ئۈرۈمچىدىكى پېشقەدەم ئادۋوكات مەمتىمىن ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملىرىغا دۇچار بولغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ئادۋوكات مەمتىمىن بۈگۈن يەنە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 2-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابىغا بولغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىنكاسى، ئىپتارلىق پائالىيەتلەردىكى مەسچىت ئىماملىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق توغرىسىدىكى ۋەز، نەسىھەتلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ مەسچىتلەردە چارلاش ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
نۆۋەتتە، دىققىتىڭلار پېشقەدەم ئادۋوكات مەمتىمىن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پروگراممىسىدا بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.