خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە «تېررورلۇق» قا قارشى قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي كۈچ كۆرسەتتى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى 16‏-فېۋرال ئەتىگەندە خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى «ئىتتىپاق» مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا قوراللىق ساقچىلار، ج خ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى، خەلق ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە مىڭ قوراللىق قىسىم قەسەم بېرىپ، ھەربىي كۈچ كۆرسەتكەن.

قەسەمياد يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇن نۇتۇق سۆزلەپ، ئامانلىق كۈچلىرىگە «تېررورچىلار»نى قانداق يوقىتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ئۇ «تېررورچىلارنى قەتئىي نەپەس ئالدۇرماسلىق، پاك-پاكىز يوقىتىش، ئۈزۈل-كېسىل زەربە بېرىش، يىلتىزىنى قۇرۇتۇش، ھەرگىز قالدۇرۇپ قويماسلىق»نى تەكىتلىگەن.

بۇ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 2009‏-يىلى «‏5‏- ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۈرۈمچىدە پارات ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي كۈچ كۆرسەتكەندىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ زور كۆلەملىك ھەربىي ھەيۋە كۆرسىتىش ھەرىكىتىدۇر.

پەيشەنبە كۈنكى ھەربىي پارات ۋە جۇ خەيلۇننىڭ ھەربىي پاراتتىكى سۆزى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى، «خەۋەرلەر ۋە تەتقىقات مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ خوتەندە ئېلىپ بارغان بۇ خىل ھەربىي ھەيۋە كۆرسىتىشىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھېچقانداق ئىجابىي تەسىرى بولمايدىكەن.
ئۇ، بۇ خىل قوراللىق ھەيۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي 70 يىلدىن بېرى بۇ ھەيۋىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مەن كىچىك ۋاقتىمدا، شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا 10‏-ئاينىڭ بىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش بايرىمىغا ئاپىراتتى. شۇ زامانلاردا ئەنە شۇنداق ھەيۋە قىلاتتى. ھازىر خىتاي كۈچلۈك دۆلەت بولدى، ئەمدى ئۇ، بۇ كۈچىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ قانچىلىك كۈچىنى كۆرسەتسە كۆرسەتسۇن، ئىنساننىڭ ھەر خىل شەرت-شارائىتتا شۇنىڭغا لايىق ياشاش، شۇنىڭغا لايىق ئۆزىنى قوغداش قابىلىيىتىنى ئاللاھ ياراتقان. خىتاي قانچىلىك ھەيۋە قىلسا قىلسۇن، ئۇيغۇرلارغا بۇنىڭ بىر پايدىسى يوق. بۇنداق ھەيۋە قىلغاننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى، ئىنسان ھەقلىرىنى بېرىشى كېرەك ۋە بۇنى تونۇشى كېرەك.»

ھازىر خوتەن خەلقى ناھايىتى ئەندىشە ئىچىدە قالغان. پەيشەنبە كۈنى بىز بىلەن سۆزلەشكەن يەرلىك پۇقرالاردىن ھېچكىم ۋەزىيەت ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق يېزىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ يېزىسىدىكى دېھقانلارنى يىغىنغا ئۇيۇشتۇرماقتىكەن.

مۇخبىر: خوتەندە ۋەزىيەت بەك قاتتىقلىشىپ كەتتى، دەيدۇ. ئەھۋال راست شۇنداقمىدۇ؟

دېھقان: ئۇنداق ئەمەس. پائالىيەت بولۇپ تۇرىدۇ. سىياسىي ئۆگىنىشلەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ. ئەھۋالىمىز ياخشى.

مۇخبىر: بىر ئاز ئەنسىزلىك بولۇۋاتامدۇ، قانداق ؟ تۈنۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشتىڭلارمۇ قانداق؟

دېھقان: قاتناشتۇق، كەنتتىن تەشكىللىدى.

مۇخبىر: ئاڭلىساق ھەربىي‏، ساقچىلار پارات ئۆتكۈزدى، دەيدۇ. بۇ ئاۋۇ گۇمادا يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلامدۇ، قانداق؟

دېھقان: ئۇنى ئۇقماپتىمىز. بىز ماۋۇ كەنتتىكى يىغىنلارغا باردۇق بىز. چوڭ پاراتقا بارمىدۇق بىز.

دائىرىلەر يەنە، چەتئەللىكلەرنىڭ خوتەنگە كىرىشىگە بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان. خوتەن شەھىرىدىكى «يۈدۇ» يەنى «قاشبالىق» مېھمانخانىسىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەنگە كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ قايسى مېھمان سارايدا قونۇشىنى ساقچىلار بېكىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ نۆۋەتچى: «شۇنداق چەتئەللىكلەرنى قوبۇل قىلمايمىز. چەتئەللىكلەر ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ تىزىملىتىدۇ. ساقچى ئىدارىسى ئۇلارغا قونىدىغان يەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. توغرا، ساقچى ئىدارىسى مەخسۇس قوناق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى بىزگە مەلۇم ئەمەس، ئەمما سىز، ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ سورىسىڭىز، ئۇلار دەپ بېرىدۇ. سىلەر چەتئەللىكلەر ساقچى پونكىتىغا بېرىپ تىزىملىتىسىلەر، ئاندىن ئۇلار سىزنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرسا، شۇ يەردە ياتىسىز. چەتئەللىكلەر خالىغان مېھمانخانىدا ياتسا بولمايدۇ. بۇنى سىز تاللىيالمايسىز. بۇنىڭ سەۋەبىنى شۇلاردىن سوراڭ» دېدى.

بىز بۇ بەلگىلىمىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە ھازىر پۈتۈن خوتەندە يولغا قويۇلغان جىددىي ھالەت بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىنى سورىغان بولساقمۇ، بىراق ئۇ، «بولدى قىلىڭ، بۇنى سورىماڭ، تەپسىلىي ئەھۋالىنى ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ سوراڭ» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

تۈركىيەدىكى «خەۋەرلەر ۋە تەتقىقات مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى ھامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خوتەندىكى ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش يىغىنى ئىككى نىشاننى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ بىرى، رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى خاتىرجەم قىلىش، يەنە بىرى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇشكەن.

ھامىت كۆكتۈرك: «ئەلۋەتتە بۇ، خىتاينىڭ بۇنداق ھەربىي ھەيۋە قىلغىنى ھەم خىتايلارغا بىر كاپالەت بېرىش. (خىتايلارغا) باق، بىز مۇشۇنداق كۈچلۈك دۆلەت. ئۇيغۇرلار ھېچنېمە قىلالمايدۇ. سىلەر خاتىرجەم ياشاۋېرىڭلار، دېگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە قىلىدۇ. يەنى باق، سەن بېشىڭنى كۆتۈرسەڭ، مۇشۇ قوراللار بىلەن سېنى يوق قىلىمەن، دۇنيا يۈزىدىن تامامەن سۈرۈپ يوق قىلىۋېتىمەن، دېگەن بىر ھەيۋە.

بۇ ھەر ئىككى تەرەپكە يەنى خىتايلارغا مۇسبەت مەنىدە ئۇچۇر بەرگەن بولسا، ئۇيغۇرلار مەنفى مەنىدە تەھدىت سالغانلىقىنىڭ ئىشارىتى، دەپ چۈشىنىمەن.» دېدى.