۋە ياكى زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىپ باققان ئەمەس. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ چىڭىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا، بۇ قېتىم ئۇ ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايدىغاندەك تۇرىدۇ» دېگەن.
ئىقتىسادشۇناس گېزىتى مۇلاھىزىسى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادنى ياخشىلاش ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق «بىر قولىدا سەۋزە، يەنە بىر قولىدا تاياق» سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتالمىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە مۇنداق دېگەن:
-ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەسىلىسى خۇددى تىبەتكە ئوخشاش كۆچمەن يۆتكەش، ئېتنىك كىملىك، تارىخ، دىن ۋە ئىقتىسادىي باراۋەرلىك قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سەۋزە ۋە تاياق» ئىستراتېگىيىسى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يەتمەيدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى كونا پەدىنى چېلىۋەرمەي، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئۆزگىرىش ياسىغان بولسا، بەلكىم مەسىلە ھەل بولغان بولاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى ئازراق يۇمشاتسا تېخىمۇ چوڭ چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. لېكىن شۇنىسى بارغانچە روشەنلىشىۋاتىدۇكى، قاتتىق قول بولۇپ تۇرۇپ، ۋەقە چىقىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
تاشقى مەسىلىلەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ غەربىي رايونى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىدىكى مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىدە بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرغان بىر خەلق ئىكەنلىكى، شۇڭا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم شۇ كۈنلەرنى ئەسلەيدىغانلىقى، شۇڭا خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ سانى ۋە تەسىرىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە، ۋاڭ لېچۈەن يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەت نەتىجىسىدە 2009-يىلى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەنلىكى، ئارقىدىن جاڭ چۈنشيەن يۆتكەپ كېلىنىپ خۇددى بىر ئۆزگىرىش بولىدىغاندەك سىگنال بېرىلگەن ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنى يەنىلا ھەل قىلالمىغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتە توختىلىپ «جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىدى. جاڭ چۈنشيەن كەلگەندىن كېيىن مەسچىتلەرگە كىرىش ئۈچۈن ياش ئۆلچىمى بېكىتتى. ئەرەبچە تەلىم-تەربىيىنى چەكلىدى. رامىزاندا روزا تۇتۇشنى قېيىنلاشتۇردى، قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش تېپىشىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇردى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جاڭ چۈنشيەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسەتلىرى يەنىلا خىتاينى باي قىلدى، ئەمما ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا ئارقىدا قالدۇرۇلدى» دەپ بايان قىلغان. ماقالە ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا 2009-ۋەقەسىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ھېلىھەم ئۆتكۈرلۈكىنى، ئۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئاپىرىلغان خىتايلارنىڭمۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدىغانلىقىنى، يەنى يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ چۈنشيەننى چىقىرىش ئارقىلىقمۇ مەسىلىنى نېگىزىدىن ھەل قىلالمىغانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى يامانغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.