ئۇيغۇر ئىلى نوپۇسقا ئېلىشنى ئاسانلاشتۇردى، لېكىن ئۇيغۇرلارغا ئەمەس

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.05.14
xoten-baziri-uyhgur-weziyiti.jpg خوتەن بازىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 6-نويابىر، خوتەن.
AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 6 ئاي ئاۋۋال يولغا قويغان يېڭى نوپۇس باشقۇرۇش ئىسلاھات چارىسىدە، ئۈرۈمچى بىلەن قاراماي شەھىرى مۇستەسنا ئۇيغۇر ئىلىدىكى باشقا بارلىق رايونلاردا نوپۇس باشقۇرۇش بوشاشتۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ كەسپىي، ئۆي-مۈلۈك ئەھۋالى، باشقا ئىقتىسادى شارائىتى، خىزمىتى، مائارىپ سەۋىيىسى قانداق بولمىسۇن، نوپۇس بېرىشنى بېكىتكەن.

مەزكۇر چارىدە، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق جەنۇبتىكى رايونلارغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقۇچىلارغا ئالاھىدە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدا، ئولتۇراقلاشقۇچىلار يەرلىك بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، سالامەتلىك ۋە باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارغا ئېرىشەتتى. ئولتۇراقلاشقۇچىنىڭ پەقەت ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق مۇقىم ئادرېسى بولسىلا كۇپايە ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر نوپۇس ئىسلاھات چارىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردۇق. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت چىقارغان نوپۇس باشقۇرۇش چارىسى شەرتلىك ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.

غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق مەلۇم بىر مەلۇم بىر ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان رايوندا ئىچكىرىلىك كۆچمەنلەرنىڭ تۇراقلىق ئادرېسى بولسىلا ئۇلارغا نوپۇس بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ ساقچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جەنۇب نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر كەلسە، ئۇلارغا نوپۇس بېرىلمەيدىكەن.

مۇخبىر: ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 5-6 ئاينىڭ ئالدىدا بىر ھۆججەت چۈشۈرۈپتىكەن، ئۈرۈمچى، قارامايدىن باشقا ھەر قانداق ۋىلايەت، شەھەرگە بېرىپ ئولتۇرىمەن، دەيدىغانلار بولسا نوپۇس بېرىلىشى كېرەك، دېگەن. بۇ سىياسەتنى سىلەرمۇ ئىجرا قىلىۋاتامسىلەر ھازىر؟

ساقچى: 1 نوپۇس بېجىرىش دېگەنمۇ؟ بۇنى بېجىرىۋاتىدۇ، بىراق كەلگەن ماتېرىيالىغا قاراپ، مۇشۇ يەردە ئۆيى بولسا، مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق جايى بولسا بېرىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: دېمەك، ئىچكىرىدىن كەلگەن بىرى جاي ئالسا ياكى دۇكان ئاچسا دەرھال نوپۇس بېرىسىلەر قىسقىسى؟

ساقچى: 1 ھە-شۇنداق. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ ئاساسلىقى مۇقىم ئادرېسى بولسا، شۇ ئادرېسقا قاراپ نوپۇس بېرىدۇ. ئۇ ئادرېس، مەسىلەنگە سىز ئالغان جاي ياكى يەرگە بېرىلگەن ئادرېس، ئەڭ مۇھىمى شۇ. قالغىنى ئۇ شۇ ياقتىن ئەكەلگەن نوپۇس كۆتىكى. ئۇنىڭدىن سىرت جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن تارىخىي بولۇشى كېرەك. جىنايەت ئۆتكۈزگەن تارىخىي بولسا بولمايدۇ.

مۇخبىر: قەشقەر، خوتەن تەرەپلەردىن كېلىپ نوپۇس ئالىمەن، دېسە بېرەمسىلەر، نوپۇسىنى يۆتكەپ بېرەمسىلەر؟

ساقچى: 1 ئۇنى ئەمدى مۇشۇ يەرنىڭ يەرلىك قاراپ، ئۇنى يۇقىرى بېكىتىپ بېرىدۇ، جەنۇبنىڭ نوپۇسىنى.

مۇخبىر: دېمەك، جەنۇبنىڭ نوپۇسىغا بولمايدۇ، دەڭ؟

ساقچى: 1 ھە، شۇنداق، جەنۇبنىڭكىگە بولمايدۇ.

مۇخبىر: نېمىشقا جەنۇبنىڭكىگە بولمايدۇ؟ نېمە سەۋەبتىن بولمايدۇ؟ ئىچكىرىدىن كەلگەن ھەر قانداق يەرنىڭ بولسا بولۇۋېرەمدۇ؟

ساقچى: 1 ئۇنى بىز ئۇقمىدۇق. ئۇ يۇقىرىنىڭ بىزگە چۈشۈرۈپ بەرگەن ئاشۇنداق نېمىسىغۇ ئۇ. بىزمۇ ئۇقمايمىز ئۇنى. لېكىن ئۇ ئىچكىرىنىڭ بولغاندا ئۇمۇ شۇ ئۆلچەمگە چۈشسە بولىدۇ. بۇنى ئەتىلىككە نوپۇس بۆلۈمىدىكى خادىملار بىلەن پاراڭلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەتە كۈندۈزى.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە خوتەنگە تېلېفون قىلىپ، لوپ ناھىيەسى ھاڭگا يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ، يېڭى نوپۇس ئىسلاھاتىغا ئاساسەن ھەر قانداق كىشى ھاڭگا يېزىسى ياكى خوتەن شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشسا، نوپۇس بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھاڭگا يېزىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي كۆچمەنلىرىكەن.

ساقچى: 2 بۇ ھاڭگا يېزا ھاڭگا ساقچىخانىسى.

مۇخبىر: ئاڭلىساق، بۇ خوتەن، قەشقەر تەرەپلەردە نوپۇسنى قويۇۋەتكەن گەپلەرنى ئاڭلىدۇق، ئاپتونوم رايون قارارمۇ چىقارغان ئوخشايدۇ بۇ توغرۇلۇق. قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك، سىلەرنىڭ ئۇ رايونغا بېرىپ نوپۇسقا ئولتۇرۇش ئۈچۈن؟

ساقچى: 2 بۇ يەرنىڭ شەھەر، يېزا نوپۇسى دەيمىزغۇ، شەھەردە ئولتۇرماقچى بولسىڭىز شەھەردە تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى ئالىسىز. ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز خالاپ يا شەھەر يا يېزا نوپۇسىغا ئۆتىمەن، دەپ ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندا نوپۇسقا ئۆتىسىز. لېكىن نوپۇسقا ئۆتۈپ ئۈچۈن سىز بۇرۇن تۇرۇشلۇق ساقچىخانىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى يوق، دېگەن ساقچى پونكىتىنىڭ خېتى بولسا نوپۇسقا ئالىدۇ ھەم بۇ يەرنىڭ ھەر خىل ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن بولالايسىز.

مۇخبىر: لېكىن نوپۇسى مەسىلەن، غۇلجا نوپۇس بولۇپ خوتەنگە بارسا ئالامدۇ نوپۇسقا؟

ساقچى: 2 ئالىدۇ. لېكىن نوپۇس بېجىرىدىغان ھەرقانداق ئىشقا ھازىر قانۇنسىز قىلمىشى ياكى سىياسىي مەسىلىسى يوق بولسا تېز بېجىرىدۇ. ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا بولۇپ قالسا، بۇرۇن ئازراق مەسىلىسى بولۇپ قالغان بولسا بەك قاتتىق تەكشۈرەيدۇ، ھازىر ماۋۇ سىياسىي ئىشلار بەك ئەدەپ كەتكەچكە.

مۇخبىر: نوپۇسنى قويۇۋەتكەندىن بۇيان قانچىلىك ئادەم سىلەرنىڭ تەۋەگە كىرىپ ئولتۇردى؟ كەلگەنلەر بارمۇ؟ قەيەردىن كەلگەنلەر كۆپ؟

ساقچى: 2 بار. ئىچكىرىدىن كەلگەنلەر كۆپ سانلىق. كۆپىنچىسى خەنزۇلار.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ يېزىدا قانچىلىك نوپۇس بار، سىزنىڭ تەخمىنەن پەرزىڭىزدە قانچىلىك نوپۇس باردۇ، سىلەرنىڭ يېزىدا؟

ساقچى: 2 بىزنىڭ يېزىنىڭ نوپۇسى 6 مىڭ چىقار. 6-7 مىڭ ئەتراپىدا بولسا كېرەك. يېڭى نوپۇس تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تەخمىنەن 50-60 ئادەم كېلىپ نوپۇس ئالغاندۇ، دەپ پەرەز قىلىمەن بىزنىڭ يېزىغا نىسبەتەن.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ يېزىدا ئۇيغۇرلار قانچە پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ؟ 70-80-90 %?

ساقچى: 2 خەنزۇلار شۇ 30 % نى ئىگىلەيدۇ بىزنىڭ خوتەن تەرەپلەردە. بىزنىڭ يېزىدا ئۇيغۇرلار 90% نى ئىگىلەيدۇ. خەنزۇلار 10% نى ئىگىلەيدۇ.

مۇخبىر: بۇ نوپۇسنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئاساسەن خەنزۇلار كېلىۋاتىدۇ، دەيسىز. ئۇيغۇرلار كەلسە ئەلۋەتتە چەتكە قاقمايمىز. ئەمما ئۇيغۇرلار كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ، بىر مەسىلە. ئۇيغۇرلارغا خوتەنگە كېلىپ نوپۇس ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن خەنزۇلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. ھازىر ئۇلار 10%, لېكىن كەلگۈسىدە كۆپەيسە، 60-70 % گە يەتكەن ۋاقتىدا بۇ سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزغا تەسىر قىلمامدۇ؟ بۇ سىزنى بىئارام قىلمايۋاتامدۇ، دەۋاتىمەن؟

ساقچى: 2 بۇنى چۈشىنىمەن، لېكىن ئامال يوق بەزى ئىشلارغا. ئەمدى مەن بۇ ئىشنى مۇشۇنچىلىك بىلىمەن. قالغان ئارتۇق گەپلەرنى سورىماڭ، مەن ئۇقمايمەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر نوپۇس ئىسلاھات چارىسى يېقىندا خەلقئارا ئاخبارات ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا تارقاتقان بىر خەۋىرىدە،، خىتاينىڭ مەزكۇر نوپۇس ئىسلاھات چارىسىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈش دولقۇنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە، ئاۋسترالىيە لاتروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى جەيمىس لېيبولدنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «نوپۇس ئىسلاھاتى ئاشكارا ئېيتىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇ خەنزۇلار كۆچمەنلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئۈچۈن چىقىرىلغان» دېگەن.

لېكىن جەيمىس لېيبولدنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، بۇ سىياسەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشى ناتايىنكەن. ئۇ، «بۇ سىياسەت خەنزۇلارنى خوتەنگە ئوخشاش يەرلەرگە جەلپ قىلغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇ خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىلىشىپ ياشايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.