فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

0:00 / 0:00

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30-مارت فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا، فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئاندرىې گاتتولىن نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررور ھەرىكىتىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورغا باغلاپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس توختالغان.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى، تېررور تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە شۇنداقلا ئىتالىيەلىك ئازسانلىق مىللەتلەر تەتقىقاتچىسى ماركو قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.

ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە، فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ۋىيېتنام تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، يىغىن ئاخىرىدا، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.