خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى ۋە قارشىلىقنىڭ سۇسلىشىشى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.10.31
maqala-chiqqan-gezit-beti.jpg تارىخشۇناس جاستىن جاكوبسنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى رېئاللىقىنى تەھلىل قىلىپ يازغان ماقالىسى.
washingtonpost.com

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىز لاگېر قۇرمىدۇق» دېگەن مەزمۇندىكى ئىنكار باياناتلىرى خەلقئارانىڭ مەسخىرىسىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار تېزلا مۇقامىنى ئۆزگەرتىپ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» ئاچقانلىقىنى، بۇ مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى جەھەتتىكى «كېسەللىك» كە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالاۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما دوكتور جاستىن جاكوبسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقاتى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى سىستېمىلىق يوقىتىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پەردازلانغان تەسۋىرى، خالاس.

31-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخشۇناس جاستىن جاكوبس «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە مەخسۇس تېمىدىكى ماقالە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشكە ئاتلانغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ھازىر «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوننىڭ تارىخىي چېگراسىنىڭ مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى بۇ رايوننى ئىشغال قىلغان 18-ئەسىردىن باشلاپ ھاسىل بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، چىڭ سۇلالىسى بۇ رايوندا مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل جەھەتتە «ئاپتونومىيە» لىك ھالەتكە تولۇق رۇخسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما 1864-يىلى ياقۇب بەگ چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەندە چىڭ سۇلالىسى ئارمىيەسى قايتىپ كېلىپ بۇ رايوننى قايتا ئىشغال قىلغان. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى ۋە مېڭىسىنى «ئۆزگەرتىش» ئۇرۇنۇشى باشلانغان. بۇنىڭ تۇنجى قەدىمى «چەنتو» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ خەلق ئارىسىدا كوڭزىچە قىممەت قارىشىنى تارقىتىش ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش بىلەن باشلانغان. ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىشتىكى بۇ تۇنجى ئۇرۇنۇشى 1911-يىلىغا كەلگەندە تولۇق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا بۇ رايوندا رۇسىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭ ۋە ئەنگلىيەنىڭ تەسىرى ئۆسۈشكە باشلىغان.

پروفېسسور جاستىننىڭ پىكرىچە، شۇنىڭدىن كېيىنكى جياڭ جېشى ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى 1949-يىلىدىن كېيىنكى ماۋ زېدوڭ ھۆكۈمىتى بولسۇن ھەممىسى بىردەك دىنىي ياكى رايون پەرقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا زېھىن قويغان. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئاسسىمىلياتسىيە ئۇرۇنۇشلىرى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى تەڭسىزلىككە خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبكار ئىكەنلىكىنى ئىزچىل كۆرمەسكە سېلىپ كەلگەن. بۇ ھال تاكى شى جىنپىڭ بارلىق چوڭ ھوقۇقلارنى قولغا ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا مۇشۇنداق داۋام قىلغان.

بىز ئۇنىڭدىن ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى زادى نېمە قىلماقچى، دەپ سوئال قويساق ئۇلارنىڭ ‹ئۇيغۇر دېگەن نېمە؟› دېگەن سوئالغا جاۋاب بولغۇچى بارلىق تەبىرلەرنىڭ خىتاي دۆلىتى ياكى خىتاي كومپارتىيەسى بېكىتىپ بەرگەن ئۆلچەمگە تولۇق چۈشۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مانا مۇشۇ باش نىشاننى تىكلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھازىر زىيالىيلار ياكى يۇقىرى مەلۇمات كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلۇقنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش جۈرئىتى بولغان كىشىلەرنى تاللاپ بىر ياقلىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئىدىيەلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتىدۇ. نېمىشقا دېگەندە ئۇلار بۇ خىل ئىدىيەلەرنى ‹چەتئەلنى يىلتىز قىلغان، چەتئەل بىلەن باغلىنىشلىق› دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ كاتېگورىيەگە چۈشىدىغان كىشىلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بىردەك ھۇجۇم ۋە تۇتقۇن نىشانى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ كىشىلەر ‹ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى› نىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بېكىتىپ بەرگەن تەبىرلەرگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دەل مۇشۇنىڭغا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار ئۇيغۇر بولماقنىڭ تەبىرىنى يېڭىۋاشتىن بېكىتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.»

جاستىن جاكوبسنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە خىتاي سىياسىيونلىرى ۋە ئالىملىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە «جۇڭخۇا مىللىتى» ئىدىيەسىنى ھەمدە خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن كاللا قاتۇرماقتا ئىكەن. ئۆتكەن يەتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئاسسىمىلياتسىيە تەدبىرى ئۈچۈن 2000-يىللىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياۋى تەھدىت بولۇۋاتقان «تېررورىزم» نى دەستەك قىلىۋالغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا 2018-يىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتمۈشتىكى چىڭ سۇلالىسى ياكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي چەكلىمىلەردىن زور دەرىجىدە خالى ئىكەن. خىتاي چېگراسىغا تەھدىت پەيدا قىلغۇچى «چەتئەل جاھانگىرلىرى» نىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ھېچ ھېيىقماستىن ئىچكى مۇقىملىق باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە باستۇرغان. بۇنىڭ بىلەن «ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن بۇيانقى ئەڭ ۋەھشىي ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ئوتتۇرىغا چىققان. بىز بۇ ھالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ نېمە بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سوئال قويغىنىمىزدا پروفېسسور جاستىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى پۈتۈنلەي دىندىن خالى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تەبىرى بويىچە، ئۇيغۇرلار تېخىمۇ زور دەرىجىدە دىندىن خالىي كىشىلەرگە ئايلىنىشى، ئۇلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەت دائىرىسىدىن يوقىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەل بىلەن باغلىنىشلىقى بولغان بارچە ئامىللار كۆزدىن يۈتۈشى لازىم. ئەنە شۇ سەۋەبتىن زىيالىيلار، ئابرۇيلۇق ۋە ئوڭايلا كۆزگە چېلىقىدىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمى مەيلى شىنجاڭنىڭ ئىچىدە بولسۇن ياكى تېشىدا بولسۇن بىردەك تۇتقۇن تىزىملىكىنىڭ بېشىغا تىزىلىۋاتىدۇ. ئەنە شۇ كىشىلەر خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىرقى باش ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقان كىشىلەردۇر.»

پروفېسسور جاستىننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى ماددىلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولغۇچى بىردىن-بىر ئامىل ئىكەن. ئەمما دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن خىتاي بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيەنى بۇرۇنقىدىن كۆپ خاتىرجەم داۋام قىلماقتىكەن. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە ئۇ جايلاردا خىتاي تىلى، خىتايچە كىملىكنى ئۆزلەشتۈرۈشتەك ھادىسە كېلىپ چىقماقتا ئىكەن.

بىز نۆۋەتتىكى بۇ ھال مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى:
«راستىنى دېسەم، مەنمۇ ھازىر بۇنىڭ كېيىنكى تەسىرى ھەققىدە، بولۇپمۇ بۇنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ھەققىدە ئويلىنىۋاتىمەن. چۈنكى ھازىر سانسىزلىغان ئۆسمۈرلەر ئاتا-ئانىسى غايىب بولغان ھالدا چوڭ بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئۆسمۈرلەر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇ ھال شۈبھىسىزكى بۇنداق گۆدەكلەرگە بەكمۇ ئېغىر تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ. قاراپ تۇرۇپ بىر تۈركۈم كىشىلەر خىزمەتتىن، نورمال ھاياتتىن، ئائىلىسىنى قامداۋاتقان كىرىم مەنبەسىدىن پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان بالا-ۋاقىسى پۈتۈنلەي خانىۋەيران بولۇپ كېتىدىغان گەپ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى ھۆكۈمەت بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مۇشۇنداق ۋەيرانچىلىقتا چوڭ بولغان ئۇيغۇر گۆدەكلىرى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى تەييارلاپ بەرگەن ‹ئۇيغۇر بولماقنىڭ تەبىرلىرى› نى بوينىغا ئېسىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئىزچىل ھالدا ئۆز مىللىي كىملىكىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى دەپ قاراپ كەلگەن چۈشەنچىلەر ۋە باشقا مەزمۇنلاردىن نومۇس ھېس قىلىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن بىز كەلگۈسىنى مۆلچەرلىگىنىمىزدە شىنجاڭ رايونىدا ئاللىقاچان زور تۈركۈمدىكى ئائىلىلەرنىڭ مۇشۇنداق ۋەيران بولۇپ بولغانلىقىنى بايقايمىز.»

پروفېسسور جاستىن جاكوبسنىڭ خۇلاسە قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان كەلگۈسىدىكى بىر مەيدان توقۇنۇشنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ بولغان. شۇڭا ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنىڭ قانچىلىك «ئۇتۇقلۇق» بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەدەنىيەت ۋە تىل ئاسسىمىلياتسىيەسى ھېچقاچان سىياسىي جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇپ كېتىشنىڭ كاپالىتى ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.