خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر زەربە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى

0:00 / 0:00

22-ماي ئۈرۈمچىدە ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلاردا ھازىرغىچە 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بۆلگۈنچىلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى 23-ماي سەھەردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا «نۆل نۇقتا» دىن تازىلاش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. نەتىجىدە، 200 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «جىنايەت گۇماندار» ئىنى، 23 «زوراۋانلىق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن چېتىلىدىغان» تەشكىلاتنى ۋە 200 دىن ئارتۇق پارتلىتىش بۇيۇمىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئارقىدىنلا، يەنى 27-ماي كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى غۇلجا ۋىلايىتىدە 55 كىشى «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى بولسا دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش قاتتىق داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرئەت بىلەن ئېلان قىلىنىۋاتقان تۇتقۇن خەۋەرلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان تېلېگراف گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يىللىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىدىن قاتتىق ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنىڭ ئەسلىدىلا يىرىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

گاردىيان گېزىتى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 20-30-ياشلار ئارىسىدىكى ياشلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «بۇ ياشلار ئىنتېرنېتتا تېررورلۇق ۋىدىئولىرىنى كۆرگەن، بومبا ياساشنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇلار ئىنتېرنېت، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان» دەپ خەۋەر قىلغانلىقىنى يازغان. ئۇلار خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتلەرنى چەتئەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى دەپ ئاتاۋاتقانلىقى، ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا چەتكە قېقىلىپ ياتلاشتۇرۇلۇشى، دىنىي ۋە مىللىي سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىق، خىتاي كۆچمەنلەر ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن چەتتە قالدۇرۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، خىتايدا جىنايەتچىلەرنى سازايى قىلىپ تۇرۇپ، كوللېكتىپ ھۆكۈم قىلىدىغان ئەھۋال بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، بۇ نۆۋەت غۇلجىدا 55 كىشىنىڭ 7000 كىشى ئالدىدا سازايى قىلىنىپ تۇرۇپ سوتلانغانلىقىنى بايان قىلدى. گاردىيان گېزىتى خەۋىرىدە بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مو شاۋپىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، بۇ خىل سوتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مو شاۋپىڭ سۆزىدە قانۇنىي ھۆكۈم چىقىرىلمىغۇچە ھەرقانداق كىشىنىڭ گۇناھسىز دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل سازايى قىلىش ئۇسۇلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر زەربە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

گاردىيان گېزىتى خەۋىرىدە يەنە، 1997-يىلى غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدىكى «قانىغان دەرەخ» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى نىك ھولدىستوكنىڭ مۇلاھىزىسىگە يەر بەرگەن. نىك ھولدىستوك سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سازايى قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ۋە بۇ خىل ھېچقانداق خەلقئارا سوت تەرتىپىگە چۈشمەيدىغان سوتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
‏-خىتاي ھۆكۈمىتى سوت ئېچىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر پاكىت كۆرسەتكىنى يوق. بۇ كىشىلەرگە ئاقلىغۇچى بېرىلگىنى يوق. سوت پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر ئورگان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق پاكىتسىز-ئىسپاتسىز تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز خەلقئارا جامائەتنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە چاقىرىمىز.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون رادىئومىزغا بەرگەن مۇلاھىزىسىدە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنى تەكشۈرگەندە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، جىنايى پاكىتلىرىنى تولۇق كۆرسىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما دەسلەپ كېلىۋاتقان خەۋەرلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەرتىپلەر بويىچە ئىش قىلمايۋاتقانلىقىنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئەسكەرتىپ، «ئۇچۇر ۋە پاكىتلار تولۇق بولمىغان بىر شارائىتتا، كىشىلەر جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنماسلىقى كېرەك. ئەمما بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچلىقپەرۋەر بىر شەخسنىمۇ ئېغىر جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا بىزنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇننى پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتەمدۇ ياكى ئىدىيىسى ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈنمۇ دەپ ئەندىشە قىلىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبىمىز بار» دېدى.

ئەنگلىيەنىڭ ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئاۋسترالىيە گرىففس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، «شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زورىيىشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مايكىل كلاركنىڭ مۇلاھىزىسىگە يەر بەرگەن. مايكىل كلارك مۇلاھىزىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىلدىكى زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سىياسىي سورۇن ھازىرلاپ بەرمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن. مايكىل كلارك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ رادىكاللىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ «ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلمىي يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇشقا تىرىشقان ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگىنىنى نەزەردە تۇتقاندا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكاللىشىپ كېتىشىگىمۇ ھەيران قالماسلىق كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق يارىتىش ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق قوللۇق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئەمەس، ئەكسىچە رايونغا قاراتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىدىكى بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ مەكتەپ سالىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇلار خەۋىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى ئېلان قىلىشىنىڭ رايوندا ھەقىقەتەن قوراللىق كۈچ بىلەنلا باستۇرۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇلار مۇلاھىزىسىدە، گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ مۇلاھىزىسىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتىنىڭ ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ بولىدىغانلىقى» نى قەيت قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. سوفى خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى، دىنىي ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئەسكەرتىپ «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق ۋەقە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا بولمايدىكەن ۋە قانۇن بويىچە ئادىل سوتلاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايدىكەن، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە ئىشەنچسىزلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، ھەم رايون خەلقى ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.