ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرى دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق تراگېدىيىلىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ تېز ئارتىپ بارغانلىقى، بىراق خىتاينىڭ بۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ دىققىتىنى نوقۇل بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، تىلى، بىخەتەرلىك بىلەن كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئەركىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى رەت قىلىش سىياسىتىگە بولغان ئۇزۇن يىللىق نارازىلىقىنى ھەل قىلمىغان.
دوكلاتتا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ ھۆكۈم كومپارتىيەنىڭ سەزگۈر مۇنازىرىلەرگە سەۋر-تاقەت قىلمايدىغانلىقىدىن ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتىلغان سىياسىتىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىنى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
315 بەتلىك دوكلاتتا بۇ توغرۇلۇق توختىلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەركەز ۋە يەرلىكتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، تېررورلۇققا قارشى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى كۈرەش قىلىشقا ئېھتىياجلىق، دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق چەتئەل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئانالىزچىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىغا چېكىدىن ئاشۇرۇپ كۈچ قوللانغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى، دېگەن.
دوكلاتتا يەنە، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان ئامانلىق تەدبىرى ۋە باستۇرۇشى، ئىقتىسادىي يەكلەش، تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىپادىلىشىگە قارىتىلغان چەكلىمە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىككە تۈرتكە بولماقتا، دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شەرود بروۋېن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ ئىلھام توختىنى قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ: بۇ دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شى جىنپىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشنى كېڭەيتتى، جۈملىدىن مۆتىدىل ئىسلاھاتچىلارنىمۇ باستۇردى. خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭدا ئادىل سايلام ئېلىپ بېرىپ، 2017-يىلى خوڭكوڭ ۋالىسىنى سايلاشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە تەرەققىياتىدا جىددىي چېكىنىش يۈز بەردى. خىتايدا يەنە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ پائالىيەتچىلەر بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئورنىغا، مىللىي جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە ياراملىق كىشىلەر تۈرمىگە تاشلىنىپ، مىللىي زىددىيەت داۋاملىق ئۆتكۈرلەشتى. مۆتىدىل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى، دېدى.
ئاخبارات يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوشۇمچە رەئىسى كرىستوفىر سىمىس سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى بۇرۇنقىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ : بۇ دوكلات خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى. ئۇنىڭدىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ناچارلاشقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. شى جىنپىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلماسلىق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئاتقۇرماسلىق جەھەتتە ئۆزىدىن بۇرۇنقى رەھبەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. مەن دوكلاتنىڭ ھەر بىر بېتىنى ۋاراقلاپ كۆرگەندە، مۇخبىر ۋە كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى خىتاينىڭ قايسى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
كرىستوفىر سىمىس يەنە، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقىنى بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ: دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ۋەزىيەت داۋاملىق ناچارلىشىپ، ئۇلار 2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە فالۇنگوڭغا قارشى داۋاملىق قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ باردى. بۇ، مەزكۇر دوكلاتتا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا يەنە يەر ئاستى خرىستىئان مۇخلىسلىرى باستۇرۇلدى. تىبەت بۇددىستلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. ھەتتا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان رەسمىي پروتېستانت ۋە كاتولىك چېركاۋلىرىمۇ ھازىر چېقىۋېتىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىنىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى، دېدى.
كېڭەش پاتالا ئەزاسى شەرود بروۋېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىدىغان ھالقىلىق ئامىل بولۇپ، بۇ نۇقتا دوكلاتتا ئالاھىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇ: دوكلاتتا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش بىزنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىمىز بىلەن زىچ ئالاقىدار ئىكەنلىكى نامايان قىلىنغان. خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا، بىز قانداق قىلىپ ئۇنىڭ سودىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلايمىز. بىز، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، بىز ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتەلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر تەرەپلىمىلىك تەدبىرگە ئېھتىياجلىق، دېدى.
خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، زوراۋانلىق ياكى تېررورلۇق بىلەن تىنچ ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى پەرقلەندۈرمەي باستۇرۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە ئانالىزچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا، ئىچكى-تاشقى كۆزەتكۈچىلەر ۋە خەلقئارا ئاخبارات خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى چۈشەندۈرۈشىگە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلارغا بېرىپ، خەۋەر بېرىشىنى رەت قىلىشىغا گۇمانلىق سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەلەردە ئوچۇق ئاشكارا بولمايۋاتقانلىقى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ تەپسىلاتى، جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇنى تەرتىپلەرنى ئېلان قىلمايۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.