خىتاي يۇمتال سودىگىرى لو: «لاگېرلارنى شىنجاڭدىكى خىتايلار ئاشكارىلىشى كېرەك»
2019.01.31
مۇخبىر: لو ئەپەندى، سىز ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغان ئىدىڭىز، سىز بۇ ئۇچۇرغا قانداق ئىگە بولدىڭىز؟
لو ئەپەندى: بۇنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىسىدىكى بىر دوستۇمدىن ئاڭلىدىم. يەنىلا شىنجاڭ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان دوستلىرىم بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سان داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى داۋاملىق ئادەملەر تۇتۇلۇۋاتىدۇ دەيدۇ.
سوئال: ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە دوستلىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: بار، ھازىرمۇ بار، لېكىن كۆپىنچىسى بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. مەن بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قائىدىلىك، ئادىل، ھايانكەشلىك قىلمايدۇ، تىنچ ئادەملەر، ھېچقاچان توپلىشىپ ئىش چىقىرىپ، بىزنىڭ ھاياتىمىز ياكى بىر ئىشىمىزغا كاشىلا قىلغانمۇ ئەمەس. شۇڭا مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم بەلكىم ھازىر پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىگە قارشى ئىدىيەدىكى توردا ئىنكاس قىلغۇچىلارنى ۋە ئەرز قىلغۇچى دەۋاگەر خىتايلارنىمۇ تۇتۇپ لاگېرلارغا سولىشى تامامەن مۇمكىن.
سوئال: سىز ئۆزىڭىزمۇ دەۋاتىسىز، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليوندەك كىشى لاگېردا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك دەپ، دېمەك، خىتايلار يەنىلا ئەركىن يۈرەلەيدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ بۇ زۇلۇمغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقى پەقەت قورقۇشتىنمۇ ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى قوللاۋاتقىنىدىنمۇ؟
جاۋاب: مەن ئۇنداق قارىمايمەن، ئۇلار كۆرەلەيدۇ، ئەمما دېيىشتىن قورقىدۇ، دۆلەتنى پارچىلاشقا چېتىلىشتىن قورقۇپ جۈرئەت قىلالمايدۇ. سۆڭىكىدىن قورقۇنچاق.
سوئال: خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىمۇ شۇنداق لاگېرلار بارمۇ؟
جاۋاب: ھازىرچە مەن لاگېرنى ئاڭلاپ باقمىدىم، بار دىيىلسىمۇ ئىلگىرى فالونگوڭچىلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تەربىيەلىگەن ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىنى لاگېر دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن شىنجاڭدىكىدەك ئۇ قەدەر كەڭ كۆلەملىك لاگېر يوق.
مۇخبىر: سىزنىڭچە، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرنى سولاشتىكى مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب: مېنىڭچە، ئاخىرقى مەقسەت ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىش. چۈنكى ھازىر ھەر خىل گۇمانلار بىلەن ناھەق سولانغان بۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى ھەر قانچە تەربىيەلەپ چىقىرىۋەتسىمۇ ئاخىرى ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان بۇ ئىنسانلار ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىش يولىنى ئىزدەيدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرىدا ئۇلارنى تامامەن يوق قىلىۋېتىشى، يەنى جىسمىنى يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، يېقىندا لاگېردىن چىقىپ قازاقىستانغا كەلگەن ئاقېنبەك ئىككى يىلدىن كېيىن لاگېردىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەقلىدىن ئازغان. ھەتتا خوتۇن بالىلىرىنىمۇ تونۇماس بولۇپ قالغان. ئۇلار لاگېردىكىلەرگە مەجبۇرىي دورىلارنى بېرىپ ئىنسانلارنى كارغا كەلمەس، گەپمۇ قىلالماس قىلىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلار مۇشۇ ھالەتتە چىققان تەقدىردىمۇ لاگېردا نېمە بولغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. بۇ بەك ۋەھشىيلىك، بەك قورقۇنچلۇق. بۇ چوقۇم سىياسەت بويىچە بولۇۋاتقان ھادىسىلەر. چۈنكى شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ ۋە باي، پۈتۈن تەبىئىي بايلىق، گاز ھەممىسى تېپىلىدۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ جاينى مەڭگۈلۈك ئۆزىنىڭ تېررىتورىيەسى قىلىۋېلىش ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بايلىقلارنى تارتىۋېلىش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى دەپ قارايمەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولمىغۇچە بۇ مەسىلە تۈپتىن ھەل بولمايدۇ، دەپ قارايمەن.
سوئال: ئۇنداقتا، سىزنىڭچە ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىپ ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى بۇ خىل زۇلۇمغا ئۇچرىمىسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا رول ئوينىشى مۇمكىنمۇ؟
جاۋاب: بۇ جايدا بولۇۋاتقان زۇلۇم بىر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى. ئۇلار ھازىرچە گەپ قىلالمىغان بىلەن چوقۇم كۆزىتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، پۇرسەت تېپىلسا ئۇلارمۇ سۆزلەيدۇ. بۇ جايدا چوقۇم كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق بولىدىغانلىقىدىن ئۇ جايدىكى خىتايلارمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى ئېنىق. چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغۇچىلار، باشقىلارنىڭكىنى ناھەق ئىگىلىۋالغۇچىلاردۇر. قارىسىڭىز، رەسىملەردىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت ساقچىخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرۋازىلىرى تۇرۇپمۇ يەنە ئالدىغا قۇم خالتىلاردىن ئاكۇپلارنى ياساپ، قوراللىق ئەسكەرلەرنى كېچە-كۈندۈز قاراۋۇللۇققا سالىدىكەن. بۇ خۇددى بېسىۋالغۇچىلاردەك ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقى، قورقۇۋاتقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئازراق بوش قويۇۋەتسە، ئۆزىنىڭ قاتتىق مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، سىزنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى يەنە قانچە ئۇزۇن داۋام قىلدۇرىدۇ، كەلگۈسىدە بۇ مەسىلە قانداق ھەل بولۇشى مۇمكىن؟
جاۋاب: ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بىر ئائىلىدە بىر قانچە ئادەم لاگېرلارغا قامالغانلىقتىن بالىلار تالادا قالغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. مېنىڭ ئىچكىرىكى دوستلىرىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يېتىم بولۇپ قالغان بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ يۆتكىگەن ئىكەن. ئۇلار بالىلارنىڭمۇ مېڭىسىنى يۇيۇپ ئەجدادلىرىنى تونۇماس قىلىۋەتمەكچى، ئۇلارغا كىچىكىدىن خىتايچە ئۆگىتىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، چوشقا يېگۈزۈپ دېگەندەك پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىنى پىلانلىغان. ئاتا-ئانىلىرى بولسا لاگېرلاردا ھەر خىل قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىماقتا. ئۆلگەنلەرنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەت يەنە قانچە داۋاملىشىدۇ، بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇنىڭغا شاھىت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خىتايلار ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداق يوقىتالايدىغىنىنى ئويلىشى كېرەك. بۇ مىللىي مەسىلە ئەمەس، بۇ مونوپول قىلغۇچى بىلەن مونوپول قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. بۇ ئىنسانلىققا قارشى بىر جىنايەت. بۇنى بىلگەنلەر پاش قىلىش يوللىرىنى ئىزدىشى، ئىچىدە ئاڭلىتالمىسا ماڭا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ، ئەركىن دۆلەتلەردە ئاڭلىتىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن.