خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنى ھەققىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق سۆز تېمىسى بولدى

0:00 / 0:00

2016‏-يىلى 7‏-ئىيۇن گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى يېڭى قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاز سانلىقلارغا بولغان تەسىرى» ناملىق بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە گوللاندىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، سىياسىي دەۋاگەرلەر دېگەندەك-ئالاقىدار ساھەنىڭ نوپۇزلۇق خادىملىرىدىن بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 2 دىن، چۈشتىن كىيىن سائەت 6 گە قەدەر قىزغىن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن 10 كىشى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى شارون ھوم (Sharon Hom)، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى كەلساڭ گيالتسەن (Kelsang Gyaltsen)، تىبەت تەتقىقاتچىسى كەيت سائوندېرس (Kate Saunders)، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، فىرانسۇز ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گوتىير (Ursula Gauthier) قاتارلىق 5 كىشى ئالدى بىلەن «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان تەسىرى» نى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

تىبەتپەرۋەر كەيت سائوندېرس خانىم مۇنداق دېدى: «ھەتتا، خىتاينىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بۇ خىل تاكتىكىلار جۈملىدىن تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ پۈتۈن خىتايدا، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ئەكس تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، دەپ پىكىر بىلدۈرۈۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇق. بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بىر گۇرۇپپا خىتاي ئادۋوكاتلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدىكى كۆپلىگەن تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر خىتاي يولغا قويغان بۇ خىل ۋاسىتىلەر تېخىمۇ چوڭ زوراۋانلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن.»

پائالىيەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى، خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىندى.

گېرمانىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا يېغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى.

دولقۇن ئەيسا، تۈرلۈك مىساللاردىن، ئاتالمىش «تېررورلۇق قارشى تۇرۇش» ئاتالغۇسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە «خىتاينىڭ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بىر جەمئىيەت سۈپىتىدە بوغماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» دېدى.

ئۇ، خىتاي ساقچى ۋە جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ پائالىيەتچىلەرگە، يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئاقتاشلىق كىتاب ۋە كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ چەكسىز دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئەمما رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى خىتاي ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن خىتاينىڭ ئاقتاشلىق كىتابىدا يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

يېغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئاۋسترىيەدىن كەلگەن خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى گابرىئال لافىيت ئەپەندى قاتارلىق 5 كىشى خىتاينىڭ بۇ يېڭى قانۇنى ئارقىلىق دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەردىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە تەكلىپلىرىنى سۇندى.

ئاۋسترىيەدىن كەلگەن خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى گابرىئال لافىيت ئەپەندى: «خىتاي كوممۇنىستلىرىنى خەۋپسىزلىك سەۋداسىغا بۇ قەدەر مۇپتىلا قىلغان رېئاللىق بولسا، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشى بولدى. مانا بۇلار خىتاينىڭ مىللىي ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ كەلدى. ئەمما، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاتالمىش ئاپتونومىيە ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر بۇ رايونلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك مىللىي كىملىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك تۇيغۇلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

يېغىن ئاخىرىدا يېغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ، ئىنكاسىدا بۇ پائالىيەت گەرچە تىبەتلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكسىيە بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بەكرەك مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى سادىقجان سەلەيمۇ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.