ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا دىپلوماتىك سۆھبەتلىرىدە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار توغرىلىق ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنلىرى ۋە يېقىنقى كۈنلەردىكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ، ئىلگىرى قۇرغان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلۈشىدەك كۆرۈنۈشلەردىن ئۇيغۇرلار دەۋاسىنىڭ ئامېرىكىدا خېلى ئېتىبارغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
12-نويابىر ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلاردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى بولغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق ئىجرائىيە رەئىسى خانس خاگرېفې ئەپەندى، مۇراسىمدا دەل ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىدا ئېتىبارغا ئېلىنىش جەريانى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن يەنە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
ئۇنىڭ نۇتقى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەرجىمە قىلىنىپ، سورۇن ئەھلىدە چوڭقۇر تەسىرات قوزغىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خانس خاگرېفې ئەپەندىنىڭ نۇتقىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.