ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتىنىڭ 47-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا

0:00 / 0:00

26-مارت شىۋېتسارىيەدە چاقىرىلغان 47-نۆۋەتلىك ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتى قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تىبەت ياشلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە يېقىن بولغان مەنزىرىلىك بىر تاغ باغرىدىكى سەيلىگاھقا جايلاشقان ئاللەگرو مېھمانخانىسىدا 25-مارت باشلانغان 47-نۆۋەتلىك ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتى قۇرۇلتىيى 27-مارت ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، 3 كۈنلۈك بۇ قۇرۇلتايغا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەكلىپى بىلەن 26-مارت كۈنى ئۈچ كىشىلىك بىر ھەيئەت ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن تەپسىلىي دوكلات بەردى.

بىز د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتىنىڭ بۇ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، نەق مەيداندىن مەلۇمات ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

چۈشتىن كېيىن سائەت 14 دە، يىغىن كۈنتەرتىبىگە بىنائەن ئۇيغۇر ۋەكىلى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇيغۇرلارغا دوكلات تەقدىم قىلىش ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تولۇق 2 سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كىملىكى، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ھازىرلاپ كەلگەن دوكلاتىنى ئىنگلىز تىلىدا يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكلاتىنى بەش چوڭ ماۋزۇ ئاستىدا ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي زۇلۇم، دىنىي بېسىم، تىل ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلىياتسىيىسى، ئىقتىسادىي تالان-تاراج، خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى ھەمدە بۇ مەلۇماتلار ئۈچۈن ئاساس قىلىنغان ئەمەلىي مىساللار يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زۇلۇملارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرخىل شەكىللەردىكى قارشىلىق كۈرەشلىرى خۇسۇسىدا بايان قىلغان سۆزلىرى، تىبەت ياشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشتى.

تىبەت ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى دەپ تەرىپلىنىدىغان ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى تىمدو ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دوكلاتنىڭ تىبەت ياشلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن كەلگەن دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك ۋەكىلگە يىغىن ئەھلى نامىدىن ئالاھىدە رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى ھەمدە دولقۇن ئەيساغا تىبەتلىكلەرنىڭ ئادىتىگە كۆرە ھۆرمەت ئىپادىسى سانالغان ئاق خادا تەقدىم قىلدى.

يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىمدو 2008-يىلى خىتايدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا نيۇيوركتىن تىبەتكە بېرىپ، لاسا ئىبادەتخانىسىغا تىبەت بايرىقىنى تىكلەپ، تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىق ئىرادىسىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلغان قەھرىمان سانىلىدىكەن.

دوكلات تەقدىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن ئەھلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەرخىل سوئاللارنى سورىدى. ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرى، ئۇيغۇر-تىبەت خەلقلىرىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەشلەردىكى ئورتاقلىق ۋە پەرقلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا كۆپرەك سورالدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەتراپلىق جاۋابلار بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، تىبەت ياشلىرىنىڭ بۇ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي مۇجادىلىسىنى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىشى لازىملىقىنى، ئۇيغۇر-تىبەت سىياسىي ھەمكارلىقىنىڭ سىمۋوللۇق ھەمكارلىقتىن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىققا تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر كەلگەنلىكىنى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئارتىۋاتقان تېررورچى بەتناملىرىدىن چۆچۈپ كەتمەسلىكىنى، بۇ بەتناملارنى بۈگۈن تىنچ يول بىلەن دەۋا قىلىۋاتقان تىبەتلەرگىمۇ ئارتىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تىبەت ياشلىرى ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىي كۈرەشلەر ئارقىلىق خىتايغا قارشى ئورتاق مۇجادىلىسىنى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ، قىسمىتى ئوخشاش بولغان بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئەركىنلىك غايىسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. يىغىن ئەھلى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئۇزۇنغىچە ئالقىشلار ياغدۇردى.

يىغىن جەريانىدا ئىگىلىشىمىزچە، تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتى دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىدىن رازى ئەمەسكەن. ئۇلار مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى بولۇپ، دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يولى» تىبەت ياشلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق ئىرادىسىنى سۇندۇرۇۋاتقان بىر ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. پۈتۈن بىر كۈن يىغىن جەريانىدا، دالاي لامانىڭ ئىسمىنىڭ بىرەر قېتىممۇ تىلغا ئېلىنماسلىقى دىققىتىمىزنى تارتتى. بىز يىغىن جەريانىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىرقىسىم رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىپلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

تەشكىلات رەئىسى سونام پالمونىڭ زىيارىتىمىز ئەسناسىدا بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتى 1970-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى 47-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن يۈزگە يېقىن ياشلار ۋەكىلى قاتناشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن رەسمىي ئالاقىدە بولۇشى ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئۇلارنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشى بۇ تەشكىلات تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن.

ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتىنىڭ 47-نۆۋەتلىك رەئىسى سونام پالمو مۇنداق دېدى:
-بىز تەقدىرداش بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي مۇجادىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئەمما تەشكىلاتىمىز تەركىبىدىكى نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ. كۆپلىرى چەتئەللەردە تۇغۇلغان. ھەممىسى دېگۈدەك ئىنگلىزچە ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ھەتتا ئانا تىلى بولغان تىبەتچىنى بىلىدىغانلارمۇ ئاز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ياۋروپا بىرلىكى، ئامېرىكا، ب د ت ۋە تۈركىيەدە ئالاھىدە جانلانغانلىقىنى كۆردۇق. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسى سېپىدىكى ئاكتىپ شەخسلىكىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا تەسىرى كۈچلۈك. ئۇنىڭ بۇ قېتىم ترۇئام-رېگان ئەركىنلىك مېدالىغا ئېرىشكەنلىكىدىن كۆپ خۇش بولدۇق.

سونام پالمو يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى:
-بىزنىڭ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىشىمىز، بىرى، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى ياشلىرىمىزغا چۈشەندۈرۈش، يەنە بىرى، بىز تىبەتلىكلەرنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتلىق جەڭگىۋار بىر مىللەتنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈپ تىبەت ياشلىرىغا جاسارەت بېغىشلاش، ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تىبەت ياشلىرى ئارىسىدا بىر باغ شەكىللەندۈرۈپ، خىتايغا قارشى ئورتاق مۇجادىلە قىلىشنىڭ ئاساسىنى قۇرۇش. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىنى سىمۋوللۇق ھالەتتىن ئىستراتېگىيىلىك باسقۇچقا كۆتۈرۈش توغرىسىدا ناھايىتى قىممەتلىك سۆزلەرنى قىلدى. ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تىبەت ياشلىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ ۋە بىرلىك شەكىللەندۈرۈپ ئورتاق مۇجادىلە ئېلىپ بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، تىبەت ياشلىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈندى.

ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەنزىن تېچېن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا شۇلارنى بىلدۈردى:
-بىز تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىمىزگە ئۈمىد بىلەن قارىشىمىزغا ئاساسىمىز بار. ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلار تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان قارشىلىقلاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك. ئەلۋەتتە، مەيلى چەتئەلدە بولسۇن، مەيلى ۋەتەندە بولسۇن، بىزمۇ كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. بولۇپمۇ ياشلار ئىرادىلىك بولىشىمىز كېرەك. ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتى 47 يىلدىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە دەۋا قىلىپ كەلدى. ئەگەر بىز ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بىرلەشسەك، ھاياتىي كۈچىمىزنىڭ يەنىمۇ ئاشىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمىز.

جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا سىياسەت ۋە دىپلوماتىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپلىرىدىن بىرى بولغان تىبەت قىزى مىگمار زىيارىتىمىز جەريانىدا شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى:
-مەن ھەر يىلى تىبەت ياشلىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىمەن. ب د ت دا خىتاينى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇللار ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار. ھەر قېتىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە سۆز نۆۋىتى كەلگەندە، خىتاي ۋەكىللىرى چىچاڭلاپ ئولتۇرالماي قالىدۇ. ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ سۆز ھەققىنى رەت قىلىپ توسالمىغاندىن كېيىن، خىتايلار ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەمما ئىنكار قىلدىم دەپ، خەلقئارا جامائەت ۋە دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ئالدىدا ئوسال ئەھۋالدا قالىدۇ. مەن خىتاينىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا نەچچە قېتىم گۇۋاھچى بولدۇم.

ياۋروپا تىبەت ياشلىرى جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىغا يەنە بىرقىسىم راھىپلار، تىبەت ھەرىكىتىنى قوللايدىغان شىۋېتسارىيىلىك ياشلارمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بۇ يىغىندا تىبەت ياشلىرىنىڭ ئالاھىدە قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. دولقۇن ئەيسانىڭ نۇتقى ئاخىرلىشىپ، ئۇيغۇر ۋەكىللەر خوشلىشىدىغان چاغدا، يىغىن زالىدىكى بارلىق جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن ئۇزىتىپ قويدى.