كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا


2014.01.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xitay-saqchi-uyghur-qizi-chong-bazar.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئەتراپىدا كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 14-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا شىددەت ۋەقەلىرىگە تولغان بىر يىل بولدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ۋە ھەتتا بېيجىڭنىڭ پايتەختى تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلىندى.

ئەمما چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا كۆرسەتكەن جىنايى پاكىتلىرىنى يېتەرلىك دەپ قارىمىغان ئىدى. ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەرزدارلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن خاراكتېر ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشايدىغان ۋەقەلەر ئەگەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغاندا ئۇنىڭ «تېررورلۇق» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەمدى باستۇرۇش ۋە بۇنىڭغا قارشىلىقتىن ئىبارەت چەمبىرەك ئايلىنىشىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

2013-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئىچىدە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئەڭ قوزغىغىنى شۈبھىسىزكى تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى بولدى. ۋەقەدىن كېيىن غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئانا-بالا، ئەر-ئايال بىر ئائىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت تېررورلۇق ھەرىكىتى بولۇش ئېھتىمالى بارمۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە قىزغىن تالاش-تارتىش بولدى. ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى س ن ن قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بۇ تالاش-تارتىشنى ئاياغلاشتۇرالمىدى.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى بولغان جەيمىس توۋن تەتقىقات مەركىزىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «تيەنئەنمېن  ھۇجۇمى ئىسلامچى تېررور ھەرىكىتىمۇ ياكى نارازىلىق ھەرىكىتىمۇ» دېگەن مۇلاھىزىسىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە 2013-يىلى ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئوخشايدىغان ئەمما ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ۋەقەلەرنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ چىققان. مەسىلەن، ئۇنىڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن ناھەق ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويۇلغان بىر ئەرزدارنىڭ يېقىندا بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئېلىپ بارغان پارتلىتىش ھەرىكىتى مىسالغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا باشقا دۆلەتلەردە بولسا ئېنىقلا تېررورلۇق دەپ قارىلىدىغان بۇ ۋەقەنى ئەرزدارلار مەسىلىسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما خاراكتېر ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغاندا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە بىر سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھەر نۆۋەت ۋەقەنى چەتئەلدىكى تېررور تەشكىلاتلىرىغا باغلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەتقىقات ئورنى مۇلاھىزىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، خىتايدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ياكى ئۆزىگە زىيان بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىلى سېنتەبىردىكى ۋەقەدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىيىلىك ئەللىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنىڭ بارغانسېرى تونۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرى مەسىلىسىگە كەلگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بارلىقىنى، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەرىكەتلەرمۇ نارازىلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماھىيەت ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ يەنىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەرزدارلار مەسىلىسىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارادا تونۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە بولغان چۈشىنىش ئارتىپ باردى. شۇڭا بىرەر ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭغا پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلار مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق پاكىت تاپمىغۇچە ئۆزلىرىنىڭ ۋەقەنى تېررورلۇق دەپ ئاتىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقلارغا قارىماي، مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويماسلىقى، ۋەقەگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى سوتقا ئېلىپ چىقماي تۇرۇپ نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىشى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلە. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشلىرىدىمۇ مانا بۇ سوتسىز ئۆلۈم مەسىلىسىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى نىشان قىلماقتا.

جەيمىس توۋن تەتقىقات مەركىزىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇلاھىزىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بەك قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە باغلاپ مۇئامىلە قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ ئالاھىدە سەزگۈر ۋە ئالاھىدە قاتتىقلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بۇندىن كېيىن رايون ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى يىل كىرە-كىرمەيلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنىڭغا قارشىلىقىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.