بېيجىڭلىق ئادۋوكات: ھازىر ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.03.06
kunming-weqesi-yaponiye.JPG ياپونىيەدىن چىقىدىغان«نىشى نىپپون» گېزىتىدىكى كۇنمىڭ ۋەقەسى توغرىسىدىكى مەزكۇر ماقالە. 2014-يىلى مارت.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدىن چىقىدىغان نىشى نىپپون گېزىتىنىڭ 3-مارتتىكى سانىدا 1-مارت كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن. گېزىتتە «ئېتنىك خەلقلەر، ئېتنىك مىللەتلەر سىياسىتىگە قارشى چىقماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇخبىرنىڭ خىتايدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار بىلەن بېيجىڭ ۋە كۇنمىڭدا بۇ قېتىمقى ۋەقە توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسى بېرىلگەن.

ماقالىدە كۇنمىڭدىكى ۋەقەدە كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ۋەقە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم يىغىنلاردىن بىرى بولغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ۋەقە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىگە بېرىلىۋاتقان نارازىلىق سىگنالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر ماقالىسىدە «ھازىر خىتايدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتى دېگەنلىك پەقەتلا ئۇلارنى باستۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئوخشاش ۋەقەلەر داۋاملىق خىتايدا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر يالغۇز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا ئەمەس، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئورۇن ئالمىشىپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكىدىن بولۇۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا ھەر ئىككى تەرەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش نۇقتىسىدىن تولىمۇ يىراقلىشىپ كەتتى» دېگەن.

بېيجىڭدا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدا دېيىلىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسى تولىمۇ كېڭىيىپ كەتكەن، ئىلگىرى خىتايدىكى تېررورلۇق ۋەقەلەر بولسا پەقەتلا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەردە ھۇجۇم پەقەتلا ھۆكۈمەت ۋە ياكى ساقچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ھازىرقى ۋەزىيەتتە باشقىچە بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى تيەنئەنمېندا ۋە بۇ قېتىم كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن.

مۇخبىرنىڭ «15 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قان ئىزى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، مۇخبىرنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسى بېرىلگەن.

ۋەقەدە يارىلانغان گۇاڭدۇڭلۇق بىر شاھىتنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلار كۈتۈش زالى، بىلەت سېتىش ئېغىزى قاتارلىق ئىككى جايدا جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمدا يارىلىنىپ يەرگە يېقىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلتۈرۈلگەن. ئادەملەر قورققىنىدىن ۋاقىراپ-جاقىراپ كېتىشكەن بولسىمۇ، سىرتقا چىقىپ كېتىش ئىشىكىدىن پەقەتلا بىرلا ئىشىكنىڭ بولغانلىقىدىن قېچىشقا ئامال قىلالمىغان.

مۇخبىر ماقالىسىدە 2-مارت كۈنى چۈشتە كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قان ئىزلىرىنىڭ يۇيۇپ تازىلانغانلىقىنى، لېكىن پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدىكى تەخمىنەن 15 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قورقۇنچلۇق قان ئىزىنىڭ تېخىچە تازىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جايدا ئولتۇرىدىغان بىر كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئېچىنغان ھالدا «بۇ ۋەقەنى مۇستەقىل بولۇشنى ئويلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېقىندا خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشنى ئوبدانراق ئويلىشىشى كېرەك» دېگەن.

1-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى،ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ: «ھۆكۈمەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىدى. پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىلا ئېلىپ باردى. خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى قولغا ئالدى. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى. ئىلھام توختى بولسا مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغۇچى بىر تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي تىلىدىكى تور بېتىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى سىياسىتىدە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز- ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى مىللەت ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما كومپارتىيە رەھبەرلىرى ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىۋالغاچقا، ئىلھام توختىنىڭ تەلەپلىرى رەت قىلىندى» دېگەن.

بېيجىڭدىكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ھۆكۈمەت مىللىي سىياسەتنى كۈچلەندۈرۈپ، دۆلەتنى تىنچلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خۇ جىنتاۋ ئۆز زامانىسىدا ئىناق-تىنچ جەمئىيەت بەرپا قىلماقچى بولغان. لېكىن شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتى ئۇرۇش-جېدەلگە تولغان جەمئىيەت ھازىرلاشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنى قانچە باستۇرغانسېرى ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى شۇنچە كۈچىيىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدا ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تېررورچى ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھازىر كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلە ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغاچقا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز قارشىلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ» دېگەن.

بېيجىڭدىكى يەنە بىر ئادۋوكات مۇخبىرغا كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ:«ھازىر ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى» دېگەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك قانۇنشۇناس ياماگاجو ئەپەندى ۋەقە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-تېلېۋىزوردىن بېرىلىۋاتقان ۋەقەگە ئائىت كۆرۈنۈشلەرگە قاراپلا ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بېكىتمەك تولىمۇ قىيىن. ئەگەر شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ۋەقەگە ئائىت نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنىڭ توغرىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىسا، ئاندىن بۇ ۋەقەگە توغرا باھا بەرگىلى بولىدۇ. بولمىسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمىشە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان تەشۋىقاتى بويىچە بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقە دەپ ئېيتىشقا قەتئىي بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.