خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىقىدا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.09.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
yu-zhengsheng-qeshqer-heytgah.jpg يۇ جېڭشىڭ ھېيتگاھ جامەسىدە دىنىي زاتلارنى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىردى. 2015-يىلى سېنتەبىر، قەشقەر.
CCTV

پائالىيەتچىلەر ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇختارىيەت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر بەزى ئىجابىي سىگناللارنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.

بىراق، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشىڭنىڭ 26‏-سېنتەبىر قەشقەردە قىلغان سۆزى ئۇنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ قارالدى.

ئۇ، ھازىرغا قەدەر ئاشكارا سورۇنلاردا قىلغان سۆزىدە داۋاملىق تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنى قاتتىق تەكىتلەپ، ئەمما ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سىياسىي ھوقۇق ۋە بايلىق تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى قانداق تۈگىتىش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى قارار چىقىرىش مىخانىزىمىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا خەنزۇلار كونترول قىلىشتەك ئەھۋالنى قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدە ھېچقانداق پىكىر بايان قىلىپ باقمىغان.

ئامېرىكىدىكى جۇڭگو ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدې ئەپەندى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىقى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن يارىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوبدان پۇرسەت ئىدى» دەيدۇ.

بىراق ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىدە بېيجىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى»دە بىرەر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتى يوق.

چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ، «ھازىر بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ئۆزگىرىدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. ئۇنىڭ تۈپ شىنجاڭ سىياسىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندەك، تېخىمۇ رەھىمسىزلەشكەندەك قىلىدۇ. بۇنى بىز ھەممىمىز كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

شىنجاڭنىڭ باشقا جەھەتتىكى ئەھۋالى باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قارىغاندا ئىنتايىن ئېغىر. چۈنكى، ئۇ بېشىدىلا يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا باغلىدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى باغلاپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ مۇختارىيەت كۈرىشى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۈپ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ھەق تەلەپلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ ئىزچىل باھانىسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى.»

چېن كۇيدې ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىقتىسادى ئىگىلىكىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، ھوقۇق ۋە بايلىقنى پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا خەنزۇلار كونترول قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئىلىدىكى بارلىق زىددىيەتنىڭ مەنبەئى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قارار چىقىش مىخانىزىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق تەسىرى قالمىغانلىقىنى، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى ئۈزگەتمىسە، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش پەسەيمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن كۇيدې مۇنداق دېدى، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈزۈلمە ئىچىدە بارغانسېرى يەكلەندى. ئۇلارنىڭ تۈزۈلمە ئىچىدىكى سانى تېخىمۇ ئازايدى. ئۇلارنىڭ ئاساسەن قارار چىقىرىشقا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ھوقۇقى قالمىدى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى ئىدى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىسا قارار چىقىرىش مىخانىمىز ئىچىدە خىزمەت قىلاتتى. بىراق ھازىر ئۇلارغا ھېچقانداق پۇرسەت قالمىدى.

شۇڭا، ھازىر كومپارتىيە سىياسىتى ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ قويدى. ئۇيغۇرلار قارار چىقىش مىخانىزىمىنىڭ ئىچىدە خىزمەت قىلسا، ئۇلار ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار مەسىلىگە باشقا بىر نۇقتىدىن قارىغاچقا مەسىلە مۇزاكىرىگە قويۇلغاندا، ئۇ ئازراق بولسىمۇ تەڭپۇڭلۇق رولىنى ئوينايدۇ. ھازىر بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، تېخىمۇ رادىكال يولغا قاراپ ماڭدى.

ئۇنىڭدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان كۈچ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىللەتنىڭ دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى توقۇنۇشقا ئېلىپ كەلدى.»

يۈ جىڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىم 5 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، بۆرتالا، سانجى قاتارلىق شەھەرلىرىدە، شىخەنزە قاتارلىق بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەر، رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. يۈ جىڭشېڭ قەشقەرگە چۈشكەن گۇرۇپپىغا مەسئۇل بولغان.

ئۇ «بېسىملىق ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلاش» پىكرىنى 26‏-سېنتەبىر قەشقەردە يەرلىك كادىرلار، دەم ئېلىشقا چىققانلار، نەمۇنىچىلەر، دىنىي زاتلار، «شىنجاڭغا ياردەم چىققان» كۆچمەن خەنزۇ كادىرلار ۋە ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن.

يۈجىڭشېڭ، «يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلاپ، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ شۇ كۈنى ھېيتكا جامەسىنى زىيارەت قىلغاندا جامەدىكى ئۆلۈمالارغا سۆز قىلىپ، «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئۆلىمالارنى جاسارەتلىك بولۇشقا، توغرا ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي ئىناقلىق جەھەتتە يېتەكچىلىك رول ئويناشقا باشلاش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، داۋاملىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى مەلۇم نۇقتىغا قەدەر رول ئوينىسىمۇ، بىراق ئۇ مەلۇم نۇقتىدىن كېيىن توقۇنۇشنى كۈچەيتىشتىن باشقا ھېچقانداق رول ئوينىمايدۇ.

چېن كۇيدې، «شىنجاڭ ۋەزىيىتى»نى يۇمشىتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى تەكرار قۇرۇشتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

چېن كۇيدې مۇنداق دېدى، «بىر تەڭپۇڭ قۇرۇلما، تەڭپۇڭ سىياسىي قۇرۇلما، تەڭپۇڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلما، تەڭپۇڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى چوقۇم قۇرۇپ چىقىش زۆرۈر. بولۇپمۇ سىياسىي تەڭپۇڭ، سىياسىي قۇرۇلما بەرپا قىلىش بەك مۇھىم. چۈنكى، سىياسەت جۇڭگودا ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولمىسا، ئۇيغۇرلار بۇ تۈزۈلمىدە بارغانسېرى ئازىيىپ كەتسە، بۇنىڭ ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

چۈنكى، ئۇنىڭ پۈتكۈل سىياسىي قارار مېخانىزمى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوبيېكتىپ ئۇچۇر مەنبەئى يوق. شۇڭا، ئۇنىڭ پۈتكۈل قارارى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە تەڭپۇقلۇقنى ساقلىيالمىسا، ئۇنىڭ ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.