ئىتالىيە سوتسىيال لىبېرال تەشكىلاتىنىڭ پارىژدىكى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 20-فېۋرال ئىتالىيە خەلقئارا سوتسىيال لىبېرال تەشكىلاتى فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، ۋىيېتنام ۋە لائوس قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە پارىژدا يىغىن چاقىرغان.

يىغىن پارىژدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانى مەركىزىدىكى يىغىن زالىدا چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىن شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەشكە قەدەر داۋاملاشقان.

بىز يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن سابىق فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دېنىي يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «بىز بۈگۈن ئىتالىيە خەلقئارا سوتسىيال لىبېرال تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، ۋىيېتنام ۋە لائوس قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، پات يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېدى.

يىغىننى تەشكىللىگۈچى ئىتالىيە سوتسىيال لىبېرال تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىر مارىيا تېرونى مەزكۇر تەشكىلات ھەققىدە توختىلىپ: «تەشكىلاتىمىز ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە ۋە ئورگانغا بېقىنمىغان، ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇستەقىل بولغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى. تەشكىلاتىمىز قۇرۇلۇپ توققۇز يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرگە يار-يۆلەكتە بولۇشنى، ئۇلارنىڭ يوقىلىش ئالدىدىكى مەدەنىيىتىنى قوغداشنى كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ كېلىۋاتىمىز. شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ تۈرلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە ياردەم قىلىش، ۋىيېتنام، لائوستىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە كۆڭۈل بولۇش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق خىزمەت پىلانىمىز» دېدى.

فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋىيېتنام كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا ۋەكىل بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان تېرانا ئۆزىنىڭ يىغىن تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«بىز دۆلىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى،ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئىتالىيە خەلقئارا سوتسىيال لىبېرال تەشكىلاتى بىلەن ئۇزۇندىن بىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بۇ قېتىمقى پارىژدا چاقىرىلغان يىغىنننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىمقى ئىتالىيە خەلقئارا سوتسىيال لىبېرال تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق تېما قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەركىن ئابلىمىت يەنە، بۇ قېتىمقى يىغىندا فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەزالىرى ئىتالىيە خەلقئارا سوتسىيال لىبېرال تەشكىلاتىغا ئايرىم پىكىر ۋە تەلەپلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.