تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ياردەم قولىنى ئۇزاتتى

0:00 / 0:00

تايلاندنىڭ خات ياي رايونىدىكى لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. 2-ئىيۇن بۇ ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ كالا سويۇلۇپ، قورداق ۋە پولۇلار ئېتىلىپ ئاپىرىپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارغا جىددىي كېرەكلىك دورا، كىيىم-كېچەك، سوپۇن ۋە بالىلار يېمەكلىكى قاتارلىق بۇيۇملارمۇ تارقىتىلىپ بېرىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 293 ئۇيغۇر خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن قاچقان. بۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە 40 گرادۇسلۇق ئىسسىق، مەينەت مۇھىت ۋە سېسىق پۇراق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاندتىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش رەسمىيەتلىرى داۋاملىشىۋېتىپتۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش كومىتېتى مۇدىرى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ئۇيغۇرلارغا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم قولنى ئۇزاتقانلىقىنى، بۇ يۇرتداشلارنىڭ بالدۇرراق بۇ قېيىن تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.