ئۇيغۇر ئېلىدە توقۇمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ بىر سىياسىي قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى
2014.07.21
18-ئىيۇل، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تونۇشتۇرغان. بۇ پىلان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار يەنە بىر قېتىملىق زور قۇرۇلۇشى.
مەزكۇر پىلان بويىچە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئاقسۇ، شىخەنزە، كورلا شەھىرى 3 چوڭ توقۇمىچىلىق شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. قۇمۇل، مارالبېشى، ئالار، شايار، ماناس، كۈيتۇن ۋە قورغاس توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا توقۇمىچىلىق سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.
دائىرىلەر بۇ پىلان ئەمەلىيلەشسە، بىر مىليون ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
لېكىن ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادى پەنلەر دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن، بۇ پىلان ئۇزۇن مەزگىلدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق، مۇھىت ۋەيرانچىلىقى ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلانغا 3 مىليارد 200 مىليون دوللار ئاجراتقان.
مەبلەغ سالغۇچى خىتاي كارخانىلىرىغا باج كەچۈرۈم قىلىش، يەر ئىشلىتىش، ئەرزان باھالىق خام ئەشيا ۋە توك بىلەن تەمىنلەش، قاتناش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تېخنىكىلىق تەربىيىلىنىشى، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەرھات بىلگىنىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پىلان قىسقا مەزگىلدە بەزى ئۈنۈملەرگە ئېرىشسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مەزگىلدە ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ، بۇ پىلاننىڭ بىر سىياسىي قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدا سۇ، مۇھىت، مەدەنىيەت، باشقا جەھەتلەردىكى ئىجتىمائىي ئامىللار كۆزدە تۇتۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەرھات بىلگىن: بۇ پىلان خىتاينىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي قىسمى.
مۇخبىر: سىياسىي ئىستراتېگىيە، دېگەندە بۇ قانداق بىر سىياسىي ئىستراتېگىيەنڭن ئىقتىسادىي قىسمى؟
پەرھات بىلگىن: توقۇمىچىلىق بۇ ناھايىتى كۆپ ئادەم تەلەپ قىلىدىغان سانائەت. ئەمگەك مەركەزلەشكەن، لېكىن كۆپ تېخنىكا تەلەپ قىلمايدۇ. خىتاي نۇرغۇن ئەسلىھەلەرنى ياسىدى، نۇرغۇن ئۆي-مۈلۈكلەرنى سالدى. ئەمدى بۇ خىتاي كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كېلىشكە، ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە جەلپ قىلىشقا سانائەت كېرەك. دۇنيانىڭ ئىقتىسادى قانۇنىيىتىدە نەدە خىزمەت كۆپ بولسا، نەدە پۇل تېپىش پۇرسىتى كۆپ بولسا، خەلق شۇ يەرگە ئاقىدۇ. ئۇ يەرگە يول ياساپ، ئۆي سېلىپ قويۇپ باشقا پۇل تېپىش شارائىتى بولمىسا، ئۇنداق يەرگە ھېچكىم كەلمەيدۇ ياكى بارغانلارمۇ كېتىدۇ. شۇڭا، خىتاي بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىش تېپىش، پۇل تېپىش پۇرسىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بولمىسا خىتاي كۆچمەنلىرى يا كەلمەيدۇ، كەلگەنلىرى بولسا كېتىدۇ. شۇڭا، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ زېمىنىدا ئەمگەك كۈچى مەركەزلەشكەن سانائەتنى شەكىللەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ياخشى بىر ئىستراتېگىيە.
مۇخبىر: بىراق بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن؟
پەرھات بىلگىن: نورمال ئەھۋالدا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى بولۇشى كېرەك. لېكىن ھازىرقى ئەھۋال نورمال ئەمەس، بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاخىرى قالىدىغىنى يەنىلا مۇھىت بۇلغىنىش، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېزىلىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زىيانلىق.
مۇخبىر: سىز مۇھىت مەسىلىسىنى دېدىڭىز، بۇ يەردە ئۇيغۇر ئىلىدىكى جۇغراپىيىلىك شارائىت، سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، بۇ رايوننىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئەھۋالى زور كۆلەملىك شەھەرلەرنى قۇرۇش، ئەمگەك كۈچى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن كارخانىلارنى بەرپا قىلىش ئۇنىڭ تەبىئىي شارائىتى بىلەن قانچىلىك كېلىشەلەيدۇ؟
پەرھات بىلگىن: بۇ ئۇنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا ماس كەلمەيدۇ. بەل يىراققا قارىمىساقمۇ مەسىلەن، ئۆزبېكىستاننى مىسال ئالساق، ئۇلار پاختا ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ كۆللىرى قۇرۇپ كەتتى، خۇددى بىزنىڭ كۆللىرىمىز قۇرۇپ كەتكەندەك. بۇلارنىڭ دەريالىرىدا سۇ يوق. مەسىلەن، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار كۆپلەپ رۇسىيىگە بېرىش ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ. توقۇمىچىلىق سانائىتى خام ئەشياسىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە ناھايىتى كۆپ سۇ تەلەپ قىلىدىغان سانائەت. مەسىلەن، رەخت ئىشلەش ۋە بوياش مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان كەسىپ. بىر مىليون ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، دېگەن بىلەن ئۇنىڭ مۇلازىمەت قىلىدىغان يەنە بىر مۇنچە ئادەملەر پەيدا بولىدۇ. بۇ مۇھىتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.
مۇخبىر: ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش ئەمەلىيلەشسە، ئۇ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
پەرھات بىلگىن: مال باھاسى ئۆرلەيدۇ، ئىشسىز قالغانلارغا تېخىمۇ زىيان بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئىشسىز دېھقان. ئۇلارغا نىسبەتەن ھەرقانداق مالنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. مال باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا گەرچە تاپقان پۇلى ئازراق كۆپەيسىمۇ، لېكىن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كۈچلۈك بولغاچقا، تۇرمۇشى ھازىرقىدىنمۇ بەتتەر ناچارلىشىپ كېتىدۇ. ئېھتىمال، بىر قىسىم ئادەملەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى، خىزمەت تاپالمايدۇ، بىر. مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىنلا تۇرمۇشى ناھايىتى تۆۋەن خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بېقىنىش ھالىتى كۈچىيىدۇ. بۇ، دۆلەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئىستراتېگىيە.
مۇخبىر: بۇنىڭ تەرەققىياتى ئاخىرى نەگە ئاپىرىدۇ؟
پەرھات بىلگىن: قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمەت غەلىبە قىلىشى مۇمكىن. ھەرقانداق بىر سانائەت ئۆزىگە ماس كەلمىگەن رايونغا بارغان چېغىدا يىقىلىدۇ. چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ئىقتىسادى قانۇنىيىتىدە نەدە ئەۋزەل شارائىت بولسا، شۇ يەردە شۇ سانائەت گۈللىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئەۋزەل شارائىت بولماي، بىرى زورلاپ ئەكېلىپ قويسا ئۇ يىقىلىدۇ. شۇڭا، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ بۇ سانائىتى بۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن. شۇ چاغدا بۇ ناھايىتى كۆپ ئىشسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن خىتاينى ئەكېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، شەھەرلەشتۈرۈپ، ئۇلاردا ئىشسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. يىراق مەزگىلدىن ئالغاندا يەنى 40-50 يىل ئىچىدە غەلىبە قىلالمايدۇ. لېكىن 10-20 يىلدا بەلكىم ئۇ مەقسىتىگە يېتىشى مۇمكىن.
مۇخبىر: دېمەك، كەلگۈسىدە بۇ فابرىكىلار يىقىلسا، بۇ يەردىكى ئىشسىز قالغان خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە بولىدۇ؟
پەرھات بىلگىن: شۇنداق، زور مەسىلە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار توقۇمىچىلىقتىن باشقا ئىشنى قىلالمايدۇ. ئىچكىرىگە كېتەي دېسە، ئۇ يەردىكى زېمىنىدىن ئايرىلىپ بولغان 30-40 يىل بۇرۇن. ئۇ يەردە ئائىلىسىمۇ يوق. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ قىلىۋاتقانلىرى قىسقا مۇددەتلىك، ئۇلار ئۇزۇننى ئويلاپ ئىش قىلمايۋاتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ۋاقتىدا سېبىرىيەگە نۇرغۇن زاۋۇتلارنى قۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقى بىر يېقىلىۋېدى، ئۇنىڭ قۇرغان زاۋۇت ۋە شەھەرلىرى بىكار قالدى. چۈنكى، بۇ ئىقتىسادى قانۇنىيەتكە قارشى تۇرۇلغان زاۋۇت، شەھەرلەر. مەسىلەن، ئۈرۈمچىنى بازا قىلىمىز، دەيدۇ. بىراق ئۈرۈمچى دۇنيا بازىرىغا بەك يىراق. ئەگەر گۇاڭجۇ، شاڭخەيدەك شەھەرلەر بولسا دۇنيا بازىرىغا يېقىن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭالايدۇ. ئۈرۈمچىدەك شەھەرگە قۇرۇپ قويسا، ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىل پۇت تىرەپ تۇرۇش پۇرسىتى تۆۋەن بولىدۇ.
مۇخبىر: ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنسە بولىدىغۇ؟
پەرھات بىلگىن: ئۇ غەربكە قارىساق مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا دەيمىز. بىراق ئۇنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئاجىز. كەمبەغەل نوپۇسىمۇ كۆپ ئەمەس. ھەممىنى قوشساق 60 مىليوندىن سەل كۆپ. مەسىلەن، پاكىستاندا ئەمگەك كۈچى بىزنىڭ ۋەتەندىنمۇ ئەرزان. دۇنيا بازىرىغا بىزدىن ئۇلار بەكرەك يېقىنراق. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى شەرقىي تۈركىستاندىن كۈچلۈك. ئەگەر شەرقىي تۈركىستانغا توقۇمىچىلىق مەركىزىنى يۆتكىسە، ئۇنىڭ رىقابەت قىلىش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. چۈنكى، پاكىستاننىڭ ئادىمى كۆپ، دېڭىز پورتىغا يېقىن. ئەمگەك كۈچى بەك ئەرزان.
مۇخبىر ناھايىتى كۆپ رەھمەت سىزگە پەرھات ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا. مۆھتەرەم رادىئو ئاڭلىغۇچىلار يۇقىرىدا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادى پەنلەر دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.