سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
22-فېۋرال كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئەل رىمال مېھمانخانىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. پائالىيەت سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىنىڭ نامى «سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىئوسى» دېگەن ئىسىمغا ئۆزگەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئونىڭ مۇدىرى ھۈسەيىن ئەھمەد دەغرىرىگە ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەخسۇس تەشەككۈرنامىنى تەقدىم قىلىش پائالىيىتى نامى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن «دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتاي ئىشلىرى مۇدىرى رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا، سالام شىركىتىنىڭ لىدېرى ئەمىن ئابدۇلغەفۇر، ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانى قاتارلىق كىشىلەر، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىكتورلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىستلاردىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى.
ئۇيغۇر خەلقى دىنىي تەلىملەرگە موھتاج
پائالىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ پېشقەدەم دىكتورلىرىدىن سىراجىدىن ئەزىزى ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇر رادىئوسىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇ جايلاردىكى دىنىي بېسىملارنىڭ كۆپلۈكى، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى يوقلۇقى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىنىڭ خاتالىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە تەپسىلىي سۆزلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىندىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەردىن، مەسچىتلەردىن قەتئىيلىك بىلەن مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىگە ئاتېئىزم دەرسى ئوقۇتۇلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشلىك ھالدا بايان قىلدى. ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ دىنىي تەلىم تەرەپتىن ئالاھىدە چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋە بۇ رادىئونى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر رادىئوسىغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجى كۆپ
ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا تۈركىستانى مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىدىن بېرىلىۋاتقان پروگراممىلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈرىتىنى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان ياخشى پائالىيەتلىرىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئەينەكتۇر. بۇ رادىئو مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان ئىككى ھەرەم زېمىنىدىن تارقالغانلىقى ئۈچۈن بۇ رادىئونىڭ ئەھمىيىتى چوڭدۇر. رادىئو يېتىپ بارىدىغان جايلاردىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ بۇ رادىئوغا بولغان ئېھتىياجىمۇ چوڭدۇر.»