قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت دۈشەنبە كۈنى 27 نەپەر ئۇيغۇرنى يەكەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»گە چېتىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان. ھالبۇكى، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال دۇنيا 10-ئۆكتەبىر ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنىنى خاتىرىلىگەن ئىدى. شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆلۈم جازاسى مەۋجۇت دۆلەتلەرنى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، دۇنيانىڭ چاقىرىقىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى 60 يىللىق تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ئۆلۈم جازاسى قارارىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق جاۋاب بەردى.
قەشقەر ئوتتۇرا سوتى ئوسمان ئابلەت، يۈسۈپ ئابلەت، جۈمە قادىر، مەمتىمىن ئۆمەر قاتارلىق 12 ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ بۇيۇمى ياساش، ئوت قويۇش، گۆرۈگە ئېلىش، خەتەرلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاممىۋى تەرتىپكە تەھدىت سېلىش...» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇغان. راخمان سادىر قاتارلىق 15 ئۇيغۇرغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن شۇنداقلا ئېلى تۇرسۇن قاتارلىق توققۇزەيلەننى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
خىتاي ئاخباراتى سوتنىڭ قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، سوت مەھبۇسلارنىڭ ئانا تىلىدا ئېچىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى سوتقا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق سوتنىڭ جەريانى، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى قانداق ئاقلىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە، مەھبۇسلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادۋوكاتىنى سوت بېكىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنى نېمە ئۈچۈن سوت بېكىتىپ بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن. نەتىجىدە بۇ، سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا قارىتا زور گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلدى.
گوللاندىيەنى مەركەز قىلغان ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ تەشكىلاتى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ دۈشەنبە كۈنى چىقارغان قارارىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان قەدىر قىممىتىگە قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىق، دەپ كۆرسەتتى.
ۋ م خ ت نىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئېۋا پېتكوۋىچ مۇنداق دېدى: خىتاي ئىنساننىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى ۋە ئىنسان قەدىر قىممىتىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كەڭ ۋە سىستېمىلىق يولغا قويۇلۇشى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىنكار قىلىشتۇر. ھاياتلىق ھوقۇقى ب د ت ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەھدىنامىنىڭ 5-ماددىسىدا تەن جازاسى، ئىنسانلارغا قىلىنغان قەبىھ مۇئامىلە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ، دەپ كۆرسىتىلگەن. ۋ م خ ت بۇنىڭغا تامامەن قوشۇلىدۇ. ئەپسۇسكى، خىتاي ب د ت پۇقرالىق ھوقۇقى-سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىنىڭ قوشۇمچە 2-ھۆججىتىگە ئىمزا قويمىغان دۆلەت. ئۇنىڭدا ئۆلۈم جازاسى پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنغان. بۇ ئۆلۈم جازاسىنى چەكلەيدىغان بىردىن-بىر خەلقئارا نىزام. بىراق خىتاي بۇ ئۆلچەمگە ئەمەل قىلماي كەلدى. مانا بۇ، ۋ م خ ت نىڭ خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرىنى تەنقىد قىلىشىدىكى سەۋەب.
خىتاي ھۆكۈمىتى 28-ئىيۇل «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»نى تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە «تېررورچىلار»نىڭ 37 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 59 «تېررورچى»نى باستۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەن. يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە «تېررورچىلار» تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى دەپ ئېلان قىلىنغان بەزى يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى نامايىشچىلارغا قوشۇپ ئېتىۋەتكەن.
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئېۋا پېتكوۋىچ، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى تېررورلۇق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەن.
ئېۋا پېتكوۋىچ : «ئەگەر بىز بىر قەدەم چېكىنىپ دۇنيادا بولۇۋاتقان ئومۇمى مەنزىرە ۋە تېررورلۇق تەھدىتىگە قارىساق، خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بىز شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز. تېررورلۇق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ قارشى تۇرۇش نىشانى بولسىمۇ، بىراق خىتاي بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى. ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۇلارغا قارشى نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى ۋە بۇ ئاساستا ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى كەمسىتتى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇ، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە» دېدى.
ئېۋا پىتكوۋىچنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش ئورنىغا، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق بۇلۇڭغا سىقىشتۇرۇپ، ئۇلارغا ھېچقانداق پائالىيەت بوشلۇقى قويمىغان. بۇ رايوندا قارشىلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئېۋا پېتكوۋىچ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە مەسىلىنىڭ تۈگۈنى شۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى پەرقلىق گۇرۇھلارنىڭ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلمىغانلىقى. ئۇ، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىدى. بەزىدە بۇ جىددىيلىككە تېخىمۇ ياغ چاچتى. ئۇ دىئالوگ قۇرۇش ئورنىغا سىستېمىلىق كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى بۇلۇڭغا قىستاپ ئاپاردى. ئۇلارغا تەسىر قىلغان مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەشكە ئىنتايىن ئاز بوشلۇق قالدۇرۇپ قويدى. ھالبۇكى، زوراۋانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق ئىرادىسىگە خىلاپ بولسىمۇ، بىراق بۇ، بەزىلەرنى ئۈمىدسىز ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پۇقرالارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى نامايان قىلىدۇ.
ۋ م خ ت 10-ئۆكتەبىر «دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆلۈم جازاسىنى «ھەم پايدىسىز، ھەم ھاجەتسىز» قەبىھ تەدبىر، دەپ تەنقىد قىلغان. ھازىر، دۇنيادىكى 58 دۆلەت ئۆلۈم جازاسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن خىتاي قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتنىڭلا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە 20دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
د ئۇ ق قاتارلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 28-ئىيۇل يەكەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»دە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 2000 دىن ئاشىدۇ. ئۇلار خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى قاتارلىق يېزىسىغا قاراشلىق ئاز دېگەندە ئىككى كەنتتىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. بۇ ئۇچۇر ھازىرغا قەدەر ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، بىراق يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەخەد ھاكىمنىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە ئوق چىقارماسلىق ھەققىدە يالۋۇرغانلىقى، بىراق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارىماي، ئوق چىقىرىپ، قارشىلاشقۇچىلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان دۆڭباغ يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر سېكرېتارى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرىنى قوشۇپ ئېتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.