24-ئاپرېل ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىلغان.
«شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىكى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق» ماۋزۇلۇق يىغىننى ياۋروپا پارلامېنتى كونسېرۋاتىپ گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.
يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتى كونسېرۋاتىپلار گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور بېلدېر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا باش شتابى ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى باب فۇ ئەپەندى، تەيۋەندىكى «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى سىن خۇڭياڭ ئەپەندى، تەيۋەننىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى باش ئەلچىسى ھارري سېڭ ئەپەندى، تەيۋەندىكى «شېڭ مىڭتى فوندى» نىڭ مەسئۇلى ئىلى چىڭيۈ خانىم قاتارلىق كىشىلەر سوز قىلغان.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىنىڭ ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۆمەر قانات ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
بىز يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، يىغىننى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئاچقانلىقىنى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىندا دوكلات بەرگەن بولۇپ فۇ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ئېغىر زۇلۇملار توغرىسىدا ئالاھىدە توختالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۆز دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىئىنەزىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە، ھېچ بولمىغاندا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» دىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.
مەلۇمكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياۋروپا پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ قانداق ئەمەلىي ئۈنۈمى بولۇۋاتىدۇ؟ ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە ئۆتكەن يىلى ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بىريۇسسېلدا د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىرى يىغىنى ئاخىرلىشىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق ئىستراتېگىيە تەتقىقات يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان، 27-ئاپرېل كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5000 كىشىلىك نامايىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇنداق بىر يىغىننىڭ چاقىرىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى 27-ئاپرېل كۈنىگىچە بىريۇسسېلدا يۇقىرىقى بىر قاتار پائالىيەتلەردىن سىرت، ياۋروپا پارلامېنتىدا يەنە باشقا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئېلىپ بارىدىكەن.