ئۈچ كۈندىن بېرى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 12-دېكابىر كۈنى ئوقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتى ئاڭلىتىلغان. بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئوقان ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرۇئاسىيا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئەخمەت ئۆدەمىش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوقان ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيەدىكى خىتايچە ئۆگىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا كۆپ ساندا خىتاي ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بار ئىكەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىتاي ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا بۇنداق بىر يىغىن چاقىرىلغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇرۇن ئوقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات ئەسەنلى، تۈرك پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوگان قاتارلىق كىشىلەرمۇ دوكلات بەرگەن ئىدى.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ئەخمەت ئۆدەمىش ۋە سېيىت تۈمتۈركلەردىن يىغىن ئەھۋالىنى سورىدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.