گېرمانىيە «مېركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزى» تەتقىقاتچىسى مورىتز رۇدولف ئۇيغۇر ئىلىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تېررور بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق» دېدى.
يېقىندا باش شتابى بېرلىندا بولغان «مېركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزى» دىكى خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى، گىئو ئىستراتېگىيىسى ۋە قانۇن تۈزۈلمىسى تەتقىقاتچىسى مورىتز رۇدولف ئەپەندى گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تېررورلۇق بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
گېرمانىيە ئاۋازى مۇخبىرى ھانىسنىڭ «مېركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مورىتز رۇدولف بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.
رۇدولف مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، چۈنكى ئوتتۇرا شەرق تىنچ بولغاندىلا، خىتاي ئۆزىنىڭ ‹يىپەك يولى پىلانى› نى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.»
رۇدولف يەنە خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچسىزلىقتىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاينىڭ ئەندىشىسى، ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا تەسىر كۆرسىتىشىدۇر» دەيدۇ.
ھازىرغا قەدەر، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك ئىسلامچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى، خەلقئارادا «بېيجىڭ تېررورغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە باستۇرۇش خاراكتېرلىك مىللىي سىياسەت يۈرگۈزمەكتە» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلدى. ئىسلام تېررورى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتكە ئورتاق قارشى تۇرۇش گېرمانىيە بىلەن خىتاينى ھەمكارلاشتۇرىدىغان يېڭى ئامىلمۇ؟» دېگەن سوئالغا، رۇدولف مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«ئەگەر بېيجىڭ بىلەن بېرلىن ئىسلام تېررورىغا مۇناسىۋەتلىك تېما ھەققىدە سۆزلەشكەندە شىنجاڭ مەسىلىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسە، بۇ قاملاشمىغان بىر ئىش بولىدۇ. ئىلگىرىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقىلەرنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىدىكى سەۋەب دەل مۇشۇ يەردە. مېنىڭچە، خىتاي كەلگۈسىدە بۇ مەسىلىگە قارىتا مۇرەسسە پوزىتسىيىسىنى تۇتۇشى لازىم. بۇ دېگەنلىك، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى سىياسىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاساسى قىلىۋالماسلىقى لازىم. ياۋرو-ئاسىيا رايونى ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دۆلىتى تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ئەڭ كۈچلۈك بىر جايغا قەدەم باسماقتا. بۇنىڭ بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئىسلام تېررورچى كۈچلىرىنىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھېچقانداق بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق.»
فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايشۇناس مارى خولىزمان خانىممۇ ئوخشاش قاراشتا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررور بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن قايىل. ئۇيغۇرلار ئۆز ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ كۆپلۈكىگە، سانىنىڭ ئازلىقىغا، كۈچىنىڭ چەكلىكلىكىگە قارىماي، خىتايدىكى ھەرقانداق باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى جانلىق كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا خىتاي ئۆكتىچى كۈچلىرىمۇ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا تەڭ تۇرالمايدۇ.»
ئۇ يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «مەن چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقانچە قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتىم. بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىغا. بۇ يىغىنلارنىڭ سۈپىتى شۇ قەدەر يۇقىرى، شۇ قەدەر مەنىلىك. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ئىرادىسىگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل.»
مەركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزى يېقىندا يەنە شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاخبارات سىياسىتى ھەمدە تەشۋىقاتنىڭ كونترول قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئانالىزىدا، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلاردىن سىرت، ئۇچۇرنى قاتتىق تەقىب قىلىپلا قالماي، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەركاتو خىتاي تەتقىقات مەركىزى خادىمى كىرىستېنا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ھېچقاچان شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكىدەك بۇنداق قاتتىق كونترول قىلىنغان ئەمەس. ھازىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە نېمىنى ئېلان قىلىش، نېمىنى ئېلان قىلماسلىق كومپارتىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا، تەستىقىغا باغلىق. خىتايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى چوقۇم شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاساس قىلىشى لازىم. شى جىنپىڭنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ پىكىرلەر بولماسلىقى لازىم» دېدى.
گېرمانىيەدىكى خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مانيانمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي بەربات بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يالغۇز ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرلا ئەمەس، پۈتۈن خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى: خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يوقىلىشىدۇر. كومپارتىيە يوقالمايدىكەن، مىللىي زۇلۇممۇ تۈگىمەيدۇ، مىللىي زىددىيەتمۇ پەسەيمەيدۇ. ئاتالمىش تېررورىزمغا خاتىمە بەرگىلى بولمايدۇ.»
مانيان يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتىدە مۇتلەق مەسىلە بار. تەشۋىقاتلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ دۇنيانى ئالداشقا تېرىشىۋاتىدۇ. بىراق، ئۇيغۇر رادىكال كۈچلىرى ھەر تۈرلۈك قارشىلىقلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىرادىسىنى ئاشكارىلاپ، كومپارتىيىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدا نۇرغۇنلىغان قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. خىتاي ئۇنى تېررورلۇق قالپىقى بىلەن باستۇردى. بىراق، تېررورغا قارشى دۇنيا كومپارتىيىنىڭ دېگەنلىرىنى ئېتىراپ قىلمىدى. دېمەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىۋاتقانلىقىنى، كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتى بارغانسېرى ئېنىق چۈشىنىشكە باشلىدى. ئەركىنلىك يولىدا ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش بىلەن تېررورىستىك كۈرەش ئەلۋەتتە بىر نەرسە ئەمەس.»