تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە جۇغراپىيىسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
17-نويابىر كۈنى باشلانغان يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى، قەشقەر شەھىرىنىڭ تارىخى ئورنى، تارىختا تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى توغرىسىدا تەييارلانغان ئىلمىي دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىندا 40 مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى سۇنىدۇ. بىز يىغىن توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
تەپسىلاتنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.