ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەق-ھوقۇقلىرى كومىتېتىنىڭ 52-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت دەپسەندىچىلىك مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جەنۋەدە 28-ئاپرېل كۈنىدىن 23-ماي كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا 12 دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھەق-ھوقۇقلىرى مەسىلىسى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن. ب د ت دە چاقىرىلغان بۈگۈنكى يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەق-ھوقۇقلىرى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم د ئۇ ق نىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان 45 بەتلىك دوكلاتىنى كومىتېت مەسئۇلىغا سۇنغان. دولقۇن ئەيسا بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىبلەشلەرگە خىتاي ۋەكىللەر 8-ماي كۈنى جاۋاب بېرىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى» 1960-يىلى ماقۇللانغان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى بۇ ئەھدىنامىگە 2001-يىلى قول قويغان. 2005-يىلى تۇنجى قېتىم خىتايدىكى بۇ ھەق ۋە ھوقۇقلار كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىلقىسى ئىككىنچى قېتىملىق كۆزدىن كۆچۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.