«قەشقەر شەھەر تورى»نىڭ 18-ئاۋغۇست تارقاتقان خەۋىرىدە پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتى ئۈچۈن، پەقەت بىر سائەت كېتىدۇ دەپ ئۇچۇر بېرىلدى.
خەۋەردە : «قەشقەر شەھىرىنىڭ سىرتقا قارىتا باردى -كەلدى ئالاقىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،چەتئەلگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېگرادىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش ئەترىتى قەشقەر خەلقىگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى» دېيىلگەن.
چەتئەلگە تۇغقان ياكى دوستلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن پاسپورت ئىشلەشتە،پەقەت چەتئەل سىرتىدىكى تۇغقان ياكى دوستىنىڭ كىملىك كۆپەيتمىسى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى پاسپورت بېجىرىشنى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي سىناق تەرىقىسىدە شىخەنزە،قاراماي، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلەردە باشلىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە پاسپورتنى بىر سائەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلىشنى قولايلاشتۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان،گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات -دەۋەت مۇدىرى ھۈسەيىن تەجەللى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە پاسپورت بېجىرشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۇشىگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇ، سۆزىدە بۇنىڭ قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇئۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يۈرگۈزۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ پاسپورت قولايلاشتۇرۇش سىياسىتى قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقان ياكى دوستلىرىنىڭ ئارخىپىنى توپلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.