خىتاينىڭ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىدە تۈركىيەدىن ئۆي سېتىۋالغان ئۇيغۇرلار ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان
2016.11.28
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتەبىر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ شەخسى پاسپورتلارنى ئومۇميۈزلۈك قايتا يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، رادىيومىزغا كەلگەن بۇ ھەقتىكى يېڭى ئىنكاسلاردىن دائىرىلەرنىڭ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمدىلىكتە چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنى كەڭ دائىرىدە سۆرۈشتە قىلىش ۋە تەدبىر كۆرۈش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى مەلۇم . بولۇپمۇ، سودا - سېتىق ياكى ساياھەت بىلەن تۈركىيەگە چىققان ۋە تۈركىيەدىن ئۆي سېتىۋالغان ئۇيغۇرلار قاتتىق سوئال - سوراق ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇۋاتقان بولۇپ، ھەتتا بۇ خىل جىددىيلىك تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي مۈلۈك، ساياھەتچىلىك، مۇلازىمەت شېركەتلىرىگىمۇ تەسر كۆرسەتكەن .
ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىخەنزە، ماناس، قۇمۇل ۋە مىدۇڭ شەھىرىدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ 18-ئۆكتەبىرگىچە پاسپورتلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى تارقىلىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن قىسقا مۆھلەت ئىچىدە شەخسلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ج خ ئىدارىلىرىگە ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. پاسپورتلارنى يىغىش ئۇقتۇرۇشلىرىدا يېقىن مۇددەتتە پاسپورتىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ پاسپورتىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلىدىغانلىقى ياكى پاسپورت ئىگىلىرىگە ئاۋارىچىلىك بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز خەۋەرنى دەلىللىگەن ئىدى، يەنى پاسپورت يىغىۋېلىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا بىردەك ئىجرا قىلىنغانلىقى مەلۇم.
ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچى ئاتۇشتىمۇ - 25 ئۆكتەبىرگىچە پاسپورتلارنى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىلارغا تاپشۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغانلىقىنى، كېچىككەندە 29 - ئۆكتەبىردىن قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يىغىش مۆھلىتى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما پاسپورتلارنى قاچان قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق بۇيرۇق ياكى سىياسەت چۈشمىگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ھەجگە ھەمدە تۈركىيەگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بەكرەك سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
رادىيومىزغا بۇ ھەقتە يەنە يېقىندا كەلگەن يازما ئىنكاسلاردىن دەرۋەقە دائىرىلەرنىڭ قايتىدىن يولغا قويغان پاسپورت يىغىۋېلىش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ئۆزىنى ئۈرۈمچىدىن دەپ تونۇشتۇرغان بىر كىشىنىڭ مەلۇمات يوللىشىچە، چەتئەللەرگە چىققان تارىخى بار، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋىزىسى بار پاسپورت ئىگىلىرى ساياھەت ۋە سەپەر ئىشلىرىرىدىن خىتاينىڭ سوئال - سوراقلىرىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۆزىمۇ پاسپورتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيەگە ساياھەتكە چىققانلىق تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن سوئال -سوراققا ئۇچرىغان. سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىستانبولدىن ئۆي ئالغانلىقىنى، ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىش سەۋەبى بىلەن تۈركىيىگە بارغانلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇ جاۋابى ئۈچۈن دائىرىلەر ئەمدى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۈركىيىدىن ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش پىيىغا چۈشكەن ۋە ئۆي خەتلىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە تەكشۈرۈپ مەسىلە كۆرۈلمىگەندە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئېلىپ قالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاسپورت ئىگىلىرىنىڭ چېگرا ئاتلاش تارىخى ۋە سەۋەبلىرى، پاسپورتقا كىرگۈزۈلگەن شەخسى ئۇچۇرلار قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىلا 10 مىڭچە ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتى ئەتكەس قىلىنغان. دائىرىلەرنىڭ پاسپورتنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى سوئال - سوراق، قىيىن - قىستاقلارغا ئېلىشى ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
بىز دائىرىلەرنىڭ يىغىۋالغان پاسپورتلارنىڭ قاچان ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار زىيارىتىمىزنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆي مۈلۈك ۋە باشقا مۇلازىمەت ئىشلىرىدا ئەلا ۋە ئادىل مۇلازىملىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئۇنىۋېرىسال مۇلازىمەت شېركەتلىرىدىن نۇر شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، شېركەت مۇدىرى سابىرجان ئەپەندى، يېقىنقى ئون كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭمۇ بىردىنلا توختاپ، ئۆي مۈلۈك ئىشلىرىنىڭمۇ ئاستىلاپ، شىركەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگىمۇ تەسىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى :
سابىرجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ تۈركىيەدىن ئۆي سېتىۋالغۇچىلار يېقىنقى 2، 3 يىلدا خېلى كۆپەيگەن، ئۇلار ئاساسەن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۈپ رايونلىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىۋاتقان بولۇپ، ئاساسەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش، ئانچە - مۇنچە سودا قىلىش دېگەندەك ئىستەكلەردە سېتىۋالغان، ھەممىسى قانۇنلۇق رەسمىيەتلەر، كېلىشىملەرگە ئاساسەن سېتىۋالغان شەخسى ئۆيلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياكى تۈركىيەنىڭ بۇ ئۆي مۈلۈك ئىگىلىرىنى ئاۋارە قىلىدىغانغا باشقا ئاساسى يوق.
ۋەتەندىن كەلگەن تۇغقانلىرىنىڭ گۇۋاھلىق رەسمىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن، خىتاي كونسۇلخانىسىغا چېپىپ يۈرگەن ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر خىتاي پاسپورتى بىلەن ئىىستانبۇلغا كېلىپ، ئۆي ئېلىپ ۋە بالىلىرىنى ئوقۇتۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ، ئىستانبۇلدا تۇرۇش ۋە ئۆي ئېلىش سەۋەبلىرىنى ۋە رەسمىيەتلىرىنى كۆرسىتىشنى ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق ئۇقتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قايتقاندىن كېيىن قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ كىلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن .
پاسپورت يىغىشنىڭ نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىغا دائىر سوئالىمىزغا ئاتۇش ساقچىسىنىڭ بەرگەن جاۋابى «شىنجاڭ ئالاھىدە رايون بولغاچقا، پاسپورتقىمۇ ئالاھىدە سىياسەت يۈرگۈزىلىدۇ » بولغان ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 22-نويابىر سەيشەنبە كۈنى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساقچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن ھالقىغان دەرىجىدە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى رايونلار بويىچە كوللېكتىپ يىغىۋېلىش، مۇسۇلمانلارغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ئىنچىكە تەكشۈرۈش، سوراق قىلىش، ئۇلارنىڭ ساياھەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىشىغا قارىتا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى» نى ئاشكارىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەنگەن. شۇنداقلا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان پاسپورت سىياسىتىدە، خىتاي پۇقرالىرىدىن پەرقلىق ھالدا يىللاردىن بۇيان ھەر خىل بەلگىلىمە، چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، پاسپورت بېجىرىشنى تەسلەشتۈرۈش، ھەتتا پاسپورت بەرمەسلىكتەك قاتتىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىللەتلەرگە قارىتا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.