دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى بىردەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە بۇرىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى كونترول قېلىش ئۈچۈن ئەمدى قانداق يول تۇتىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئەيىبىنى يېپىش ئۈچۈن ۋەقەنى تېررورلۇققا باغلاپ كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.