رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-مەھەللىلەردىكى ساقچىخانىلارنى كۆپەيتكەن. دائىرىلەر يەنە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ياشلارنى ساقچىخانىلاردا ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدا ئىشلەشكە تەۋسىيە قىلغان. ئۇنداقتا، يىللاردىن بۇيان ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئاتا-ئانىلار بۇ خىزمەتلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ؟ 2009-يىلدىن كېيىن ئوقۇش ئۈچۈن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە چىققان بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرى ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىش كۈتۈپ تۇرغان مەزگىلىدىكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ساقچىخانىلاردا ياكى قوراللىق ساقچى ئەترىتىدە ئىشلەشتىن كۆرە، جاپا تارتسىمۇ چەتئەللەردە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى غەرب دۆلەتلىرىگە كېلىپ، ئوقۇش ۋە شۇ خىزمەت پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان بىر قانچە ياش رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە كېلىپ جاپالىق ئىشلەش ۋە ئوقۇش يولىنى تاللىغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلدى.
ئۇلار بايانلىرىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدىكى ئاتالمىش خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرىغا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ساقچىخانىلار ۋە قوراللىق ساقچى ئەترەتلىرىدە ساقچى، ياردەمچى ساقچى بولۇش ياكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-مەھەللىلەردىكى ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە پايلاقچىلىققا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق خىزمەتلەرنى قىلىشتىن كۆرە، جاپا تارتسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھالال مېھنىتىگە تايىنىپ چەتئەللەردە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇشتەك جاپالىق يولنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، يېقىندا مەلۇم بىر غەرب دۆلىتىگە كېلىپ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇۋاتقان بىر ياش بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.