خەلق ئىنكاسى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەشنى غەيرىي رەسمىي توختاتتى»

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان «تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش» باھانىسىدە، دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈمرە ۋە ھەجگە بارىدىغان پەيتىدە، ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى توختىتىپ، چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ مۈشكۈللەشتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى يەنە توختىتىپ قويغان، گەرچە بۇ ھەقتە ئاشكارا ئۇقتۇرۇش چىقارمىغان بولسىمۇ، دائىرىلەر تۇغقان يوقلاش ۋە ساياھەت پاسپورتىنى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىشنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئوقۇغۇچىلىق پاسپورتىنى بېجىرىشمۇ ئىلگىرىكىدىن مۈشكۈللەشتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىدىغانلارنىڭ پاسپورت، ۋىزا ئىشلىرى بەكرەك توسالغۇغا ئۇچرىماقتا ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە، قانۇنىي ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق دەپ تەنقىد قىلدى.

ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلىق پاسپورتى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئايدىن ئۇزۇن يول ماڭغان بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ھازىر تۇغقان يوقلاش پاسپورتنى بېجىرىش توختىتىلغان، چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىۋاتقانلارنىڭ پاسپورتى چىقىدىغان دۆلەتلىرىگە قاراپ قىسمەن بېجىرىلىۋاتقان بولسىمۇ، تەلەپ قىلىنىدىغان ئىسپاتلارنىڭ تۈرى كۆپەيتىلگەن.

بۇ ئېلخەت ئارقىلىق ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ يازما چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇ ئوقۇغۇچىلىق پاسپورتى بېجىرىش ئۈچۈن، چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ خىتايچە تەرجىمە نۇسخىسى، ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىخانىنىڭ تامغىسى، پاسپورت بېجىرىش ئىلتىماسى، ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق تەۋەدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى، كوچا باشقارمىسى، رايونلۇق مىللىي، دىنىي ئىشلار باشقارمىسى قاتارلىقلارنىڭ تامغىسى، مەھەللىدىكى شۇ ئائىلىگە مەسئۇل ساقچىنىڭ، مەھەللە كادىرىنىڭ ئىمزاسى، تەۋەدىكى ئامانلىق چوڭ ئەترىتىنىڭ تامغىسى، رايونلۇق ساقچىخانىنىڭ ئىمزا ۋە تامغىسى قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ئورۇندىن ئىسپات ئېلىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان، بۇ يىلى دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلىق پاسپورتىنى بېجىرگۈچىلەرگە يەنە چەتئەلدىكى ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپكە تۆلىگەن پۇلنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىشنى ۋە يەنە بارىدىغان دۆلەتتىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتنى يېڭىدىن تەلەپكە كىرگۈزگەن.

مايتاغدىن ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلاش پاسپورتى ئىشلەشكە كېلىپ، پاسپورتى بېجىرىلمىگەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدە رامىزاندا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ مايتاغدىكىدەك قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ رامىزاننى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈپ كېتىشنى قارار قىلغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر قىز، دائىرىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشنى توختىتىشىنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ پاسپورت قانۇنى بويىچە، خىتاينىڭ بارلىق جايلىرىدا، خىتاي پۇقرالىرى پەقەت ئىككى پارچە رەسىم ۋە كىملىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىقلا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھەتتا بىر كۈننىڭ ئىچىدە پاسپورتىنى قولىغا ئالالايدۇ. ئەمما پەقەت ئۇيغۇرلار باشقا خىتاي پۇقرالىرى بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ھەق-ھوقۇقتىن مۇستەسنا ھالدا، مەيلى قانداقلا تۈردىكى پاسپورت بېجىرمىسۇن، 10 تۈردىن ئارتۇق ئىسپات كۆرسىتىشتەك شەرت ۋە قاتمۇ-قات توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. شەرتلەرنى ھازىرلاش ئۈچۈن ئايلارچە يول مېڭىش، ساقلاش بىلەنمۇ يەنىلا پاسپورتىنى قولىغا ئالالىشى ناتايىن، شۇنداقلا ھەج ۋاقتى ۋە بەزى ئالاھىدە ۋەقەلەر يۈز بەرگەن چاغلاردا بولسا، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەشنى پۈتۈنلەي توختىتىپ قويىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشىنى يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسەتلىرى ۋە جىنايەتلىرىنىڭ دۇنياغا پاش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى» دەپ تەنقىد قىلدى.