خىتاينىڭ يېڭى پاسپورت ۋە نوپۇس سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇرلار يەنىلا تەڭسىزلىككە ئۇچرىماقتا

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشقا ئالغان قارارلىرىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش، ھايات كەچۈرۈش يوللىرى بارغانچە تارلاشقان ئىدى، ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ شەخسىي پاسپورت بېجىرىشىنىڭمۇ ھەسسىلەپ قىيىنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يېقىندا «پۈتۈن شەھەردىكى نوپۇسسىزلارنىڭ نوپۇسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش» نى چۈشۈرۈپ، 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 9 تۈرلۈك نوپۇسسىزلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم بىر تۇتاش ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر يەنە بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىن باشقا، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە «بىرلا بېكەت» تە پاسپورت بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھالبۇكى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن بۇ قۇلاي سىياسەتلەرنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلەرگە قارىتىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۈرۈمچى خۇڭشەن تورى 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مۇشۇ يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، شەھەردىكى 9 تۈرلۈك نوپۇسسىزلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم بىر تۇتاش ھەل قىلماقچى بولدى» دەپ كۆرسىتىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنىڭ سۆزىچە، بۇ 9 تۈرلۈك نوپۇسسىزلار: يېڭى تۇغۇلغانلار، بېقىۋېلىنغانلار، تارقاقلاشتۇرۇلۇپ چۈشۈرۈلگەنلەر، نوپۇسى ئۈرۈمچىدە لېكىن ئۇزۇن مەزگىل سىرتتا يۈرگەن سەۋەبلەر بىلەن نوپۇسى ئۆچۈرۈلگەنلەر، ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر، ھەربىي سەپتىن يانغانلار، نوپۇس كۆچۈرۈش ئىسپاتىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلەر، ئۈرۈمچىلىك بولمىغان نوپۇسسىزلار شۇنداقلا ئالاھىدە ئەھۋالدىكى نوپۇسسىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى چېگىرىدىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي پېڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن «ھازىر چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىدىغان ئامما بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇڭا، بىرلا بېكەتتە بېجىرىپ بولۇش مۇلازىمىتى يولغا قويدۇق».

«بىرلا بېكەت» تە بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ ئىمزا قويۇپ، تامغا باسقۇزۇشى ھاجەتسىز بولۇپ، چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرىدىغان ساقچىلار ساندان ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرسىلا بولىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ خىل مۇلازىمەت شەكلى ئۈرۈمچىدىن باشقا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە يۈرگۈزۈلىدىكەن. ئۈرۈمچىنىڭ سانلىق مەلۇمات مىقدارى كۆپ بولغاچقا، كېلەر يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل مۇلازىمەتنى يولغا قويۇش مۆلچەرلىنىۋېتىپتۇ. ئەمما بۇ خىل مۇلازىمەت يولغا قويغان شەھەرلەر ئىچىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست ۋە ئىلى ئوبلاستى كىرگۈزۈلگەن.

دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىن تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا ئاممىنىڭ نوپۇس كەسپىنى بېجىرىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ساقچىخانىلار ئارا كۆپ قېتىم قاتراپ ئاۋارە بولىدىغان قۇلايسىزلىققا قارىتا، ج خ نازارىتى «بىرلا بېكەت»تە بېجىرىش خىزمەت شەكلىنى ئاكتىپ يولغا قويغانلىقى تەشۋىق قىلىندى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇنازىرە تور بەتلىرىدە نوپۇس ۋە پاسپورت بېجىرىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىمەكتە.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار بۇ قۇلايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىدىن يەنىلا مۇستەسنا قالدىمۇ ؟ بۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىكى بىر ۋاكالىتەن پاسپورت بېجىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى «بۇ يېڭى سىياسەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدىن كېلىۋاتقان مۇشۇلارنىڭ ) خىتايلارنىڭ( ياشاش، ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى تېخىمۇ تەسلىشىۋاتىدۇ....» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ ئۇيغۇر يەنە، ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىش بارغانچە تەسلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، مۇلازىمەت ھەققىنىڭمۇ يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى، ئادەتتە پاسپورت بېجىرىش ھەققى 250 سوم قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن ۋاكالىتەن پاسپورت بېجىرىۋاتقان شىركەت ياكى شەخسلەرگە 20 مىڭ سوم ھەتتا 50، 60 مىڭ سوم تۆلەپمۇ پاسپورتنى قولىغا ئالالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نوپۇس ۋە پاسپورت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە خىتايلاردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى ئەمەس، دۈشمىنى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، خىتاينىڭ پاسپورت بېجىرىشتىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئايرىم سىياسەت تۇتۇشى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ خىلاپ بىر قىلمىش، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئالالماسلىقىدەك بىر ۋەزىيەت دۇنيانىڭ باشقا ھېچقانداق يېرىدە ئۇچرىمايدىغان ئېغىر بىر كەمسىتىش دەپ ئەيىبلىدى ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان بۇ خىل ھەقسىزلىق ۋە تەڭسىزلىكلەرنىڭ ئاخىرى تېخىمۇ زور قارشىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.