ياپونىيىدىكى تىبەت ۋەكىلى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ 10-كۈنى ياپونىيىدىكى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى لھاكپا د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن خىتايدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.

سۆھبەتنىڭ باشلىنىشىدا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان تىبەتلىكلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، تىبەت خەلقىنىڭ قەيسەرلىك ھەرىكىتىگە ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى لھاكپا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يەنى دىنىي باستۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەكلەش، مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەجرىبىلەنگەن سىياسەتلەر ئىكەنلىكىنى،خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتايدىكى موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىدە قازانغان تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئەمدىلىكتە سىياسەت سۈپىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق رەزىل سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى مەڭگۈ بويسۇندۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لھاكپا ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان تىبەت دەۋاسىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم لھاكپا ئەپەندىنىڭ سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان تىبەت دەۋاسىنىڭ ياپونىيىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنىشىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيىدىكى تىبەت، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بىرلىكتە ئۆز-ئارا ياردەملىشىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشقا يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيىدە بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ئۈستىدە تەپسىلىي مۇزاكىرىلەشكەن. سۆھبەت چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەشكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، سۆھبەتتىن كېيىن سۆھبەتكە قاتناشقانلار بىرلىكتە غىزالانغان.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىزلەر.