جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىپ-چىققاندا ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيىتى جەريانىدا، شۇ كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئىسپات ھېسابلىنىدۇ.
ساياھەت قىلىش، ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن پاسپورت ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئۇيغۇرلار گەرچە قانۇندا بەلگىلەنگەن پاسپورت بېرىلمەيدىغانلار كاتېگورىيەسىگە كىرمىسىمۇ، پاسپورت بېجىرىشى ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ بولۇپ كەلمەكتە، ئۇيغۇر ئېلىدا ھەتتا پاسپورت بېجىرىلىش تەرتىپىمۇ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن مۇرەككەپ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتايلارغا بولسا ئىنتايىن قۇلاي. يېقىندا رادىئومىزغا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت مەمۇرىي سالاھىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىلىۋالغاندىن باشقا، 60 ياشتىن ئاشقان دەم ئېلىشقا چىققانلارغا پاسپورت بېجىرمەسلىك ھەققىدە ئىچكى بەلگىلىمىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار كەلمەكتە.
خىتاينىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى» 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزالىرى 21-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.
پاسپورت قانۇنىدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە، پۇقرالاردىن غەيرىي ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلىرى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا يالاڭۋاش چۈشكەن سۈرىتى ۋە ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ، ئادەتتىكى پاسپورت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنىدا يەنە، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگىرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. بەلگىلىمىگە خىلاپلىرىغا چوقۇم سەۋەبىنى يازمىچە ئىزاھلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش ياكى مەمۇرىي ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەتتا پۇقرالار مۇۋاپىق جىددىي ئىشلار سەۋەبىدىن جىددىي بېجىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگىرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەنگەن.
ئەمما، ئۇيغۇرلار خىتاي پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن پاسپورتقا ئىگە بولۇش قانۇنىي ھوقۇقىمۇ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ پاسپورت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەردىن باشقا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەلەپ قىلغان ئون تۈردىن ئارتۇق ئىسپات ۋە ھۆججەتلەرنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئايلارچە يول مېڭىپ ۋە ھېسابسىز پۇل خەجلەپمۇ، ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمەستىن پاسپورتىنى قولىغا ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن كۆپ.
ئەسلىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ دېگەندىمۇ ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ:
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولمىغانلار؛
- سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر؛
- ئىلتىماس قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛
- جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلار؛
- ئاخىرلاشمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى بولغانلىقتىن، خەلق سوت مەھكىمىسى چېگرىدىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلار؛
- جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار ياكى جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدىغانلار؛
- گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى چېگرىدىن چىققاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغانلار.
يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دائىرىلەر يۇقىرىقى پاسپورت بېرىلمەسلىك بەلگىلەنگەنلەردىن سىرت يەنە، ياشانغانلارغا پاسپورت بېجىرىپ بەرمەسلىكتەك ئىچكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ۋاكالىتەن پاسپورت بېجىرىش شىركىتىنىڭ بىر خادىمىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇرلاردىن دەم ئېلىشقا چىققان ۋە 60 ياشتىن ئاشقانلارغىمۇ پاسپورت بېجىرىشنى توختاتقان. ئۇندىن باشقا يېقىندا دۆلەت مەمۇرلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن ساقلاپ باشقۇرۇش باھانىسىدە يىغىۋېلىنغان.
بىز دائىرىلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن ياشانغانلارنىڭ پاسپورتىنى بېجىرمەيدىغانلىقىنى سوراش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېگرادىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئەمما تېلېفوننى ئالغان خادىم «بۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيمەن، بىز پاسپورت ئىشلىمەيمىز» دەپلا تېلېفوننى ئۈزدى.
ئۇيغۇرلار پاسپورت ئىلتىماس قىلىش، بېجىرىش جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا تالاي قېتىملاپ دائىرىلەرنىڭ مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىنكار قىلىشى، رەت قىلىشى، ھەتتا تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاي پاسپورت قانۇنىنىڭ يىگىرمىنچى ماددىسىدا «پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان خىزمەتچىلىرى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلسە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەنلەر:
- قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
- نامۇۋاپىق سەۋەب بىلەن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزالاپ تارقاتمىغانلار؛
- دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق ئالغانلار؛
- ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پارا تەلەپ قىلغان ياكى پارا قوبۇل قىلغانلار؛
- ياساش، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا ئېرىشكەن شەخسى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرز قىلغانلار؛
- ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشى بارلار؛
خىتاينىڭ پاسپورت قانۇنىدا، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر قانداق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ پاسپورت ئېلىش ھوقۇقى قوغدىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن، ھالبۇكى خىتاي پۇقراسى سانىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ھوقۇقى مانا بۇ قانۇننى يۈرگۈزىدىغان ئورگان ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن خالىغانچە دەپسەندە قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ھوقۇقىغا ئىگە بولالماسلىقى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندى «خىتايدىن ئىبارەت بىر دۆلەت، پۇقراسىغا بەرگەن ئاساسىي قانۇندىكى كاپالەتلىرىنى ئۇيغۇرغا بەرمەيۋاتىدۇ، گەرچە ئۇيغۇرغا پاسپورت بېرىلمەيدۇ دەپ قانۇن چىقىرالمىسىمۇ، كومپارتىيىنىڭ بېسىمى بويىچىلا ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە توپ يەكۈن ئايرىم سىياسەتنى يولغا قويۇپ جازالىماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئاپتونومىيە ۋە ئاساسىي قانۇنىلا ئەمەس، خىتاي ئۆزى ئىمزا ئاتقان خەلقئارالىق كېلىشىملەرگىمۇ خىلاپ ئېغىر جىنايەت....» دەپ بىلدۈردى.