ئۇيغۇر ئېلىدىكى چەكتىن ئاشقان سىياسەتلەر خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەر خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يەرلىكتىكى باشقا مىللەتلەرگىمۇ كېڭەيتىشى ھەم شۇنداقلا سىياسىي ئىدىيە تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامغا قارشى سىياسىتى ھەم شۇنداقلا چېن چۈئەنگونىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بىلەن بولغان باغلىنىشى مۇلاھىزە قىلىنغان.

بۈگۈن «ئاسىيا خەۋەرلىرى» تورىدا «خىتاينىڭ ئۇزاق غەربىدىكى ئىسلامغا قارشى زالىم سىياسەتلەر كېڭەيمەكتە» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنغان نۇرغۇن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە، بىر قانچە ئايدىن بۇيان سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى يولغا قويغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇنداق مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانىنى بىر قانچە مىڭ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا تۈركىي مىللەتلەرگىمۇ بېسىم قىلىپ، چەتئەلگە چىقىپ كىرگەنلەر ياكى قازاقىستان توغرۇلۇق پاراڭ قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىمۇ يۇقىرىدىكىدەك تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ «ئاسىيا خەۋەرلىرى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى كېسىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى ھۆكۈمەتكە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتىگە سادىق ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىنى چەتئەللەردىكى مۇسۇلمانلار ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە بەكرەك يېقىن تۇتىدۇ، دەپ گۇمانلىنىدۇ» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ھالىتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقارغانلىقتىن تەبىئىي ھالدا بۇنىڭ تەسىرىگە قازاق، قىرغىزلارنىڭمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىنى باشقۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزى بېكىتكەن قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى باشقۇرۇشتا قوللانغان تەدبىرلىرىدە نۇرغۇن قانۇنسىزلىقلارنى كۆردۇق. مەسىلەن، ئۇلار بىر تۇيۇقسىزلا بىر قىسىم ئىسلامچە ئىسىملارنى بالىلارغا قويۇشتىن چەكلەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىسىملارنىڭ بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان كىتابلاردا ماقۇللانغان ئىسىملار. يەنە بىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىزلا كىشىلەرنىڭ كىيىملىرىگە ئارىلىشىدۇ ياكى بىرەر كىشىنى ھاراق ئىچمىسەڭ بولمايدۇ، دەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قانۇننىڭ سىرتىدا ئەپ بېرىلىۋاتقان، ئۆز مەيلىچە ھەرىكەتلەر. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا رادىكاللىشىش خەۋپىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلماسلىقى كېرەك».

«ئاسىيا خەۋەرلىرى» گېزىتى ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جىھاد ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن غۇلجا ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردا پاسپورتلارنى يىغىۋالغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى ناماز ئوقۇغانلىقى، بۇرۇت قويغانلىقى ياكى روزى تۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، پاسپورت يىغىۋېلىش، ناماز ئوقۇشنى چەكلەش ۋە ساقال قويغانلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا چەكلىمىلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا كەڭ يولغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋىليام نى «ئاسىيا خەۋەرلىرى» گە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈپ كەلگەن زالىم سىياسەتلىرى ئۇلارنى يۇرتىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇرلىدى. ئەمدى بۇ سىياسەتلەر قازاق، قىرغىزلارغىمۇ كېڭەيدى» دېگەن. ئۇ يەنە «قازاق قىرغىزلارغا قىلىنغان بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمنى خىتاينىڭ ئىسلامغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ھەم شۇنداقلا ئاتالمىش ‹چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سۇقۇنۇپ كىرىشى› نى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايمەن. ئەمما بۇنىڭ مەنتىقلىق ئاساسى ياكى نەزەرىيەۋى ئاساسى يوق» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق قوللۇق تەدبىرلىرىنى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سۇقۇنۇپ كىرىشىگە ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا چېتىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنى ئىسپاتلاشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى دوكتور سوفى رىچاردسون بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» دېگەن سۆزنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق دېگەن تېرىمنى ئىشلىتىشكە شەرتى توشمايدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزنى بەكلا ئېغىر دەرىجىدە سۇيىئىستېمال قىلىپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مەيلى تىنچلىقپەرۋەر بولسۇن، مەيلى زوراۋان ھەرىكەت بولسۇن، ياكى ھۆكۈمەت تەنقىد قىلىنىپ ئېيتىلغان سۆز بولسۇن ھەممىسى تېررورلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ قىسقىسى ئۇنىڭغا قانۇنلىرىڭنى ئىجرا قىل، دېيىشمۇ تېررورلۇق ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

«ئاسىيا خەۋەرلىرى» گېزىتى ئۆز ماقالىسىدە، كۆزەتكۈچى مايا ۋاڭنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگونىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا سىياسىي بيۇروغا دائىمىي ئەزا بولۇپ كىرىش ئارزۇسى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بۇنداق قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ مۇشۇ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سۇقۇنۇپ كىرىشى» نى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ھەم بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن چېن چۈئەنگونىڭ 19-قۇرۇلتايدا ئەڭ دىققەت قوزغاۋاتقان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.