ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىستراتېگىيە ۋە تېررورلۇق تېمىسىدىكى ئىككى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى.
بۇ ھەقتە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشكەن رابىيە خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئامېرىكا تەرەپنى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان ئادالەتسىز سوتلارنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىردى.
رابىيە خانىم بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتا دۇنيا مىقياىسىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىدا يېتەكچىلىك رول ئويناشقا دەۋەت قىلدى. رابىيە خانىمغا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىدا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف ئەپەندى ھەمراھ بولدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.