«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئەمىلىي فېڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەنلىرى ھەققىدە توختالدى (2)

0:00 / 0:00

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئەمىلىي فېڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەزكۇر گېزىتنىڭ رادىئو پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، گېزىت ئوبزورچىسى جەيمىس كېيننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىدى. بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا ئۇنىڭ بۇ رادىيو سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

ئەمىلىي فېڭ ئالدىنقى قىسىمدىكى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىن خىتايدىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1950-يىلى بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئېتنىك زىددىيەتنىڭ ئۇلغىيىپ ماڭغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى رايونغا توختىماي خىتاي كۆچمەن يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق قاتارىغا چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلىگەندىن كېيىن زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ، 2009‏-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ شۇنداقلا سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاقىۋەتتە 2017‏-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى يوق سەۋەبلەر بىلەن يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا سولاشنى باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئەمىلىي فېڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئاساسلىق ئاتا-ئانىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن تىرىك يېتىمغا ئايلانغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان بولۇپ، ئوبزورچى جەيمىس كېين ئەپەندى رادىيو سۆھبىتىدە ئەمىلىي فېڭ خانىمدىن بۇ مەسىلىنى سورايدۇ.

جەيمىس كېين يەنە ئەمىلىي فېڭ خانىمدىن «سىز يازغان زىيارەت خاتىرىڭىزدە ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئائىلىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان ئىدىڭىز؟ بۇ ھەرىكەت ئارىسىدا قالغان بالىلارغا نېمە بولۇۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئەمىلىي فېڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىزدەنگەنلىكىنى، چەتئەللەردىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسى يېپىق تەربىيە مەركەزلىرىگە تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بالىلار پاراۋانلىق مەركىزى» دەپ ئاتالغان دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە :«ئاخىرقى قېتىملىق زىيارىتىمدە شۇنداق ئەھۋالدىكى بىر ئائىلە بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ ئائىلىدىكى ئەر-ئايالنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ 4 بالىسى بار بولۇپ، 4 بالىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چوڭىمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش تەربىيەلەش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن، قالغان ئىككى بالىسى 7-8 ياشلاردا بولۇپ، ئۇلارنى بوۋا-مومىلىرى بېقىۋالىمىز، دەپ ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا شۇنچە يىغلاپ يالۋۇرسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارغا نەۋرىلىرىنى بەرمەي دارىلئېتامغا ئەپ كەتكەن» دېدى.

جەيمىس كېين ئەپەندى بۇ بالىلارنىڭ پات ئارىدا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن قايتا جەم بولۇش ئېھتىمالى بار-يوقلىغىنى سورىغىنىدا ئەمىلىي فېڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ھازىر بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئىنتايىن قېيىنلىقى»نى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە: «چۈنكى بۇ يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى پۈتۈنلەي قانۇنسىز، بۇ يەرگە سولانغان كىشىلەر ھېچقانداق بىر سوت ئېچىلماي تۇرۇپ، قانۇنىي تەرتىپلەر ئىجرا قىلىنماي تۇرۇپ سولانغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەن سۆزلەشكەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنلىرى لاگېرلار پەيدا بولغاندا تۇتۇلغاندىن بېرى تارتىپ ھازىرغىچە بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى قويۇپ بېرىلمەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقىدىن قارىغاندا ئۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە بۇ بالىلار پات ئارىدا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولىدۇ، دەپ قاراش مەنچە مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ» دېدى.

ئەمىلىي فېڭ يەنە، ئۆزىنىڭ بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىگە كىرىپ، شارائىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلار قاتتىق نازارەت قىلىنغانلىقتىن ئىچىگە كىرىش ئىمكانى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر رادىيو پروگراممىسى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىنمۇ زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز بايانلىرى ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى تەستىقلىغان.

ئاخىرىدا جەيمىس ئەپەندى ئەمىلىي فېڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلارنى ئاياغلاشتۇرۇش ئېھتىمالى بار-يوقلۇقىنى سورىدى. ئەمىلىي فېڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «راست گەپنى قىلسام، بىلمەيمەن. چۈنكى بۇنى نېمىنىڭ ئاياغلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانچىلىك چىقىم كېتىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى بېقىش بەدىلىگە مەڭگۈ شۇ يەردە تۇتۇپ تۇرماقچىمۇ؟ ياكى ئۇلارنى قورقۇتۇپ ئىككىنچىلەپ ئۆزلىرىگە قارشى تۇرمايدىغان قىلىۋېتىپ ئاندىن پەپىلەپ قويماقچىمۇ ئېنىق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ قىسقىسى ھازىر بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىدى. . . . شۇڭا مەنچە قاچان پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى بىرلىكتە خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە كۈچلۈك بېسىم قىلغان تەقدىردە بەلكىم ئىشلار ئۆزگىرىشى مۇمكىن. . . ئەكسىچە بولغاندا ھېچنېمە ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ رايون خىتاي ئۈچۈن بەك سەزگۈر بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەن خەلقئارادىن كۈچلۈك بىر بېسىم كەلمىگۈچە خىتاي بۇنى ئۇنداق ئاسانلا ئاياغلاشتۇرىدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئاخباراتلىرىدا ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارغا قانداقتۇر خىتاي تىلى ۋە ياكى باشقا ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.