ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىشى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللىي زۇلۇمنىڭ ئارتىپ بېرىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادە ۋە غايىسىدىن تەۋرەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى.
خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك تەرغىباتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىتلەر يارىتىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، خىتاينىڭ 2 مىڭ يىلدىن بېرى قوشنا ئەللەرگە قارىتا يولغا قويۇپ كەلگەن مىللەتچىلىك سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ قاتتىق رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ دىنىي ئورتاقلىق سەۋەبى بىلەن تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا كۆپ توسالغۇغا ئۇچرىمىغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان بىر مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق ھامىيلىق رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇنى چۈشەنگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قالقان بولۇۋاتقان بۇ دىننى يوقىتىش يولىدا بار كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ توغرىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ، دۇنيا جامائىتىگە خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇمىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇش، ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەركىن دۇنيادىكى كۈرەشنى ماسلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى تېخىمۇ جىددىي رەۋىشتە دۇنياغا ئاڭلىتىش زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېچ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۈمىدسىزلىكنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.