دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇنپو (خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا «خىتاي رەھبەرلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ھازىرمۇ؟» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
ئىتالىيە لىبېرال پارتىيىسىگە مەنسۇپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رىنالدى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، ياۋروپالىق مۇتەخەسسىسلەر، شۇنداقلا ھىندىستان ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى در. ماھەش رانجان دەباتا ئەپەندى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى ئىشخانىسى مەسئۇلى Ulrich Delius ئەپەندى، ۋە بېلگىيە گەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. Bruno De Cordier ئەپەندى ۋە ئامېرىكا پەنن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. قىلىچ قانات ئەپەندىلەر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرى ھەققىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە ئاساسلانغاندا، يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە زور ۋەزىپە چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.